- جۇغلانما
 - 1614
 
 UID8566
 
تىزىملاتقان2012-7-7
 
ئاخىرقى قېتىم2015-4-6
 
توردا913 سائەت
 
 
 
ئالىي ئەزا 
  
 
- نادىر
 - 0
 
	- جۇغلانما
 - 1614
 
- ئاقچا
 - 1 
 
 
 
 
 | 
	
    
-------يانچۇقۇم------- 
سەنمۇ پۇلغا بىر كۈنى تويارسەنمۇ،يانچۇقۇم 
بىراۋلارنى پۇل ئۈچۈن سويارسەنمۇيانچۇقۇم ؟ 
"كۆپ پۇل تاپقان يامان" دەپ بىراۋلاردىن ئاڭلايمەن، 
مېنى ئاخىر بىر داغدا قويارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
 
ئاپتوبۇستا يانچۇقچى ئەدىپىڭنى كۆپ بەردى، 
يەنە كەلسە ئۈنچىقماي تۇرارسەنمەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
يا تولمايسەن، تويمايسەن قانچە گۈزەل بولسىمۇ، 
پۇلغا شۇنچە ئۆزۈڭنى ئۇرارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
 
خېنىملارغا خەجلىسەم ئېشىپ كەتتى مەرتلىكىڭ، 
ئىئانىگە ئۈندىسەم، ئۇنارسەنمۇ يانچۇقۇم؟ 
بىرار كەلسە پۇل سوراپ قۇلۇپ سالسام ئاغزىڭغا، 
ئايدا بىر رەت ئاچقۇچنى سورارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
 
ساڭا كەلسە قاق سەھەر قول سۇنغۇچى خەيرىچى، 
خەيرىچىگە قولۇڭنى سۇنارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
سەرپ قىلدىم تالاي پۇل بوتۇلكىغا سېنىڭدىن، 
پۇل تۈگىسە ھاراقتەك پۇرارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
 
قىمار ئويناپ قانمىدىم يەنە ئويناپ باققۇم بار، 
سەن ئاخىرى قىماردا قۇرارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
كۈن چۈشكەندە بېشىغا قانات قاققان دوستلارنى، 
بىر كۈنلەردە باي بولساڭ تونارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
 
مەدەنىيەت-بوياش دەپ، كىيىنگەنلەر-قوياش دەپ، 
سەنمۇ ئاۋۋال يۈزۈڭنى بويارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
پۇل پۇرىقى كەلگەندە ئەس-ھوشۇڭنى يوقاتتىڭ، 
ماڭغىنڭنى قاياققا تۇيارسەنمي يانچۇقۇم ؟ 
 
ئۇرىۋەتسە گېلىڭغا بىرى كېلىپ بىر كالتەك، 
ئورا-خەندەك بىراۋغا كولارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
پۇل تۇتقۇزۇپ قولۇڭغا"ئۇچرىغاننى بوغ" دېسە، 
بۆرە بولۇپ،ئىت بولۇپ بوغارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
 
پۇلغا ئاشىق نەپسىڭنى قۇيىۋەتتىڭ مەيلىگە، 
پۇل بەرگەنلەر "تۇغ" دېسە، تۇغارسەنمۇ يانچۇقۇم ؟ 
 |   
 
 
 
 |