- جۇغلانما
- 1063
UID14669
تىزىملاتقان2013-3-8
ئاخىرقى قېتىم2014-9-3
توردا309 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1063
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سىز يانفۇنىڭىزدا ياكى تور بار يەردە بەيدۇدىن diskghius دەپ ئىزدەپ، بارماق دېسكا ياكى سىغىم كارتىڭىزغا چۈشىرۋېلىڭ. ئاندىن كومپيۇتېرنى winpeدىن قوزغىتىپ، بارماق دېسكىدىكى بايا چۈشۈرگەن diskghiusدىتالىنى قوزغىتىپ، ئۇنىڭ تىزىملىك رايۇنىنى ئېچىپ 恢复硬盘分区نى تاللاپ، چىققان كۆزنەكتىن 开始نى باسسىڭىز، رايۇنلارنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا تېپىپ بەرگەن رايۇنلارنى ساقلامسىز دەپ سورىغاندا، ئوبدان كۆرۈپ ماقۇل بولۇڭ. سىغىمى، دىسكا نامى، يان كۆزنەكتىكى كۆرۈنگەن ماتىرياللارنىڭ شۇ ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىقلارغا ئوبدان قاراپ، ئاندىن 是ياكى保存نى تاللاڭ. مۇشۇ يۇسۇندا ھەممە رايۇنلارنى ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇن: چوقۇم قايتا رايۇنغا ئايرىمىغان، سېستىما قاچىلىمىغان بولىشىڭىز شەرت. شۇندىلا ماتىرياللىڭىز شۇ پىتى 100% ئەسلىگە كىلىدۇ.
ھە راس، يۇقارقىلارنى قىلىشتىن ئاۋال قاتتىق دېسكىنىڭ سىم يوللىرىنى باشقا ئوخشاش سىم يوللىرىغا ياكى يىڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ. پەقەت بولمىغاندا ئاندىن يۇقارقىدەك قىلىڭ. مەن شۇنداق ئۇسول بىلەن، تۇيۇقسىز رايۇنلىرى يۇقاپ كەتكەن قاتتىق دېسكامنى ئەسلىگە ئەكىلىۋالغان. سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
ئۇندىن باشقا، تورداشلارغا دەيدىغىنىم: ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتاللىرىنى ئىشلىتىشتە، توغرا قاراش بىلەن ئىشلىتىڭلا. قاتتىق دېسكىنىڭ ماتىريال ساقلىشى بىلەن ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ ئاۋاز ساقلىشى ئوخشىشىپ قالىدۇ. سىز ئۈن ئېلىنغان لېنتىغا يەنە باستۇرۇپ ئاۋاز ئېلىۋەتسىڭىز، ئاشۇ باستۇرۋېتىلگەن قىسمىدىكى ئاۋازنى قانداقلا قىلسىڭىز تاپالمايسىز. شۇنىڭدەك فۇرماتلىنىپ كەتكەن ياكى باشقا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يالغان يۇيۇلۇپ كەتكەن دىسكا رايۇنىغا، مەلۇمماتىريالنى قاچىلىۋەتسىڭىز، ئاشۇ ماتىريال قاچىلىغان دىسك بۆلىكىدىكى ماتىريالنى ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولمايدۇ. بەزىدە ئەسلىگەكەلگەندەك قىلسىمۇ ئۇ بۇرۇنقىدەك بولماي قالىدۇ. ئادەتتىكى يۇيۇش مەشغۇلاتى يۇيۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن ھۆجەتنىڭ كومپيۇتېردىكى ئادرىسى ۋە كىملىك، ئارخىپىنى يۇيىۋېتىدۇ خالاس. بۇخۇددى سىزنىڭ كىملىك ۋە ئارخىپىڭىز دۆلەتنىڭ ئارخىپ ئامبىرىدىن يۇقىلىپ كەتسە، سىز ھايات بولسىڭىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەندەكلا بىر ئىش. تېز فورماتلاشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەمدى چۈشەندۇققۇ دەيمەن. ئاتالمىش ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىگەن ئەشۇ ئادرىسى ۋە ئارخىپى يوقالغان نەرسىلەرنى قايتا كومپيۇتېرغا تونۇتۇپ تىزىملاشتىن ئىبارەت خالاس. شۇڭا دوسلارنىڭ ماتېرياللىرى يۇقاپ كەتكەندە ئالدىراپ كەتمەي، سەۋەبىنى ياخشى ئويلىنىپ ياخشى ئۇسول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. |
|