ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 6544|ئىنكاس: 48
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Google Translator گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشايلى

300

تېما

2368

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251025
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

Google translator (تۆۋەندە گۇگېل تەرجىمانى دەپ ئېلىندى.) نۆۋەتتىكى ئىنتىرنېت ساھەسىدە ھەممە ئېتراپ قىلغان ئىشىلتىش ئەڭ قولايلىق، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان ھەقسىز تەرجىمە قىلىش قورالى. نۆۋەتتە بۇ قورال دۇنيادىكى 52 چوڭ تىللارنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. گەرچە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئادەمگە يەتمىسىمۇ بىراق كۆرۈپ چۈشىنىشكە ۋە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىشىلتىش ئەھمىيتىگە ئىگە.  بۇ قورالنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئازراق ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن.
ئەگەر سىزدە بۇ قورال قوللىغان ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە قاتارلىق 30 خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تېكىست بولسا، گۇگېل ھېسابىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇ تېكىستنى Translator Toolkit (تۆۋەندە تەرجىمە قىلىش قورالى دەپ ئېلىندى) غا قوشۇپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە قىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز. ئەگەر سىزدە ئۇنداق تېكىست بولمىسا، يۇقارقى تىللاردىن مەلۇم بىرسىنى بىلسىڭىز بىرەر تور بەتنى ياكى ۋىكىپىدىيادىن بىرەر ماقالىنى مەلۇم تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ ھەقتە بىر قانچە يىل بۇرۇن تېما يېزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلار كونكىرىت قانداق مەشغۇلات قىلدىغانلىقىنى بىلەلمەي تاشلاپ قويغان ئىدى. مەن تۆۋەندە  Google Translator غا  ئۇيغۇرچە سۆزلۈك قوشۇش ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمەن. مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان سۆزلۈكنى كۆپلەپ قوشساق مەلۇم چەككە يەتكەندە گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلۇشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىز دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللاردىكى ئۇزۇن جۈملە، تېكىستلەرنىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تىز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىپ چۈشىنەلەيسىز. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى بېلەت تاشلاشتىن ياخشى.
ئالدى بىلەن google ھىسابات نومۇرىڭىز بولۇشى كېرەك. بولمىسا gmail.com غا كىرىپ بىر ئې-مايىل ئىلتىماس قىلىپ تەييار قىلىڭ.
ئاندىن http://translate.google.com/toolkit/list?hl=en#translations/active گە كىرىڭ. ئېنگىلىز تىلىنى چۈشەنمىسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئۈستى تەرەپتىكى settings نى بېسىپ كۆرۈنمە تىلىنى ئۆزىڭىز چۈشىنىدىغان بىرەر تىلغا تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ، مەسلەن: تۈركچە، خەنزۇچە... دېگەندەك. مەن خەنزۇچىگە تەڭشەپ مەشغۇلات قىلدىم.
gtt1.jpg
بۇ رەسىمدىكىدەك ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ چاغدا 上传  (ئېنگىلىزچىسى upload) نى باسساق تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.
gtt2.jpg
بۇ يەردىكى 添加要翻译的内容 تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇن قوشۇش دېگەن خەتنى باسسىڭىز بىر نەچچە تاللاش بار. 上传文件 ھۈججەت چىقىرىش. بۇ تۈرنى تاللىسىڭىز ئالدىن تەييارلاپ قويغان تەرجىمە قىلماقچى بولغان ھۆججەتنى چىقىرىسىز. ئوڭ تەرەپتە قوللايدىغان ھۆججەت تىپلىرى بار. قوشماقچى بولغان سۆزلۈك كۆپ بولسا مۇشۇ تۈرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بىر قۇرغا بىر جۈملە يېزىپ، تېكىست فورماتىدا بولسا بولىدۇ.
تور بەت ۋە ۋىكىپېدىيەنى كىرگۈزۈش تۈرلىرىمۇ بار، شۇلارنىمۇ ئېھتىياجغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.
您要翻成什么语言 دېگەن يەردىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللايسىز. دەسلەپتە ئۇ يەردە ئۇيغۇر تىلى كۆرۈنمەيدۇ. ئاستىدىكى خەت يازدىغان كۆزنەككە ug دەپ يازسىڭىز ئۇيغۇر تىلى دەپ چىقىدۇ، شۇنى تاللايسىز.
gtt3.jpg
سۆز ئاز بولسا 输入文本 نى تاللاپ تەرجىمە قىلماقچى بولغان سۆز ياكى تېكىستنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
مەسلەن: تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
gtt4.jpg

ئاندىن كېيىنكى قەدەمنى باسىسىز، ئېچىلغان كۆزنەكتىن 不用了 كۇنۇپكىنى بېسىۋەتسىڭىز بىرىنجى رەسىمدىكى ھالەتكە قايتىپ كېلىپ، سىز كىرگۈزگەن ھۆججەت نامى ياكى تېكىست كۆرۈندۇ، شۇ يەرنى باسسىڭىز تەھرىرلەش رايونى ئېچىلدۇ.
gtt6.jpg

gtt5.jpg
ئوڭ تەرەپكە سول تەرەپتىكى خەتنىڭ تەرجىمىسىنى كىرگۈزۈپ، ساقلاش، تاماملاشنى بېسىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

كېيىنكى قىسمىدا TMX ھۆججىتى ياساش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +40 يىغىش سەۋەبى
jalzat + 20 مەن قوللايمەن
yalguz_yurak + 20

باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

9

تېما

46

يازما

450

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1166
ئاقچا
10
رىۋايەت3 ۋاقتى: 2014-4-13 18:14:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ قۇرالنىڭ ئىنگىلىزچە بىلەن تۈركچىسىنى كۆپ ئىشلىتەتتىم ئەمدى ئۇيغۇرچە قۇشۇلغان بولسا بىزلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەرجىمان بولۇپ قالىدۇ .

1

تېما

804

يازما

401

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3382
ئاقچا
0
QQ
paypak ۋاقتى: 2014-4-13 19:12:40 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانمۇ ئۇيغۇر تىلى
دونيادىكى چوڭ تىللار قاتارىغاكىرەر تىرشڭلا ئەزمەتلە

11

تېما

323

يازما

670

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3090
ئاقچا
14
marxal ۋاقتى: 2014-4-13 19:21:11 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا مۇنبەر ۋە سالۇنلاردا كۈچەپ تەشۋىق قىلدىغان تېما بوپتۇ.

19

تېما

262

يازما

966

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
4408
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

MSM ۋاقتى: 2014-4-13 19:22:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا مىسرانىم، ئىزدىنىشتەك چوڭراق بەتلەرگىمۇ يوللاپ قويسىڭىز ئوبدان بولاتتى.
يەنە بىلىكمۇ باركەن راس. ماۋۇ خەتلىك فىلىم بەتلىرىمۇ يىغىپ ساقلىغان يېزىق ھۆججەتلىرىنى يوللاپ قويغان بولسا خېلى كۆپ مەزمۇنلار يىغىلغان بولاتتى.

1

تېما

300

يازما

277

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1052
ئاقچا
0
پىشكەل ۋاقتى: 2014-4-13 20:14:36 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا  تېزراق  قۇشۇلسا بۇلىتى ئۇيغۇر تىلىمىزمۇ来自: Android客户端

29

تېما

482

يازما

1400

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
3714
ئاقچا
55

تۆھپە ئوردېنى

ئودغۇر ۋاقتى: 2014-4-13 20:27:36 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا مەندە ئىرپان لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى بار, بىز بۇ سۆزلۈك ئامبىرى ۋە colurdic لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى گوگىل لۇغىتى ۋە Contribute لۇغىتىگە تەمىنلەپ بەرسەك بولمامدۇ ؟

300

تېما

2368

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251025
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-13 20:35:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئودغۇر يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 20:27
ئۇنداق بولسا مەندە ئىرپان لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى با ...

سىزدىكى ئىرپان لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى قانداق شەكىلدە؟ ئېچىپ كۆرگىلى بولامدۇ؟ شۇنداق بولسا ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ، گوگۇلغا يوللاپ بېرەي. ھازىر بىر تۈمەندەك سۆزلۈك يوللاپ بولدۇم.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

29

تېما

482

يازما

1400

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
3714
ئاقچا
55

تۆھپە ئوردېنى

ئودغۇر ۋاقتى: 2014-4-13 20:39:34 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېكىست شەكلىدىغۇ دەيمەن!تور دىسكامغا چىقىرىپ ھەمبەھرلەپ, ئادرېسىنى مۇشۇ تېمىغا قالدۇرۇپ قوياي!  

20

تېما

251

يازما

253

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1120
ئاقچا
0
QQ
begmurad ۋاقتى: 2014-4-13 21:05:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ بەك ياخشى تەكلىپكەن، ئىمكانى بارلا چۇقۇم تەرجىمىگە قاتنىشىڭلا.....
www.begmurad.wix.com/yaqupjan

7

تېما

119

يازما

153

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
639
ئاقچا
0
感情只是场骗局 ۋاقتى: 2014-4-13 21:18:41 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىرىشىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى

ئالدىنقى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىڭىزنى كۆرگەندىن بېرى

0

تېما

71

يازما

246

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
667
ئاقچا
0
makan ۋاقتى: 2014-4-13 21:29:52 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇئۇگلى ھىساباتىنى  ئالالمىدىم جىق ھەپىلشىپ يا تىلپۇندا ئاغىلى بۇلدمدۇ  بىزدەك ئىنگىلىس  خەنزۇ تىلنى بىلمەيدىغانلا غا تەس بۇپقالىسىكەن     گۇئۇگلىنىڭ ئىمەئىل ھىساباتنى ئىلىشنى بىلدىغانلا تەپسىلى دەرىسلىك قىلىپ ئايرىم تىما يۇللىغانبۇساڭلا      ھەمىمىز ئۈگۈنىۋالساق     مەن گۇئۇگلىنىڭ  تۇركۈرگۈچىنى چۈشۈرگەن تىم ئىشلىتەلمىدىم   گۇئۇگلى ھىساباتى بۇلمىغاچقا     ھەمىمىز پايدىلنىپقاساق گۇئۇگلىدىن来自: Android客户端

300

تېما

2368

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251025
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-13 22:09:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
altun يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 21:52
dbفورماتلىق سۆزلۈك با شۇنى txtكە ئالماشتۇرالىسىڭىز ئاش ...

سىزنىڭ دېگىنىڭىز stardict نىڭ سۆزلۈك ئامبىرى شۇ. مەندە ئۇ ئامبار بار. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە جەمئى 750 مىڭدىن كۆپ سۆزلۈك.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

0

تېما

71

يازما

246

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
667
ئاقچا
0
makan ۋاقتى: 2014-4-13 22:21:43 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
altun يوللىغان ۋاقتى  2014-04-13 22:08:27


ئالاممىغىدەك تەس ئىش ئەمەس ، google.comدەپ كىرسىز ئىكرانن

رەھمەت来自: Android客户端

300

تېما

2368

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251025
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-13 22:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوگۇلدىن تەرجىمە قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز جۈملە، تېكىست تەرجىمە قىلدۇرۇش. سۆزلەرنى تەرجىمە قىلدىغان لۇغەتلىرىمىز بار. ھازىرقى مۇھىم ئىش جۈملە ۋە تېكىستنى تەرجىمە قىلدۇرۇش.
شۇڭا گوگۇل تەرجىمانىغا كۆپ مىقداردا جۈملە تەرجىمىسنى كىرگۈزشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش