- جۇغلانما
- 5969
UID9987
تىزىملاتقان2012-9-11
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا1215 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
 
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 5969
- ئاقچا
- 71


|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-22 14:57
bengbash يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 14:02 
پاھ!… بۇرۇندىن سىزنىڭ ئىنكاس، تېمىلىرىڭىزغا دىققەت قى ...
ئەلۋەتتە بولىدۇ!
مەنمۇ بىر يىڭى ئۈگەنگۈچى، شۇڭا بىللە ئۈگۈنۈپ ماڭايلى!
ھەر قانداق مەسىلە بولسا ئورتاقلىشايلى،
تىرىشسىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ دىگەن ھەقىقەتەن راس گەپكەن،
مەن 15 ياش ۋاقتىمدا تولۇقسىزدا ۋاقىتتا Visual Basic بىلەن ئۇچراشقان، ئۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پروگرامما دىگەن نىمىگە ئىشتىياق باغلاشقا باشلىغان، پەقەت 8 ئاي ئىلگىرىلا ئاندىن ئەقلى ھوشۇمنى يىغىپ Visual Basic ئۈگەنگەن، مەن مۇختەر روزى مۇئەللىمنىڭ دەرىسىنى سۆيۈپ ئاڭلايتتىم، شۇنچىلىك تەپسىلىي، شۇنچىلىك ئىسىل دەرىسلىك ئىدى، شۇنداق قىلىپ 400 قىسىم دەرىسلىكنى ئۈگۈنۈپ بولغاندا دەرىسلىكنىڭ ئاخىرىنى تىپىشقا ئىمكان بولمىدى، بىراق مىنىڭ بۇنداقلا توختاپ قالغۇم يوق ئىدى،
شۇنىڭ بىلەن راسلا توختاپ قىلىشما مەجبۇر بولدۇم، كىيىن Asp ئۈگىنىش قارارىغا كەلدىم، تەلىيىم بەكمۇ كاج بولغاچقا ماتىرىيال تاپالمىدىم، يا ئۆيۈمدە تور يوق،
كىيىن 2012 يىلى 9 ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك تىخنىكا مەكتەپلىرى بويچە ئۆتكۈزۈلگەن ماشىنا ئىلىكتىر كەسپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ 500 يۈئەن مۇكاپاتقا ئىرىشتىم،
ئىش مۇشۇ يەردىن باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن مەن تور ئارلىدىم، نۇرغۇن ماتىرىيال كۆرۈپ C# نى تاللىدىم، ئاندىن 300 يۈئەن پۇلغا www.altaxna.com دىن دەرسلىك سىتىۋالدىم، دەسلەپكى 30 قىسىم ئاساس دەرىسلىك ئىدى،
مەنمۇ تىخى بۇ ئۈگۈنۈشنى باشلىۋالغىلى 2 ئاي بولدى!
تىرىشىپ تىرمىشىپ ئاخىرى 27 قىسىم دەرىسلىكنى كۆرۈپ بولۇپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بىقىشنى ئويلاپ بۇ پروگراممىنى يىزىپ چىقتىم، يىزىپ چىقىشىمغا 6 كۈن ۋاقتىم كەتتى،
ھازىر مەن شۇنچىلىك خۇشال! ئاللا خالىسا تىخىمۇ ياخشى ئۈگۈنىمەن!
سىزگە دەيدىغىنىم مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئوتتەك ئىنتىلىش بولسىلا چوقۇم ياخشى پروگراممىر بولالايدىكەنسىز!
ئەگەر بۇ پروگرامما تىلىغا قىززىقىدىغانلار كۆپەيسە بۇ سەھىپىنى جانلاندۇرۇپ قويىشىمىز مۇمكىن!
قولنى قولغا تۇتۇشايلى! ھەمكارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيلى!
|
|