- جۇغلانما
- 429
UID33195
تىزىملاتقان2014-1-25
ئاخىرقى قېتىم2015-2-4
توردا148 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 429
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ¶™مەنزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-29 19:08
تېڭشۈن تورى خەۋېرى، نۇر تورى تەرجىمىسى. LG شىركىتىنىڭ ئەڭ يىڭى بايراقدار يانفۇنى G3 نىڭ رەسىمگە تارتىش ئقتىدارى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ،بۇنداق بولىشى ئۇنىڭغا 13مىليۇن پىكسىللىق كامىرا ۋە ئوپتىك تەسۋېر موقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ لازىر نۇرى ئارقىلىق ئاپتۇماتىك فۇكۇس توغۇرلاش ئىقتىدارىنىڭ قوشۇلغانلىقىدۇر. تۆۋەندە بىز بۇ ئىقتىدارنىڭ پىرىنسىپىنى چۈشىنىپ باقايلى. يانفۇن كامېراسى قوزغىتىلغاندىن كىيىن، يانفۇننىڭ كامېرا ئورنىتىلغان يۈزىدىكى بىر كىچىك كۆزنەكتىن بىر دەستە نۇر ئېتلىپ چىقىدۇ، يانفۇن سېستىمىسى لازىر نۇر جىسىم بىلەن ئۇچىرىشىپ، قايتىپ كەلگۈچە بولغان ۋاقىتقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، كامېرا بىلەن جىسىمنىڭ ئارلىقىنى ئۆلچەپ چىقىدۇ، ئاندىن فۇكۇس توغۇرلاش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ سېستىمىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى خۇددى شەپەرەڭنىڭ ئاۋاز سېستىمىسىغا ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇنىڭغا ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاش بولغان لازىر نۇر ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، كۆز بىلەن پەرىق ئېتىشكە بولمايدۇ. غەلىتە يېرى، LG شىركىتى بۇندىن ئىلگىرى بۇ خىل تىخنىكا ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىغان.LGنىڭ لازىر نۇر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى Hom_Bot ناملىق ۋاكۇئۇملۇق سۈمۈرگۈچى ماشىنا ئادەمنى ياساش جەرياندا باشلانغان.LGيانفۇن گورۇپپىسدىكىلەر دەل بۇ تېخنىكىنى يانفۇنغا قوللىنىش ئارقىلىق، رەسىمگە تارتىش سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ تىز بولغان3 G يانفۇنىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. LGنىڭ دىيىشچە، G3 يانفۇنىنىڭ ئاپتۇماتىك فۇكۇس توغۇرلاش ۋاقتى پەقەت 276 دەقىقە بولۇپ، بۇ كۆزنى بىر قېتىم يۇمۇپ ئېچىش ۋاقتى بىلەن تەڭ ئىكەن. ھالبۇكى، يانفۇنغا قارىتا سىناق ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ ئېيتىشچە، ئەمەلىي سىناق جەرياندا كىشلەر 3 G يانفۇنىنىڭ رەسىمگە تارتىش سۈرئىتىنىڭ iphone 5s ۋە HTC One دىن تىز ئىكەنلىكىنى ئانچە ھېس قىلالمىغان. LG شىركىتى G3 يانفۇنىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئۈچتىن بىر سىكۇنىت ۋاقىت ئىچىدە تىز سۈرئەتتە رەسىمگە تارتىش مەشغۇلاتىنى تاماملىيالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، بىراق، ئەمىليەتتە بولسا، نۇرغۇنلىغان ئەھۋاللاردا بۇ يانفۇندا رەسىمگە تارتىشقا كىتىدىغان ۋاقېت يۇقاردا ئېيتىلغاندىن ئۇزۇن بولغان. G3 يانفۇنىنىڭ فۇكۇس توغۇرلاش ۋاقتى باشقا يانفۇنلاردىن پەقەت دەقىقە دەرىجىسدە تېز بولغاچقا، بۇ خىل ئەۋزەللىكنى نىسپىتەن ئاجىز دىيىشكە بولىدىكەن. بىراق، لازىر نۇرىنى كامېرانىڭ ئاپتۇماتىك فۇكۇس توغۇرلاش سېستىمىسىغا قوللىنىشنىڭ ئۆزى پۈتۈنلەي يىڭىچە تېخنىكا بولۇپ، بۇ G3 يانفۇنىنىڭ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيىتكەن. |
|