- جۇغلانما
- 942
UID41469
تىزىملاتقان2014-5-20
ئاخىرقى قېتىم2014-10-14
توردا694 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 942
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىجىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-3 20:20
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
مەن بۈگۈن سىلەرگە يانفۇندا روم تەرجىمە قىلىشنى تۇنۇشتۇرماقچى.
كۆپلىگەن تورداشلار يانفۇندا ئەپ تەرجىمە قىلىش تەسكە توختىغان يەردە روم تەرجىمە قىلىش مۇمكىن ئەمەس دىيىشى مۇمكىن،ئەمىلىيەتتە يانفۇندا روم تەرجىمە قىلىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس،
بۇنىڭ جەريانى مۇنداق:
1.ئەپ تەھرىرلىگۈچ تەييارلاش
ئەپ تەھرىرلىگۈچ يەنىapk编辑器نىڭ 1.9نەشىرىنى تەييارلايسىز،چۈنكى بۇ نەشىرىدە رومنىڭ چوڭ ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ قېتىپ قالمايدۇ،
2.مۇۋاپىق WINRARنىڭ ئاندوروئىد نەشىرىنى تاللاش
ئەپ تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندا WINRARبىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمە بولغان ئەپنىڭ تىل ھۆججىتىنى خەنزۇچە ئەپنىڭ ئىچىدىكى تىل ھۆججىتى بىلەن ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ
3.روم تاللاش
مۇۋاپىق ئۈزىڭىز تەرجىمە قىلىشقا قۇلاي روملارنى تاللايسىز،ئەسكەرتىش خۇاۋېينىڭEMOTIONتىپلىق روملىرىنى ئەپ تەھرىرلىگۈچتە تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق رومنى ئەپ تەھرىرلىگۈچتە تەرجىمە قىلىش تامامەن مۇمكىن
4.مۇۋاپىق APKTOOLتاللاش ۋە ئىشلىتىش
ئۈزىڭىزنىڭ تېلىفۇنىغا ماس كىلىدىغان APKTOOLنى چۈشۈرىسىز ،ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنبەردە بار
5.رومنى تەرجىمە قىلىش
سىز ئۈزىڭىز تاللىغان رومنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىWINRARدا ئېچىپ sestemھۆججەت قىسقۇچىغا كىرىپ appھۆججەت قىسقۇچىنى بېسىپ تۇرسىڭىز 复制到剪贴板دىگەن خەت چىقىدۇ شۇنى بېسىپ باش ساقلاش كارتىسىنىڭ باش مۇندەرىجىسىگە چىكىنىپ خالىغان ھۆججەت قىسقۇچىنى بېسىپ تۇرسىڭىز粘贴دىگەن خەت چىقىدۇ ،شۇنى بىر چىكىۋەتسىڭىز بايامقى appمۇندەرىجىسى ساقلاش كارتىسنىڭ باش مۇندەرىجىسىگە نۇسخىلىندۇ، ئاندىن سىز يەنە رومغا كىرىپ sestemھۆججەت قىسقۇچىنى چىكىپ يەنە framework ھۆججەت قىسقۇچىنى بايىقى ئۇسۇلدا نۇسخىلايسىز .
سىز ئەپ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى قاچىلىغاندىن كىيىن ساقلاش كارتىسىغا كىرىپ appھۆججەت قىسقۇچىغا كىرىپ ئەپلەرنى بىر بىرلەپ تەرجىمە قىلىشقا باشلايسىز،تەرجىمە قىلىش مەشخۇلاتى ئادەتتىكى ئەپلەرنى تەرجىمە قىلغانغا ئوخشاش، ئەسكەرتىش ئەپنى بىر قېتىمدىلا تەرجىمە قىلىپ تۈگىتىڭ،ئىككىنچى قېتىم قايتا كىرىپ تەرجىمە قىلسىڭىز شۇ ئەپنىڭ ئاستىدا پەيدا بولغان bakھەرىپى قۇشۇلۇپ قالغان ھۆججەتتىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ. frameworkھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى ئەپلەرنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلسىڭىز بولىدۇ .
ھەممە ئەپلەر تەرجىمە بۇلۇپ بولغاندىن كىيىن WINRARنى ئاچىسىز ،ئاندىن بايىقى ھۆججەت قىسقۇچقا كىرىسىز ،ئاندىن تەرجىمە بۇلغان ئەپنى چىكىسىز چەكسىڭىزلا ئەپنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ،ئاندىن resources.arscئىسىملىك ھۆججەتنى بېسىپ تۇرسىڭىز复制到剪贴板دىگەن خەت چىقىدۇ شۇنى بىر بېسىۋىتىپ چىكىنىپ خالىغان ئەپنى چەكسىڭىز新建文件夹دىگەن خەتنى بېسىپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ،ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۈستىدىكى خەتنى بېسىپ چىققان تىزىملىكتىن粘贴نى باسسىڭىز بايىقى resources.arsc ھۆججىتى پەيدا بۇلىدۇ مۇشۇنى بېسىپ تۇرۇپ چىققان تىزىملىتىن 剪切نى تاللاپ چىكىنىسىز ،ئاندىن بايىقى resources.arsc ھۆججتىنى ئالغان ئەپنىڭ ئاستىدىكى ئوخشاش ئىسىملىك پەقەت كەينىدەbakخېتى قۇشۇلۇپ قالغان ئەپنى چىكىپ كىرىپ ئىچىدىكى resources.arsc ھۆججىتىنى بېسىپ تۇرسىڭىز 删除 چىقىدۇ شۇنى بېسىپ بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋىتىپ ئۈستىدىكى خالىغان ھۆججەتنى بېسىپ تۇرسىڭىز 粘贴خىتى چىقىدۇ شۇنى باسسىڭىز resources.arsc پەيدا بولىدۇ چىكىنىپ چىكىنگەن bakھۆججىتىنىڭ ئۈستىدىكى apkنى بېسىپ تۇرسىڭىز删除خىتى چىقىدۇ شۇنى بېسىپ ئۆچۈرىۋېتىپ بايىقى ئۆزگەرىتكەن bakھۆججىتىنى بېسىپتۇرسىڭىز 重命名نى بېسىپ ھۆججەتنىڭ ئىسمىدىكى apkدىن كىيىنكى خەتلەرنى ئۆچۈرىۋىتىسىز يەنى.bakنى ئۆچۈرىۋىتىپ 确定نى بېسىپ ساقلىسىڭىز بايامقى تەرجىمە قىلغان ئەپكە ئوخشاش يېڭى بىر ئەپ پەيدا بولىدۇ،ھەممە ئەپلەرنى مۇشۇ ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىسىز تاكى رومدىكى ئەپلەر تۈگىگىچە.
ئاندىن پۈتۈن ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ بايىقى ئۇسۇل بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن ،WINRARدا رومغا كىرىپ sestemنى چىكىپ appبىلەن framework نى ئۆچۈرىۋىتىپ بايىقى تەرجىمە قىلىپ بولغان ھۆججەت قىسقۇچلارنى رومنىڭ sestemئىچىگە ئەكىرىپ قۇيىسىز،مۇشۇنىڭ بىلەن بىر روم تەرجىمە بولىدۇ،ئەمما بۇ رومدا خەنزۇچە تىل مەۋجۇت بولمايدۇ،كىلەركى قېتىملىق يازمامدا تىل قۇشۇش توغرىلىق تەپسىلىي مەزمۇنلار يىزىلىدۇ،
بۇ ئۆزەم ئىشلىتىۋاتقان لازىملىق قوراللار ۋەئۆزۈم بىر بىرمۇ بىر يىغىپ چىققان سۆزلۈك ئامبارلىرى،بۇ سۆزلۈك ئامبىرىنى يىغىشقا نەچچە ھەپتىلىك ئەجرىم كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەقلىق يوللاش قارارىغا كەلدىم،
ئەسكەرتىش بۇ سۆزلۈك ئامبارلىرىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق يىغىپ چىققان،بۇ سۆزلۈك ئامبارلىرى بىلەن روملارنى 90%ئەتراپىدا تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ،بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرسىڭىز ئىچىدە مەن قۇرغان چ چ توپىنىڭ نۇمۇرى بار،بۇ چ چ توپىغا ئەزا بولسىڭىز بۇندىن كىيىن ئۆزۈم يىغقان سۆزلۈك ئامبارلىرىنى ئەۋەتىپ بىرىمەن،ھەقسىز قىلماپتۇ دەپ قالايمىقان ئىنكاس يازمىساڭلار،جاپادىن قورقمىساڭلار سېتىۋالمىساڭلارمۇ بولىدۇ
سۆزلۈك ۋە قورال
ambar.txt
(30 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 11, باھاسى: 21 ئاقچا)
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|