- جۇغلانما
 - 203
 
 UID2083
 
تىزىملاتقان2011-7-16
 
ئاخىرقى قېتىم2014-7-22
 
توردا57 سائەت
 
 
 
ئاكتىپ ئەزا 
   
 
- نادىر
 - 0
 
	- جۇغلانما
 - 203
 
- ئاقچا
 - 2 
 
 
 
 
 | 
	
| 
 
  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marjanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 17:35   
 
ئۆتكەن يىلى 8- ئايدىن باشلاپ r819t نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن . پۇكەيدىن ئالغاچقا ئەسلى باھاسىدا  2400 گە ئالدىم ، سونىيغا كۈنۈپ قالغان بولساممۇ  سىغىم كارتىسى سالىدىغان ئىشتىن شۇنداق بىزار بوپكىتىپتىكەنمەن  ، بۇنىڭدىن نوچىراق نىمكەش تىلىفۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ شۇ ئاچچىقىمدا بېرىپلا ئېلىۋېتىپتىكەنمەن . سامسۇڭ تىلىفۇنغا نىمىشقىكىن قەتئى قىزىقىپ بولالمىدىم  . ئوپپونىڭ  باشقا مەھسۇلاتلىرىنى بۇرۇن ئىشلىتىپ  باققان  لېكىن تىلىفۇننىڭ قانداقلىقىنى بىلمىسەممۇ ئاۋال كۆرۈپ باقاي دەپ ئوپپونىڭ دۇكىنىغا كىرىپ بىرەر قۇر كۆرۈپ بۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى ، ئالاھىدىلىكى نىپىز ، كۆرگەم ،سىنپتا ، قوش كارتا ، سىغىمى 16 گ ،1.2  تۆت يادرو ( يامان يىرى م ت ك كەن يادروسى ) ھازىرغىچە ئالماشتۇرماي ئىشلىتىۋاتىمەن ، مىنى رازى قىلغان يىرى سېستىمىسى ئوپپونىڭ ئۆزى ئەلالاشتۇرغان ئاندىروئىد 4.1 نەشىر بولۇپ ئىقتىدارى ۋە كۆركەملىكى ياخشى ، ئەقلىيلەشتۈرۈلىشى  خېلىلا ئىلغاركەن. بولۇپمۇ siri غا تەقلىد قىلىنغان oppo助手 دىگەن ئىقتىدارىغا ئىشلەپ قۇيۇپتۇ كاساپەتلەر ، سۆز پەرقلەندۈرىشى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشى يامان ئەمەس ، پاراڭلاشسا زېرىكتۈرمەيدىكەن . مىنى رازى قىلىۋەتكەن يەنە بىر تەرىپى كېچىدە سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى  ،  ئازراق يۇرۇقلۇقلا بولسا يىتىدىكەن زادى . ، ھازىرغىچە  بىر قېتىممۇ قېتىپ باقمىدى، چوڭ ئويۇنلاردىمۇ سىناپ كۆردۈم ، چاتاق يوق . يامان يىرى 16 گ سىغىم ماڭا يىتىشمەيۋاتىدۇ ، ئەمدى تىلىفۇن ئالسام بىراقلا 32 گ دىن تۆۋەننى ئالماسمىنا .... 
ۋىندوۋسفۇننىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەللەشكىچە ئىشلىتىپ تۇرارمەن خۇدا بۇيرىسا . |   
 
 
 
 |