ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: Padichi
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پادىچى:پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن [9]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

423

يازما

2274

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
5780
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-19 20:35  

.ئەسسلەلامۇ ئەلەيكۇم!
QQ截图20140619141117.png
  خوش ، پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى!
  تۈنۈگۈن سۆزلەپ قەيەرگە كەلگەنتۇق؟ ھە راس،سىكرىپىت تىلىنىڭ ئاسالىق لوگىكىسى! شۇنداققۇ دەيمەن؟ بۈگۈن شۇ مەزمۇننىىڭ داۋامىنى سىكرىپىت تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە دۇنيادىكى نوپۇزىنى شۇنداقلا شۇنىڭغا يانداش بولغان بىرقىسىم مۇھىم تەپسىلاتلار ھەققدە پىكىرلىشىمىز.

  سىكرىپىت سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى ئەسلى نۇسقا،قول يازما،پوچۇركا قاتارلىقلار بولۇپ بۇلارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىقراقى «قول يازما»  دىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ تىل پىروگىرامما تىللىرى ئىچىدە گىراماتىكىسى بىرقەدەر ئاددى ھەم ئەڭ مۇھىمى بولۇپ ئەگەر قىزىقىش بولسىلا بىرەر ئىككى ئايدىلا ماقالە يازغاندەك يازىدىغان سەۋىيەگە يەتكىلى بولىدۇ. ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ دىيىشىچە ساۋادىنى چىقىرىپ پىروگىرامما تۈزۈگىدەك سەۋىيەگە يىتىش ئۈچۈن 21 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت يىتىدىكەن.
images.jpg

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىلنىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتىغا قويغان شەرتى ناھايىتى تۆۋەن يەنى بىر دانە ئىقتىدارلىق توركۆرگۈ يىتەرلىك! ئەڭ خۇشالنىلارلىق يىرى ئەگەر سىز تور پىروگىرامما تىلىنى ئۆگەنسىڭىز تور بەتلا ئاچالىشىڭىز مۇمكىن،جاۋا قاتارلىق كارخانا يۇمشاق دىتال تىللىرىنى ئۆگەنسىڭىز شۇنىلا قىلالىشىڭىز مۇمكىن ئەمما جاۋا سىكرىپىت تىلى ئارقىلىق توربەت ئاچقاندىن باشقا،ئۆيمۈلۈك،تاللا بازارلارنىڭ سېستىمىللىرىنى توركۆرگۈ ئارقىلىق كونتىرول قىلىدىغان ئىلغار دۇكان باشقۇرۇش سېستىمىللىرىنى جاۋا ۋە س شارىپقا قارىغاندا ھىچقانچە كۈچىمەيلا ياسىيالايسىز ۋە ئىجرا مۇھىتى ۋە باشقا چەكلىمىلەر جەھەتتىن قىلچىلىك باش ئاغرىقىڭىز بولمايدۇ. سىزچە ھەممىسى مۇشۇلىمىدۇ؟ ياق ئەلىۋەتتە ! سىز يەنە بۇ تىل ئارقىلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەپ ئاچالايسىز! گەرچە تىلىفوننىڭ يادروسىغا تەسىر قىلالمىسىڭىزمۇ،يەنى كامىرا،قول چىراغ قاتارلىق تىلىفون يادرو كودىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەپلەرنى ياسىيالمىسىڭىزمۇ، كىتاب،ئەپ بازىرى تىپىدىكى يەڭگىل ۋە ئىسىل ئۈنۈملۈك ئەپلەرنى ياساشتا ناھايىتى كۆپ يوللارنى ئاز باسىسىز. تېخىمۇ مۇھىمى : ھەممىمىزگە مەلۇم ئەقلىفونلارنىڭ ئىكران كەڭلىكى بىر-بىرىگە قەتئى ئوخشىمايدۇ،مانا بۇ ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغىرقى يەنە كىلىپ ئاندىروئىت تېلفونلارنىڭ كەمىدە 35~50 خىل ئەتراپىدا ئىكران نۇسقىللىرى بارغۇ دەيمەن، ئۇشششاق،سويمىللىرىنى ئىلغىۋىتىپ ئەڭ ئومۇملاشقان 5~10 غىچەنى ئايرىۋالغاندىمۇ بۇلارغا ئايرىم - ئايرىم ئەپ ئاچامسىز؟ ھەممىسىنىڭ ئىكران كەڭلىكىگە توغرا كىلىدىغان ئەپنى قانداق ياسايسىز؟، مەن بۇ ئەقلىفون ئەپشۇناسلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىدىم ئەمما قىسقىغىنە بىر يىلغا يەتمىگەن كودپەزلىك قىلىش جەريانىمدىن ھىس قىلغىنىم ئەقلىفونغا ئەپ ئاچىدىغان ئەپشۇناسلار ئۈچۈن بۇ بىر باش ئاغىرقى،جاۋا سىكرىپىت بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئاددى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلغان.

   ئەمما بۇ يەردە يۇقارقى ھەرقانداق سەۋەبتىنمۇ بەكراق ئادەمنى ھاياجانلاندۇردىغان يەنە بىر سەۋەب بار ئۇ بولسىمۇ : بۇلۇت سۇپىسىدۇر. يەنى ھەممىمىزگە مەلۇملۇق بۇ ساھەنىڭ ئەڭ يېڭى مودىسى بۇلۇت سۇپىسىدىن ئىبارەت، ئەمدى ئىلگىركىدەك يەرلىككە قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان سېستىما ياكى يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئورنىنى توركۆرگۈ ئارقىلىقلا مەشغۇلات قىلىدىغان بۇلۇت سۇپىسىدىكى يۇمشاق دىتاللار ئاستا-ئاستا ئىگىلەيدۇ دىسەم بەلكىم خاتالاشقان بولماسمەن. ئەگەر يامان كۈننىڭ ياخشىسى كىلىپ پەرىزىم تاساددىپى توغرا چىقىپ قالسا ----؟؟؟ ئالە شەرىڭنى ئۇ چاغدا ئىش ئوخشايدۇ. ئويلاپ بېقىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال سىزچە قانداق بولا؟ تور كۆرگۈ بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان يۇمشاق دىتال دىگىنىمىز تور كۆرگۈ خۇددى كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئىكرانىدەكلا مۇھىم ئورۇنغا چىقىدۇ دىگەنلىك! دىمەك ئەمدى كىمنىڭ تور كۆرگۈ بىلەن تۇغقاندارچىلىقى بولسا شۇنىڭ جاھان سورايدىغان ۋاقتى كەلدى دىگەن سۆزمۇ قانداق؟؟!!؟
قىستۇرما ئەسكەرتىش : بۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ جاۋا ۋە باشقا ئانا ياكى ئاكا يوللۇق تىللارنىڭ زامانىسى ئاخىرلاشتى دىگەنلىك ئەمەس ، بۇ توغىرلىق خاتىرىمىزنىڭ داۋامىدا ئايرىم توختىلىمىز.  ئوماق خوتەن شىۋىسى بىلەن ئېيتقاندا : ئالدىيماي تۇيۇڭ!
th.jpg

  ھەركۈنى چوڭ مەزمۇنلار بويىچە ئايررىپ ۋاقتىمنىڭ يىتىشچە يىزىۋاتىمەن ، مىڭ بىركېچە ھىكايىللىرىدەك ئۇزىراپ ئايىقى چىقمايۋاتقان يازمىللىرىمىزدىن بىزار بولغان قېىرىنداشلار بولسا دەل ۋاقتىدا پىكىر بېرىشىنى سورايمەن،ئەلىۋەتتە ھىكايىللىرىمىزنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشڭلار ئۈچۈن داۋاملاشتۇراۋاتقان ئىكەنمىز ، يەنە ئوخشاشلا سىلەرنىڭ پايداڭلار ئۈچۈن ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتسەك ياكى )ئومۇمى پىكىر بولسا( ئاخىرلاشتۇرساق تامامەن بولىدۇ.  ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، داۋامىغا قىزىقىۋاتقان بولساڭلا، شەھرازات بۈگۈن كەچتىكى ھىكايىسىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇردى. ئەتىدىكى مەزمۇنلار تېخىمۇ سەرخىل!

     2014.6.19      
    -مەركىزى شەھەر
     -پادىچى
               

              مەن بۇ بىر يۈرۈش يازمىللىرىمنى بارغانسىرى قىزىيدۇ،ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولىدۇ،مۇنازىرىلەر بارغانسىرى قىزىيدۇ دىگەن ئۈمۈدلەردە داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتاتىتىم ئەمما نەتىجە مىنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكىسچە ، ئىلگىركى يازمىللىرىمدا 5~10 بەتلىك مۇنازىرلەر بولاتتى ئەمما بۇ  بىر بەتكىمۇ توشمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟ يەنى ئاخىرى ياخشى داۋاملاشمايۋاتامدۇ؟ ئەگەر پىكىر تەكلىپ بولسا دىسەڭلا! ئاساسلىق مەقىسەت بىر مۇنازىرە ئىلىم سورۇنى يارىتىش ئىدى!
          ئەگەر ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلار مەزكۇر بىر يۈرۈش ماقالىلىرىم ئاخىرلاشقاندىن كىين ھەممە يازمىللىرىمنى (ئەرزىيدۇ دەپ قارىسا)  ئېلىكىتاب قىلىپ ئىشلەپ تارقاتسا تامامەن بولىدۇ بۇ ھەم ماڭا ھەم باشقا قېرىنداشلارغا قىلىنغان چوڭ ياردەم!
- رەھمەت

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
palwan0997 + 10 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....
جۇلا ئەپ بازىرى

26

تېما

423

يازما

2274

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
5780
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-19 14:21:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن  بولسا  بارلىق تىمىللىرىمنى باشقا مۇنبەرلەرگە تارقاتساڭلا تامامەن بولىدۇ.
تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

0

تېما

48

يازما

90

تەجرىبە

يوللاش چەكلەنگەن

نادىر
0
جۇغلانما
245
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-19 14:25:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
جۇلا ئەپ بازىرى

10

تېما

167

يازما

345

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1612
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-19 14:41:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىلىق مۇشۇنداق ياخشى تېمىللىرىڭىز ئۇزلۇپ قالمىسۇن

7

تېما

171

يازما

354

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2377
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-19 14:46:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرسەم ھاياجانلىنىپ جاۋا نى قايتا باشلىۋالغۇم كېلىدۇ.
ئاللاھ خالىسا نىسىپ بولار.

1

تېما

270

يازما

387

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1262
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-19 15:34:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچىنىڭ بارلىق تېمىلىرىنى يىغىپ بىر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ساقلاپ قويساق بۇلارمۇ؟ ئالىپ ئەپەندىم ، ئوقۇساق ئاز تولا بىر نەرسىنىڭ تىگىگە يەتكەندەك ھېس قىلىدىكەن كىشى

0

تېما

54

يازما

215

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
630
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-19 15:38:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاللا  نىمدەيدىغانسىلەر بولسا يوللاۋىرىڭلار مانداق تېمىنى  زىرىكمەي ئۇقۇيمىز ھە...لىكىن ئەمدىلا ئوقوشۇمغا تۈگەپ كەتتى مەن بۇرۇنقى ھېكايىلەرگە قۇلاق سالماپتىكەن باشتىن باشلاپ بىر ئاڭلاپ كىلەي

3

تېما

163

يازما

167

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

华为G610-u00

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1429
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-6-19 15:42:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gamkin يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 14:25
دۇسلا جىددى ياردەم sdكارتامدىكى مۇھىم ئەپلەر يۇلىپ كەت ...

金山数据恢复破解版 مۇشۇنى ئىشلىتىڭ

26

تېما

423

يازما

2274

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
5780
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-19 15:46:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغار يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 15:34
پادىچىنىڭ بارلىق تېمىلىرىنى يىغىپ بىر تېما ئاستىغا ئى ...

ئگەر شۇنداق قىلىش قىممىتى بار دەپ قارىسىڭىز ئەلىۋەتتە بولىدۇ! --- خالىغان ، ۋاقتىڭىلار يار بەرگەن بىرىڭلا ئۆلچەملىك قىلىپ ، بارلىق تىمىللىرىمنى سېستىمىلىق يىغىپ بىر مارافونچە تىما تەييارلىساڭلا!  بەك چوڭ ياردەم قىلغان بولاتتىڭلا! ---
تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

26

تېما

423

يازما

2274

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
5780
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-19 15:48:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغار يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 15:34
پادىچىنىڭ بارلىق تېمىلىرىنى يىغىپ بىر تېما ئاستىغا ئى ...

ھەم ۋاقىت يار بەرسە بىرىڭلار مۇشۇ بىر يۈرۈش تىمىللىرىم ئاياغلاشقاندا مۇشۇ ئالىپتىكى ھەممە تىمىللىرىمنى يىغىپ بىر ئېلكىتاب لاھىيەلەپ قويساڭلارمۇ بەك چوڭ ياردىمىڭلار بولاتتى، (ئەلىۋەتتە ئەرزىسە!)  -نىمىلا بولمىسۇن سىزگە كۆپ رەھمەت
تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

26

تېما

423

يازما

2274

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
5780
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-19 15:51:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-19 21:44  
MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 14:46
مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرسەم ھاياجانلىنىپ جاۋا نى قايتا  ...


سۆزلىرىڭلار قاتتىق ئىلھام بولدى قېرىنداشلار، بولىدۇ ... ھىكايىلەر تەغدىر قىلىنغان يەرگىچە داۋاملىشىدۇ ئەمىسە. ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرى ۋە باشقا بىر قىسىم ماقالىلەر :  /home.php?mod=spa ... w=me&from=space
تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

0

تېما

1104

يازما

543

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3315
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-19 22:23:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بىلىملەرنى بىلدۇرۋاتىسىز ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن داۋاملىق تېرىشىڭ قېرىندىشىم
ھەي مۇمكىن بولسا مۇشۇ پادىچىدەك ئۇستازلارنى ئۇستاز تۇتۇپ كوم تېخنىكىنلىرىنى ئۈگەنسەك
مىنىڭچە پادىچى ئۇستاز ئاللاھ خالىسا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ماھىر پىروگىرامما ئوستىسى بۇلالايدۇ رەھمەت تىرىشىڭ  
ھەركەتتە بەركەت

3

تېما

91

يازما

215

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
589
ئاقچا
7
ۋاقتى: 2014-6-20 00:09:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىڭىزنى ئاخىرغىچە تۇلۇق ئۇقۇيمەن ئىنشائاللاھ، مەن پروگىراممىرلارغا بەك ھەۋەس قىلىمەن، ئاللاھ خالىسا مەنمۇ مۇشۇ ساھەگە قەدەم قويىمەن بەزى شارائىتلىرىم ھازىرلانسىلا!!! ، ئەمما نەدىن باشلاشنى بىلمەيتتىم، مۇشۇ تىما  باشلامچى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ،داۋاملىق يوللاڭ !!!!

26

تېما

423

يازما

2274

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
5780
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-20 09:05:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdurahman1864 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 00:09
مەن بۇ تىمىڭىزنى ئاخىرغىچە تۇلۇق ئۇقۇيمەن ئىنشائاللاھ ...

خۇرسەن بولدۇم قېرىنداشلار!  ئەمما ماڭا بەك يۇقرى باھا بىرىۋەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن
تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

26

تېما

423

يازما

2274

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
5780
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-20 09:05:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alipalim يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 22:23
رەھمەت بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بىلىملەرنى بىلدۇر ...



قىزغىن مۇنازىرلەر بولسىكەن ! كاشكى ....  ئەمما ماڭا بەك يۇقرى باھا بىرىۋەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن
تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش


تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش