ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2954|ئىنكاس: 43
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تېلىفۇنىڭىزدا بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

16

يازما

34

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
121
ئاقچا
0
تېلىفۇنىڭىزدا بارلىق ئۇيغۇرچە  يانفون بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار.
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ   تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىش بىلەن بىز توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق يېڭى ئۇچۇرلارغا ، يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنتىرنېت دەۋرىگە قەدەم قويىشى تەكشىسىز بولسىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى، كومپيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىقىپ يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇنلارنىڭ ئۇمۇملىشىشى بىلەن تورغا چىقىشىمىز تېخمۇ قۇلايلاشتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن بېكەتلەر يانفون زىيارەتچىلىرى ئۈچۈن بېكەتنىڭ يانفون بېتىنى پۈتتۈرۈپ تورداشلارغا سۇنۇپ، تور زىيارىتىمىزگە تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلدى. مەن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يانفون بېتى ئېچىلغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى يىغىپ كەلدىم، ھەم ئارىلىقتا شۇ بەتلەردىن تۈزۈلگەن ئۇلىنىش بېتىنى قۇرۇپ چىقتىم، بۇ ۋاقىتتا بەزى بېكەتلەر خاراكتېرى مۇشىنىڭغا ئوخشاش بېكەتلەرنى قۇرغاچقا ياسىغان بېكەتنى توردا  ئېلان قىلمىدىم، بىراق يانفون بېكەتلىرىنىڭ  بىر قىسىمى ئانچە ئۇزاققا بارماي ئىتىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ بېكەتنى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەخسۇس يانفوندا تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇكەممەل تور بېكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئويى بىلەن 10-ئايدىن باشلاپ بېكەتنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئۆزۈم يانفوندا تورغا چىقققۇچىلار ئېھتىياجلىق دەپ قارىغان بارلىق ئىقتىدارلارنى قوشۇپ چىقتىم، بېكەتنى بىر قەدەر مۇكەممەل قىلىپ ئاندىن تورغا ئېلان قىلىش ئويى بولغاچقا ئېككى قېتىم بېكەت باشلىقلىرى يىغىلغان تور بېكەت نۇرقۇتقا يازما يوللاپ باشقا بېكەت باشلىقلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالدىم، بېكەت باشلىقلىرىنىڭ پىكىرى بويىچە ئۆزگەرتىپ ، بېكەتنى  بىر مەزگىل ئىچكى سىناقتا تەكشۈرۈپ باشقا مەسىلە بايقىمىغاندىن كېيىن بۈگۈن تورغا ئېلان قىلدۇق.
بېكىتىمىزنىڭ خاراكتېرى شۇكى كەسپى يانفون زىيارەتچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ قوشۇلغان بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ، ئېقىم تىجەيدىغان بېكەتلەردۇر.
دەسلەپتىكى پىلان بويىچە، ئالاھىدە تەۋسىيە بېكەتلەر، ئونۈېرسال بېكەتلەر، مۇنازىرە مۇنبىرى، تېخنىكا بىلىملىرى بېكەتلىرى، مائارىپ  بېكەتلىرى، ناخشا بېكەتلىرى ، سۈرەتلىك ناخشا بېكەتلىرى ( بۇ تۈرگە ئىتوت بېكەتلىرىمۇ قوشۇلدى)، كىنو بېكەتلىرى ، يانفۇنغا  ئەپ چۈشۈرۈش ۋە يانفون بىلىملىرى بېكەتلىرى، تور سودىسى ۋە بانكا بېكەتلىرى، ساغلاملىق ۋە تەنتەربىيە بېكەتلىرى ، شەخسى بىلوگلار، ئۈندىدار سالونلىرى ، قولاي تەكشۈرۈشلەر، تەۋسىيەلىك ئاندىروئىد ئەپلىرى، تەۋسىيەلىك ئالما ئەپلىرى    مىكروسوفىتنىڭ يانفون ئەپلىرى  قاتارلىق تۈرلەردىن تۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا  يانفۇندا  بىر قانچە بېكەتلەردىگە كىرىپ يازما كۆرۈش قولايسىز بولغاچقابىز  بېكىتىمىزگە يېڭىلىق رايونى تەھسىس قىلىپ ، بىر قانچە بېكەتتىكى ئەڭ يېڭى يازمىلارنى كۆرسېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. سىز يېڭىلىق بېكىتىمىزگە كىرىپلا مىسرانىم مۇنبىرى ، باغداش مۇنبىرى ، ئىزدىنىش مۇنبىرى ، بوزقىر مۇنبىرى ، ئۇيغۇر خەۋەر تورى، شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى ، ئەلكۈيى مۇنبىرى ، ئەجداد تارىخ مۇنبىرى  قاتارلىق بېكەتلەردىكى ئەڭ يېڭى يازمىلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئەمەلگە  ئاشۇرۇلدى .
يانفۇندىلا ماتېرىيال ئىزدەشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن باش بەتكە دۇنيادىكى ئىلغار ئىزدەش ماتۇرى گوگۇلدىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
تورداشلارنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپلەرنى تېپىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم ئەپلەرنى تەمىنلىدۇق.
بىر قىسىم ئۈندىدار ئاممىۋى سالونلىرىنى توپلاپ تورداشلارغا سۇندۇق.
بېكەتكە ھەر ئايدا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى قوبۇل قىلىمىز، پاراۋانلىق ئىلانلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ ، بەت ياساش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلارنى ھەقسىز قىلىپ بېرىمىز، پاراۋانلىق ئىلانىنىڭ مەزمۇنى ھازىرچە ئادەم
ئىزدەش ۋە مۇراجىئەتنامە مەزمۇنىدىكى ئېلانلار بولىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»دەپتىكەن، سىلەر ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغىتىمىزنى كۆرۈپ باققايسىلەر.
يانفونۇم يانفون بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى
قولىڭىزغا تېلېفونىڭىزنى ئېلىڭدە تور كۆرگۈگە تۆۋەندىكى ئىككى ئادىرستىن خالىغىنىڭىزنى كىرگۈزۈپ زىيارەت قىلىڭ ئىشىنىمىزكى زىيارىتىڭىز چوقۇم كۆڭۈللۈك بولىدۇ.
http://www.yanfunum.com
http://www.yanfonum.com
يېڭىلىق بېتى
http://yanfnum.com/news.asp


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-14 12:09):
ئاندىروئىد ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى 38 قەۋەتتىكى مەزمۇندىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ،چۈشۈرۈش مەنزىلى http://yanfunum.com/yanf...
جۇلا ئەپ بازىرى

2

تېما

16

يازما

34

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
121
ئاقچا
0
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-14 12:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇنۇم تورى ئاندرويد ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى



يانفۇنۇم يانفۇن بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى مەخسۇس يانفۇن بېكەتلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇلىنىش بېكىتى بولۇپ ،ئېلان قىلىنغان قىسقىغىنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى،بىزمۇ ھەر ۋاقىت تورداشلارغا قولاي، تېخمۇ ئىلغار ،تېخمۇ تېز مۇلازىمەت قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتىمىز. تور بېكەتتە ئىلان قىلغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ۋە شۇ بويىچە مۇكەممەللەشتۈرىۋاتىمىز.يېقىندا بېكىتىمىزنىڭ ئاندىروئىد ئەپ دېتالى پۈتۈپ ئىچكى سىناقتىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن توردا ئېلان قىلدۇق.ئەپ دېتالىمىز ئىككى خىل بولۇپ بىرىنجى خىلى ئاران 190K بولۇپ سىمىغى كىچىك بولۇش،تور سۈرئىتى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە،بۇنىڭدىن باشقا ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى،بارلىق ئىقتىدارلىرى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئانا تىلىنى بىلىدىغان ھەر قانداق ئادەم مۇشۇ  ئەپنى  تېلىفۇنىغا قاچىلىۋالسىلا بۇ دېتال شۇ تورداشنىڭ تور ساياھىتىگە يول باشلايدۇ،بۇ  ئەپ ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى تېلىفۇننىڭ ئېقىمىنى تىجىگەن ئاساستا زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ ئەپنىڭ  سىغىمى  190k  بېكىتىمىز  مۇشۇ ئەپنى تەۋسىيە قىلىدۇ ،چۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://yanfunum.com/Yanfunum.apk

ئىككىنجى خىل  ئەپ دېتالىمىز بولسا Maxthon تور كۆرگۈسىنڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان  بولۇپ،بۇ ئەپنى قاچىلىۋالسىڭىزمۇ بېكىتىمىزنى بىمالال زىيارەت قىلالايسىز.  بۇ ئەپنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 5.73MBچۈشۈرۈش ئادىرسى:http://yanfunum.com/yanfonumtori.apk
يۇقارقى ئىككى ئەپتىن خالىغان بىرىنى تاللاپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.بىز باشتىكى ئەپنى ئەپنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تۆۋەندە بېكىتىمىز كۆرۈنمە يۈزىنىڭ بىر قانچە رەسىمى ھۇزۇرۇڭلاردا


يانفۇنلاردا بىر قانچە بېكەتنىڭ يازمىلىرىنى بىردىن-بىردىن ئېچىپ كۆرۈش قولايسىز بولغاچقا يېڭىلىق بېتى تەھسىس قىلىنغان،يېڭىلىق بېتىدە لەگلەك خەۋەر تورى. ئۇيغۇر خەۋەر تورى،مىسرانىم،ئىزدىنىش،باغداش،ئەلكۈيى،بوزقىر،ئەجداد تارىخ مۇنبىرى قاتارلىق بېكەت، مۇنبەرلەرنىڭ ئەڭ يېڭى يازمىلىرىنى ئاپتۇماتىك كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ
يېڭىلىق بېتىدىن بىر كۆرۈنۈش
http://yanfunum.com/bbs/data/att ... svibab0a7g7n2y1.png

ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە ئەپلەرمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، بېكىتىمىز كەسپى يانفۇن بېكەتلىرى ئۇلىنىش بېكىتى بولغاچ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپلەردىن تاللاپ تورداشلارغا سۇندۇق. بۇ يەردىن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپلەرنى تاپالايسىز.



ئۈندىدارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىىردى،بىزتۈرلۈك سالونلار ئارقىلىق يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز،بىراق نۇرغۇنلىرىمىز قانداق سالوننىڭ قانداق مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغىنىنى بىلمەيمىز،شۇڭا ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سالونلىرىدىن بىر قىسىملىرىنى يىغىپ قويدۇق.




بۇنىڭدىن باشقا  ئىجادى مەزمۇنلارنى يوللانىدىغان بىراق تەشۋىقاتنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدىن كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە  ئېرىشەلمىگەن بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرى ئۈچۈن مەخسۇس يېڭى تۈر ئىشلەۋاتىمىز،ئېھتىياجلىقلار ئالاقىلىشىڭلار.

قېنى تورداشلار يانفۇندىكى ئەڭ ئىللىق ئارامگاھقا مەرھەمەت
   يانفۇنۇم يانفۇن بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى داۋاملىق تور بېكەتلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ  بىرلىكتە ئىلگىرلەشنى ئىستەيدۇ.بېكىتىمىز قۇرۇلغاندىن بويان يانفۇن بېتى ئۇچۇق ۋە مەزمۇنى ساغلام بولغان بەتلەر بولسىلا قوشۇۋالدۇق،بىز قوشۇۋالغان بىر قىسىم بېكەتلەرمۇ بىزنى ئۇلىنىشقا قوشىۋالدى،بىراق يەنە  بىر قىسىم بېكەتلەر بىزنى تېخچە ئۇلىنىشىغا قوشمىدى،بىز بىزگە قوشۇلماقچى بولغان ۋە بىز ئۇلىنىشىمىزغا قوشۇۋالغان بېكەتلەرنىڭ بىزنى ئۇلىنىشقا قوشىۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز،بىزنى ئۇلىنىشقا قوشۇۋالغان بېكەتلەرلا ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئاخىرغىچە ھەمكارلىشىش ئوبىكتمىز بولالايدۇ

0

تېما

27

يازما

20

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
114
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 10:37:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا قۇلىڭىزغا دەرت بەمىسۇن قىرندىشم ئالامەت ياخشى ئىش قىلىپسىز.
جۇلا ئەپ بازىرى

3

تېما

189

يازما

130

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
492
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 10:42:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قىرىندىشىم .كۆپ جاپا چىكىپسىز .ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.

0

تېما

44

يازما

297

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1766
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 10:45:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  مۇشۇندا  يانفۇن      ئۇلىنىش    تور  بېكىتىنىڭ    بۇلۇشنى   توت  كۇزۇم    كۇتكەن       بىزدەك      ئۇيىدە    سىملىق تور    يوقلارغا     تازا   ياخشى  ئىش    بوپتۇ      

3

تېما

163

يازما

167

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

华为G610-u00

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1429
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-3-30 10:52:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رەھمەت قىرىندىشىم .كۆپ جاپا چىكىپسىز .ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.

0

تېما

81

يازما

136

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
552
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 10:57:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ پاھ  بەك بەلەن لايېھەلەپ سىز قېرىندېشىم قۇلېڭىزغا دەرىت كەلمېسۇن  

0

تېما

59

يازما

117

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
552
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 11:03:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئەمدى جاپا تارتمايلا نۇرغۇن تور بىكەتلەرنى   زىيارەت قىلالايدىغان بوپتۇق.

0

تېما

24

يازما

117

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
417
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 11:06:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قىرىندىشىم .كۆپ جاپا چىكىپسىز .ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.

4

تېما

204

يازما

275

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1337
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 11:06:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ

1

تېما

374

يازما

233

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

红米note

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1711
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 11:07:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ئاقيولنى ئىشىتەتتىم ماۋۇ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىكە  رەھـــــــــــــــــــــــــــمەت

0

تېما

2

يازما

5

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
16
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 11:42:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ناھايىتى ياخشى ئىش قىلىپسىز, بولسا مۇشۇ تور بەتنى ئەپ شەكىلدە ياساپ چىققان بولسىڭىز, رەھمەت, ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن سالامەت بولۇڭ.

8

تېما

173

يازما

215

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
696
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-3-30 12:10:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ قىرىندىشىم

0

تېما

114

يازما

216

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1677
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 12:12:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسىڭلادا يانفۇندا ئوينايدىغان كۇچى قاتىلى با  بولسا يوللاپ بىرىڭلا

1

تېما

47

يازما

85

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
320
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-3-30 12:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

0

تېما

73

يازما

134

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
567
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-3-30 12:29:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك سۆپەتلىك چېقىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش


تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش