- جۇغلانما
- 1153
UID1336
تىزىملاتقان2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم2014-4-25
توردا382 سائەت
باشقۇرغۇچى
  
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1153
- ئاقچا
- 46

|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار
ئىككى ئايغا يېقىن ھەپىلىشىش ئارقىلىق haozip دېتالىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بۈگۈن تاماملىدىم .بۇ ئىشنى ‹دۇنيا ئانا تىل كۈنى›گە ئۈلگىرتەلىگەنلىكىمدىن بەكمۇ خوش بولدۇم . بەلكىم haozip دېتالىنى نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىز بىلىشى ، ئىشلىتىپ باققان بولىشى مومكىن . شۇنداق بولسىمۇ ئازراق چۈشەندۈرۈش بېرىشنى لايىق كۆردۈم .
دېتال ھەققىدە :
HaoZip دېتالى بولسا ، ئىقتىدارى ئىلغار بولغان پرېس ھۆججىتى باشقۇرغۇچ بولۇپ ، پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان يېڭى بىر ئەۋلات پرېسلاش ۋە يېشىش دېتالى . باشقا ئوخشاش تۈردىكى دېتاللارغا سېلىشتۇرغاندا ، سېستىما بايلىقنى ئىگىلىشى ئاز ، سىغىشىشچانلىقى ياخشى ، پرېسلاش نىسبىتى يۇقىرى بولغان دېتال .دېتال ئىقتىدارى كۈچلۈك پرېسلاش ، بۆلۈپ پرېسلاش ،پاروللۇق پرېسلاش ، قاچىلاش پروگراممىسى ياساش ، ئەقلى رەسىم شەكلىنى ئۆزگەرتىش،ئەقلى ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
تۆۋەندە دېتالنىڭ بىر قىسىم رەسىملىرى بېرىلدى .
دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ھەققىدە:
بۇ دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىندى . ھەمدە قاچىلاش پروگراممىسى شەكلىدە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى . سىز haozip دېتالىنى ئورگان تورىدن چۈشۈرۈپ ، ئورناتقاندىن كېيىن ، بۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى پروگراممىسنى ئىجرا قىلۋەتسىڭىزلا (ئەسكەرتىش:تىل بولىقىنى قاچىلىغاندا ، دېتال ئورنىتىلغان مۇندەرىجە بىلەن بىردەكلىكىگە دېققەت قىلىڭ) دېتالغا ئۇيغۇرچە تىل تاللىشى قوشۇلىدۇ.شۇ تاللاشتىن ئۇيغۇرچىنى تاللىسىڭىزلا دېتال تامامەن ئۇيغۇرچىلىشىدۇ .
ئەھۋالدىن قارىغاندا ، haozip ئورگان تورىمۇ دېتالنىڭ ھەرخىل تىل بولىقىنى يىغىۋېتىپتۇ . ئۇلارغا يوللاپ بېرىپ بولدۇم . بەلكىم بىر مەزگىلدىن كېيىن ، سىز ئورگان تورىدىنلا ئۇيغۇرچە تىل تاللىشى قوشۇلغان دېتالنى چۈشۈرەلىشىڭىز مومكىن . ئۇنىڭغىچە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىشلىتىپ تۇرغايسىلەر .
دېتالنىڭ ئىقتىدارى خىېلى كۆپكەن . شۇڭا ئىشلىتىپ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
دېتال چۈشۈرۈش
دېتال ئورگان تورى
دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى
HAOZIP.zip
(1.63 MB, چۈشۈرۈش سانى: 662)
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|