|
ئالدىنقى يىلى سۇيۇق ئىكرانىم ئىشلەپ تۇرۇپلا سەل غۇۋالىشىپ ئاندىن ئۈچۈپ قالىدىغان بۇپ قالدى، قايتا ئۈچۈرۈپ-ياندۇرسام نورمال، يەنە ئازراق ۋاقىتتىن كىيىنلا ئۈچۈپ قالىدۇ، قىزىل بايراق يۇلىدىكى كومپىئوتىر سەھەرچىسى ئەڭ ئاستى قەۋەت ئا05 تىكى پەرھاتجانغا دىسەم كوندىساتورنىڭ ئىششى دىگەندىن كىيىن ، يۇقىرى بىسىم چىقىش ئۇچىدىكى 3كىلوۋولىتلىق كوندىساتورنى ئىلىۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مەزگىل ئىشلەپ يەنە شۇنداق بۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن 22دىوملۇق ئىكراندىن بىرنى ئىلىپ ئىشلەتتىم. يىقىندا ھاۋا ئىسسىق بىر كۈنى كومپىئوتىرنى ئۈچۈرمەيلا سىرىتقا چىقىپ ئىككى سائەتتىن كىيىن كىلىپ قارىسام ئىكراننىڭ ئاستىدىكى قىزىل چىراق لەپىلدەپ تۇختىمايدۇ،ھەم ئىكران يورۇمايدۇ. ئەسلى سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت ۋاختى بار ئىدى، ئۆزەم رىمونىت قىلىپ. مۇشۇ تۇغرىلىق تىما يىزىش ئىستىكىدە يىقىندىكى بىر بالىدىن بىر ئىكراننى ئاچىقىپ ماتىريال ئىزدەپ ئۆزەم رىمونىت قىلىۋالماقچى بولدۇم، كىرسەم بىر ئازراق يورۇپ ئۈچۈپ قالىدىغان ئىكران بار دىۋىدى، شۇنى ئاچىقىپ رىمونىت قىلىپ ئىشلىتەي دىدىم، ئاچىقىپ ئاچسام بۇرۇن بىر رىمونىتقا چۈشۈپ، يۇقىرى بىسىم توك يۇلى سەپلەنگەن ئىكەن.
مەن ئايرىم توك يۇلىنى ئىلىۋىتىپ ئەسلى توك يۇلىغا بىر تال ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنى مەنبەسىگە ئارقىمۇ-ئارقا قىلىپ يۇقىرى بىسىم قىسمىغا تەمىنلىنىدىغان توك بىسىمىنى 0.6 ۋولىت تۈۋەنلىتىپ قويسام يېرىم كۈن ياخشى ئىشلىدى، ھاۋا ئىسسىق بولغاچ شۇنداقمۇ دەپ ئويلاپ سۇۋۇتقۇچنى چوڭلىتىپ قويسام تەسىرى بولمىدى، ئاندىن 400 ۋولىت كوندىساتورنى تومپايمىغان بولسىمۇ قۇمۇرۇپ ئۆلچىسەم ئىنتايىن نورمال. چىقىش بىسىمدىكى تومپىيىپ قالغان كوندىساتورلارنى ئالماشتۇرۇپ قويساممۇ بولمىدى، كىيىن ياخشىراق قارىسام بىر كوندىساتورنىڭ +پۇتى يالغان كەپشەركەن، قايتا كەپشەرلەپ قۇيىۋدىم سەل ئىشلەپلا يەنە بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن چىقىش تۇكىنى رەتلەيدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئىسسىقلىق تارقاتقۇچنىڭ بەك قىززىپ كەتكىنىنى بايقاپ، لامپىدىن ئىككىسىنىلا ئاماشتۇرۋەتتىم. ئەسلى بۇرۇنقى نەرسە بولغاچ شۇ لامپىسىنىڭ قۇۋۋىتى كىچىككەن، ئالماشتۇرغاندىن كىيىنلا ئوڭشالدى(بۇ لامپا ئادەتتىكى 4001 لامپىلارغا ئۇخشىمايدۇ، يۇقىرى چاستوتىلىق ئىقىم رەتلەشتە ئىشلىتىلىدۇ). ئادەتتە بۇنداق كاشالدا ئالدىراپ قۇشۇمچە يۇقىرى بىسىملىق تاختا سەپلىمەسلىك كېرەككەن، ئونۋىرسال توك يۇلى تاختىسىنى ئالماشتۇرسا كۈپىنچە توك بىسىم ماسلاشماي ئىكران ئاپ-ئاق بۇلىۋىلىپ سۈرەت چىقمايدىكەن. دىمەك ئاساسلىق شۇ كوندىساتور بۇزۇلۇپ قالىدىكەن.
كۈپىنچە كاشال قىزىل بەلگە سىلىنغان ئورۇنلاردىن چىقىدۇ. ئاز كۆرۈلىدىغىنى كىچىك قىزىل بەلگە. بەزىلېرىدە يۇقىرى بىسىم تىرانسىفورماتورىنىڭ يىنىدىكى كوندىساتور توكقا ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىدىكەن، شۇڭا بەزىلېرىدە بۇ كوندىساتور بۇزۇلمايدۇ.
ئەمدى 22 دىيوملۇق ئىكران كاشلىسى بولسا مەنبە چىرىقى لەپىلدەپ تۇرىۋىلىش ئاساسلىقى قوزغاتقۇچ توك يۇلى دىكى كاشالكەن. توك مەنبە ۋە يۇقىرى بىسىملىق توك يوللېرىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ چىقتىم، كاشال يوق. ئادەتتە بۇنداق كاشال چىققاندا شامال داغمال بىلەن قوزغاتقۇچ توك يول تاختىسىنى بىر باشتىن قىزدۇرۇپ كەپشەرلېرىنى پۇختىلاپ ئوڭشىۋالغانلارمۇ باركەن، مەن شۇنداق قىلسام ئوڭشالمىدى.
تەكشۈرۈشتە ئاساسلىق 3.3ۋولىت. 5 ۋولىت،12ۋولىت توكلار بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرىدىكەنمىز. مەن ئۆلچىسەم مىنىڭ ئىكرانىمنىڭ قوزغاتقۇچ توك تاختىسىدا 3.3 ۋولىتلىق مۇقىملاشتۇرغۇچتىن ئىككىسى باركەن، بىرىگە 5 ۋولىتلىق مەنبە تۇكى كەلمەيدىكەن. دۇلقۇن كۆرسەتكۈچ بۇ نەرسىنى رىمونىت قىلغاندا لازىم بولمايدىكەن، شۇڭا ئادەتتىكى رىمونىتچىلىق ئەسۋاپلېرىمىزلا يىتەرلىك بۇلىدىكەن. مەن ئۇ تۆت يورۇتۇش لامپىسى ئىشلىتىلگەن توك يۇلى تاختىسىنىڭ ئورنىغا بۇرۇن ئىكرانى چىقىلىپ كەتكەن ئىكراننىڭ ئىككى لامپىنى يورۇتىدىغان توك يۇلىنى سىلىپ(ئىككى لامپىلىق ئىكراننىڭ توك يۇلىنى تۆت لامپىلىق ئىكرانغا سەپلىسە بۇلىۋېرىدىكەن، ئەمما تۆت لامپىلىق ئىكراننىڭ توك يۇلىنى ئىككى لامپىلىق ئىكرانغا سەپلىگىلى بولمايدىكەن)، ئىكراننىڭ ئاستى-ئۈستى ئىككى چىرىقىنى يورۇتىدىغان قىلىپ سالسام پۈتۈنلەي ئىسلىگە كەلدى، ئەمما قوزغاتقۇچتىن چىقىدىغان كونتۇرول كۇنۇپكىلېرىغا بارىدىغان توكلارنى رەتلەيمەن دىسەم كۆپ ۋاختىم ئىسراپ بولغۇدەك، چۇنكى مىنىڭ ئىكرانىمنىڭ توك مەنبە كۇنۇپكىسى سىزىمچان كۇنۇپكا ئىدى. ۋاقىت چىققانچە قوزغاتقۇچنى رىمونىت قىلىپ باقاي دىسەم ئىچكىرىدىن سايمان ئاچىقتۇرىدىغان ئىشكەن، ئۆزەم ئالدىراش بولغاچ ئەسلىدىكىدەك قىپ قۇيۇڭ دەپ پەرھاتجانغا ئىۋەتىۋەتتىم. 18999988224 (پەرھاتجاننىڭ سودىسى ئادەتتە بەك ئىتتىك، ئالدىراش بولغاچ ئارتۇقچە ئىشلارغا تىلفون قىلماڭ). |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|