- جۇغلانما
- 2228
UID12826
تىزىملاتقان2013-1-14
ئاخىرقى قېتىم2015-2-12
توردا1229 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2228
- ئاقچا
- 6
|
پۇل تىپىش كىرەك ، ھالال يول ، ھالال كەسپ بىلەن تىپىش كىرەك ، مانىمۇ ئوقۇپ قويۇڭلا ……ئۈندىدار شىئىرلىرى
ئۆتۈڭ سىزمۇ راھەتتە جاننى تىكىپ پۇل تېپىڭ ،
قالماڭ ھەرگىز غۇربەتتە قاننى سېتىپ پۇل تېپىڭ .
ئەل قالغاندا غەپلەتتە خامنى قېتىپ پۇل تېپىڭ ،
ۋىجدان قالسۇن بىر چەتتە تامنى تېشىپ پۇل تېپىڭ ،
ھارام دىسە ھەسەتتە ،گالنى سىقىپ پۇل تېپىڭ .
ئۇن ساتسىڭىز ئامباردا ئۇپا قوشۇڭ ئاقارسۇن ،
چىلاپ قويۇڭ دورىغا مېۋە-كۆكتات ياشارسۇن .
ئەۋرەزدىكى يۇندىدىن ھەر ئېسل ياغ ياسالسۇن ،
بېلىق ، توخۇ ، ئۆردەككە ھورمۇن بېرىڭ چوڭايسۇن ،
ئەل كۆزىگە ھەر قاچان توپا چېچىپ پۇل تېپىڭ .
قۇرتلاپ كەتكەن تاپنىمۇ كاۋاپ قىلىڭ بازاردا ،
پاقلان گۆشى دەۋېرىڭ ئۇنى داڭلاپ ساتاردا .
مىڭ ھېيلىنى تاپمامسىز ھەر كۈنىسى ياتاردا ،
سېتىڭ بولسا ئۆيمۇ-ئۆي خىرۇئىننى تاغاردا ،
پايدا بولسا گۆردىمۇ چاققان بېرىپ پۇل تېپىڭ .
سۈتكە قوشۇڭ يۈندىدىن ،ئېغىر كەلسۇن تارازا ،
يۇندا ئىچسە ئۈلپەتلەر ، كۆرۈڭ چەتتە تاماشا .
سەبئىيلەرگە ئەخلەتتىن يىمىش ياساڭ كەڭتاشا ،
ئەقىل تېپىپ كەلگۈسى قالسۇن ئۇلار ‹‹تالاشتا ››،
ئەل ھاياتى ،جېننى دوغا تىكىپ پۇل تېپىڭ .
سورىقى يوق جاھان بۇ ، پۇل جاھاننىڭ خۇجىسى ،
پۇلى يوقنىڭ جېنى يوق ، ئۇ ياماننىڭ ئولجىسى .
بىر موچەننى بىكارغا بەرمەيدىكەن تولىسى ،
نىمە بولسا بولمامدۇ پۇل تاپقانلار نوچىسى ،
ئادەملىكتىن ياتلىشىپ ،تاپتىن چىقىپ پۇل تېپىڭ . |
|