|
بۇ يانفۇن ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن ، مانا مەن بەلكىم بۇ يانفۇننى ئەڭ دەسلەپتە سېتىۋالغۇچىلاردىن بىرى بولىشىم مۇمكىن ھەمدە بۇ مېنىڭ تۇنجى قۇتلاندىن سېتىۋالغان يانفۇنوم، بۇرۇن ئەسلى samsung s3 يانفۇنىنى ئىشلىتەتتىم، قۇتلان يانفۇنىنى قولۇمغا ئالغاندىن بېرى samsung نى ئىشلىتىپمۇ باقمىدىم، مۇشۇ ئىنكاسنىمۇ قۇتلاندا يېزىۋاتىمەن مانا .
ساقلاش سىغىمىنىڭ سەل كىچىكلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا ھەرقانداق ئىقدىدارلىرى بەزىلەر ئۆزىچە داڭلاپ كەتكەن داڭدار يانفۇنلاردىن قېلىشقۇسىز، ئىشلىتىۋاتقىلى يېرىم ئايدەك بولدى، مەن بۇ يانفۇندىن ھەقىقەتەن رازى بولدۇم، بەزى 3D ئويۇنلارنى ئوينىساممۇ شاش مېڭىۋاتىدۇ .
بەزىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزنى قوللىغىسى كەلسە ئاغزىمىزدىلا قوللىماي ئەمەلىي ھەرىكىتىدىمىزدىمۇ قوللاپ قويايلى، بەزىلەر باركەن بىر نەرسىنى كۆرە كۆرمەيلا پونى تازا ئاتىدىكەنمىز، قىل دېگەندە بولسا نەدە يوقىلاڭ باھانىلەر دېگەن ئالتە ئېشەككە يۈك بولىدىكەن . مەنمۇ ئەسلى كۆچمىنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتەتتىم، مەخسۇس مۇشۇ تېلفۇننى دەپلا تېلىگرافنىڭ كارتىسىدىن بىرنى بېجرىۋالدىم، بىر ئوبدان مېڭىۋاتمامدۇ ئوخشاشلا. |
|