ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 2005|ئىنكاس: 17
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Arduino-ئېلېكتىر ماتورنى قوزغىتىش

29

تېما

179

يازما

3154

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7190
ئاقچا
66
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-18 15:33  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
2-ئاينىڭ 13-كۈنى «Arduinoغا ئالاقىدار تەسەۋۋۇرلار(1)» نامىلىق يازمامنى ئىلان قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بوپتۇ،قىزغىنلىقىڭلارغا يارىشا ۋاقىتىدا تېما يوللاپ بولالمىدىم(بانا سەۋەبلىرىمغۇ ئاز ئەمەس ،بىراق مەنمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ خىجىلمەن)،شۇڭا بارلىق ھەۋەسكارلاردىن چىن قەلبىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن! مېنى كەچۈرۈڭلار.ئىنشائاللاھ،بۈگۈن مانا ئاخىرى كومپىيۇتىر ئالدىدا تېما يېزىپ ئولتۇرۇشقا پۇرسەت بوپتۇ،قالدى گەپلەرنى كىيىنگە قويايلى،نەق تېما ئۈستىدە توختىلايلى.
بۈگۈنگە قەدەر مېنىڭ كىتابىمنى،تېمىلىرىمنى كۆرۈپ Arduino توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغىنىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل،كاللامدا يازماقچى بولغان ئوي-خىياللىرىمۇ كۆپ،بىراق بەش قولنى ئىغىزغا بىراقلا تىققىلى بولمىغىنىدەك بەزى چۈشەنچىلارنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كىلىدىكەن،بۈگۈن مەن بۇ تېمامدا Arduino ئارقىلىق ئېلېكتىر ماتورنى قوزغىتىش توغىرىسدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن.
Arduino دا ھەرخىل سەزگۈچلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىرتقى موھىتتىكى فىزىكىلىق مىقدارلارنى ھېس قىلىشتىن باشقا،يەنە ئەمەلىي فىزىكىلىق ھەرىكەتچان قۇرۇلمىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشمۇ ئۆز-ئارا ھەرىكەتتىكى قۇرۇلمىلارنى لايىھەلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر بۆلەك ھېسابلىنىدۇ.بۇ تۈردىكى ھەرىكەتچان قۇرۇلما ئىچىدە ئېلېكتىر ماتور ئېنىقكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان،ئەڭ ئاساس خاراكتىرلىك،ئەڭ ئەرزان ھەل قىلىش لايىھىسى ھېسابلىنىدۇ.(يەنى كۆكچېش ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنا،ئىزقوغلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا،ھەرىكەتچان ماشىنا ئادەم قاتارلىقلار ئېلېكتىر ماتور ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدۇ). دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتىر ماتورلىرىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ،مەسىلەن: تۇراقلىق توك ماتورى،قەدەملىمە ماتور،مۇلازىمەت ماتورى،سۈرەت كېمەيتىلىشچان ماتور قاتارلىقلار.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر تۈردىكى ئېلېكتىر ماتورلارنىڭ قوزغىتىش ئۇسۇلىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.
  Arduino توك يول تاختىسىنىڭ بىۋاستە يۇقىرى قۇۋۋەتتىكى ئېلېكتىرون ئۈسكۈنلىرىنى قوزغىتالمايدىغانلىقىنى ئۈگىنىپ ئۆتتۇق،شۇڭا ھەرخىل يۇقىرى قۇۋۋەتتىكى ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىلەرنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئادەتتە شۇ ئۈسكۈنىگە ماس كىلىدىغان قوزغىتىش توك يوللىرىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.ئەگەر سىز ئېلېكتىرون ئۇستىسى بولسىڭىز،ئادەتتىكى تۇراقلىق توك ئېلېكتىر ماتورىنى بىر قانچە دانە ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا ئارقىلىقلا قوزغىتالىشىڭز مۈمكىن،بولمىسا L293D،L9110 دىگەندەك مەخسۇس ئېلېكتىر ماتورلارنى قوزغىتىش توك يولى مودېللىرىدىن پايدىلىنىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
تۆۋەندىكى فىلىمدە،مېنىڭ IFR520 تىپلىق كىرىستال لامپا(بۇ لامپا توغرىسىدا كىتابتا چۈشەنچە بىرىلگەن) ئارقىلىق بىر دانە كىچىك تىپتىكى تۇراقلىق توك ئېلېكتىر ماتورىنى قوزغاتقان تەجرىبەم كۆرسىتىلىدى:


تۆۋەندە مەن تۇراقلىق توك ماتورى ۋە قەدەملىمە ماتورلارنى قوزغىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قوش يوللۇق قوزغىتىش مودېلى L9110 نى ئىشلىتىش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن.ئالدى بىلەن توك يول مودىلى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
电机驱动.JPG
L9110 قوزغىتىش مودېلىنىڭ ئىقتىدارى:
L9110 قوزغىتىش مودېلى توك يول تاختىسنىڭ ئۈستىگە ئىككى دانە L9110 قوزغىتىش ئۆزىكى ئورنىتىلغان بولۇپ،بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دانە تۇراقلىق توك ماتورىنى قوزغىتىشقا ياكى بىردانە تۆت سىملىق ئىككى تاكىتلىق قەدەملىمە ماتورنى قوزغىتىشقا بولىدۇ.
كىرىش توك بىسىمى: v2.5~v12 قىچە.ھەربىر قوزغىتىش يوللىدا ئۈزلىكسىز ھالدا 800 مىللىي ئامپىر توك ئېقىمى چىقىرىپ بىرەلەيدۇ.
L9110 قوش يوللۇق قوزغىتىش مودېلىنىڭ توردىكى سېتىلىش باھاسى:5~15يۈەنگىچە
خىزمەت پىرىنسىپى: مەزكۈر قوزغىتش مودېلىنى ئايرىم توك مەنبەسىگە ئۇلايمىز،ئاندىن Arduino نىڭ رەقەملىك چىقىرىش پۇتلىرى ئارقىلىق قوزغىتىش مودېلىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزلىرىغا يۇقىرى توك بېسىمى بېرىلگەن ۋاقىتتا،ماس ھالدىكى ئېغىزغا ئۇلانغان تۇراقلىق توك ماتورى قوزغىلىدۇ.مەسىلەن:
A-IA گە يۇقىرى توك بېسىمى،A-IB گە تۆۋەن توك بېسىمى بېرىلگەن ۋاقىتتا،ئېلېكتىر ماتور ئوڭ يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ.
A-IA گە تۆۋەن توك بېسىمى،A-IB گە يۇقىرى توك بېسىمى بېرىلگەن ۋاقىتتا،ئېلېكتىر ماتور تەتۈر يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ.
B-IA گە يۇقىرى توك بېسىمى،B-IB گە تۆۋەن توك بېسىمى بېرىلگەن ۋاقىتتا،ئېلېكتىر ماتور ئوڭ يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ.
B-IA گە تۆۋەن توك بېسىمى،B-IB گە يۇقىرى توك بېسىمى بېرىلگەن ۋاقىتتا،ئېلېكتىر ماتور تەتۈر يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ.
خىزمەت پرىنسىپىنى ئىگىلىۋالغاندىن كىيىن بىزنىڭ توك يولىنى قۇراشتۇرۇشىمىزمۇ ئاسانغا توختايدۇ.
ئەمدى بىز بىرلىكتە مەزكۈر مودىلنىڭ Arduino غا ۋە ئېلېكتىر ماتورغا ئۇلىنىش توك يولى سىخېمىسنى كۆرۈپ باقايلى!
启动直流电机.jpg
توك يولنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،Arduino توپلاشما ئىجادىيەت موھىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى پروگراممىنى كىرگۈزۈڭ،ئاندىن پروگراممىنى Arduino غا چۈشۈرۈڭ.
  1. // DC motor Demo
  2. #define DC 13 // سىگنال ئۇلىنىش پۇتىنى 13-پۇت قىلىپ بەلگىلەش
  3. void setup()
  4. {
  5.   pinMode(DC,OUTPUT);
  6. }
  7. void loop()
  8. {
  9.   digitalWrite(DC,HIGH);
  10.   delay(2000);
  11.   digitalWrite(DC,LOW);
  12.   delay(10000);
  13. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
پروگراممىنىڭ ئىقتىدارى:  Arduinoتوك يول تاختىسىغا توك ئۆتكەندىن كېيىن،L9110 قوش يوللۇق قوزغىتىش مودېلىغا ئۇلانغان ئېلېكتىر ماتورغا توك ئۆتۈپ 2 سېكۇنت ئايلىنىدۇ،ئاندىن 10سېكۇنت توختاپ،يەنە ئىككى سېكۇنت ئايلىنىدۇ،مۇشۇ بويىچە بىز توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتكەنگە قەدەر ئايلىنىپ،توختاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
گەرچە بۇ تەجرىبە ئاددىيدەك كۆرۈنگەن بىلەن،دەل سىز مۇشۇ تەجرىبە ئاساسىدا باشقا ئاپتۇماتىك قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىقالايسىز.گەپ سىزنىڭ ھەرقايىسى قۇرۇلمىلارنى قانداق بىرلەشتۈرشىڭىزدە.
مۇلازىمەت ماتورىنى قوزغىتىش( ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى servo،خەنزۇچە ئاتىلىشى 舵机،مەن ئىنگىلىزچە ئاتىلىشىنى بىۋاستىلا تەرجىمە قىلىپ ئاتىدىم،خاتا بولۇپ قالغان بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىزلەر)
مۇلازىمەت ماتورى ماشىنا ئادەم ياساش(يەنى ئىككى پۇتلۇق ماڭىدىغان،ئۇسۇل ئوينىيالايدىغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھەرقايسى ھەرىكەتچان ئۈگىلىرىگە ئاساسەن دىگۈدەك مۇشۇ خىل ماتور ئىشلىتىلىدۇ)،مىخاينىكىلىق ھەرىكەتچان بىلەك ۋە ئاۋئامودىل ياساش قاتارلىقلاردا كەڭ قوللىنىلىدۇ،(تېما ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قىزىققۇچىلار توردىن ئايرىم ماتىرىيال كۆرۈپ چۈشىنىۋالغاي،شۇڭا بەزى تەپسىلات قىسقارتىلدى).تۆۋەندىكى فىلىمدە ماشىنا ئادەم كۆرىستىلىدى:


مۇلازىمەت ماتورىنى بىۋاستە Arduinoتوك يول تاختىسىغا ئۇلاپ قوزغىتىشىقا بولىدۇ،بۇنىڭغا ئايرىم قوزغىتىش توك يولى مودىلى ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ.ئادەتتىكى مۇلازىمەت ماتورىنىڭ ئۈچ تال ئۇلىنىش سىمى بار بولۇپ،ئۇلار:مۇسبەت(VCC)،مەنپى(GND)،سىگىنال(Signal) ئۇلىنىش سىمىدىن ئىبارەت.(توك مەنبەسىگە ئايرىم توك مەنبەسى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن) Arduinoتوك يول تاختىسىغا ئۇلىنىش سخېمىسى تۆۋەندىكىچە:
sweep_BB.png
توك يولنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،Arduino توپلاشما ئىجادىيەت موھىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى پروگراممىنى كىرگۈزۈڭ،ئاندىن پروگراممىنى Arduino غا چۈشۈرۈڭ.
  1. #include
  2. Servo myservo;  //kontirol kilix obikti kurux,eng kop bolghanda 8 ni kurgili bolidu.
  3.                         
  4. int pos = 0;    // servo ning bulung giradosini bikitix.

  5. void setup()
  6. {
  7.   myservo.attach(9);  // siginal putini 9 put kilip balgilax
  8. }

  9. void loop()
  10. {
  11.   for(pos = 0; pos < 180; pos += 1)  // 0 giradostin 180 giradoskiche harikat kilix
  12.   {                                                     
  13.     myservo.write(pos);      
  14.     delay(15);                       //
  15.   }
  16.   for(pos = 180; pos>=1; pos-=1)   //0 giradostin 180 giradoskiche harikat kilix   
  17.   {                                
  18.     myservo.write(pos);         // burlux giradosni bikitix
  19.     delay(15);                        
  20.   }
  21. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئەسكەرتىش:مۇلازىمەت ماتورىغا پروگىرامما تۈزۈشتە،پروگىرامما ئىچىدە مۇلازىمەت ماتورىنىڭ ئامبار ھۆججىتى(Servo.h)نى تارتىپ ئەكىرىشىكە توغرا كىلىدۇ،ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Arduino توپلاشما ئىجادىيەت موھىتىنىڭ ئامبار ھۆججىتى قىسمىدا مۇلازىمەت ماتورىغا ئائىت ئامبار ھۆججىتى بار،ئەگەر يوق بولسا توردىن چۈشۈرۈپ،ئامبار ھۆججىتى قاتارىغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.
مۇلازىمەت ماتورى توغرىسىدا كۆپ توختالماقچى ئىدىم،قالغان ئىزدىنىشنى قېرىنداشلىرىمغا قالدۇردۇم،ئاللاھ خالىسا كىيىنكى تېمىلىرىمدا ئورتاقلىشارمىز.
ۋاقىت مۇناسېۋىتى بىلەن تېمامنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي،مەن Arduino مۇتەخەسىسى ئەمەس،بەلكى مەنمۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش بىر ئۈگەنگۈچى خالاس،شۇڭا كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتى بولسا Arduino توغرىسىدا ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى قانداق ئىجادىي تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشنى،تېما يېزىشىنى ماڭىلا تاشلاپ قويماي ياخشى تەجرىبىلىرى بولسا تېما شەكىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
Arduino توغرىسىدا ھىچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس قېرىنداشلىرىمنىڭ ئالىپ تورىدىكى «ئاپتۇماتىك كونترول قىلىش» دىگەن سەھىپىدىكى يازمىلارنى كۆرۈپ چىقىشنى ياكى «مەن Arduinoغا ئاشىق» ناملىق كىتابىمنى كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ تېمىدىكى بەزى مەزمۇنلار ئاپتۇرنىڭ  «مەن Arduinoغا ئاشىق» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
بىز ئۆز-ئارا ئۈگىنىشكە،ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج! قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى،قىممەتلىك بىلىملىرىنى،تەجرىبىلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن!
ھۆرمەت بىلەن:ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى يېزىلىدى
سەمىمي ئەسكەرتىش: بۇ تېما مەخسۇس Arduino  ئۈچۈن يېزىلدى،شۇڭا باشقا جەھەتتىن ياردەم سورىماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالىپ تورىنىڭ ياردەم سەھىپىسگە ياكى مۇناسېپ ھالدىكى باشقا تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشىنى،قالايمىقان ئىلان ۋە ياردەم خاراكتىرلىك ئىنكاسلارنى يازىماسلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتىنىمەن.

2

تېما

130

يازما

408

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1356
ئاقچا
0
kadirjan999 ۋاقتى: 2014-3-18 15:47:52 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koptin kop rahmat yahxi bilimkan maga lazimi yeza igilikidiki temitip suhurux tvrdiki bolsa bak yahxi bulatti来自: Android客户端

0

تېما

30

يازما

36

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
127
ئاقچا
0
قايماق ۋاقتى: 2014-3-18 16:10:17 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي来自: Android客户端

8

تېما

376

يازما

764

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2902
ئاقچا
0
QQ
فەخرىي ۋاقتى: 2014-3-18 16:24:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ئوزۇن بولدى يوقاپلا كەتتىڭىز ، كۈندە ئالىپنى ئېچىپلا سىزنىڭ تېمىڭىزنى ئىزدەيدىغان بولدۇم ، بەلكىم باشقىلارمۇ شۇنداقتۇ ؟ بولسا ۋاقتىڭىزنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ  تېما يېزىپ بىزدەك Arduino غا ئاشىق بولغانلارنى ۋىسالىغا يەتكۈزسىڭىز ......
ئەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ قىزغىنلىقىدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمە ...

29

تېما

179

يازما

3154

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7190
ئاقچا
66
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-18 16:38:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ئوزۇن بولدى يوقاپلا كەتتىڭىز ، كۈندە ئالىپنى ئېچىپلا سىزنىڭ تېمىڭىزنى ئىزدەيدىغان بولدۇم ، بەلكىم باشقىلارمۇ شۇنداقتۇ ؟ بولسا ۋاقتىڭىزنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ  تېما يېزىپ بىزدەك Arduino غا ئاشىق بولغانلارنى ۋىسالىغا يەتكۈزسىڭىز ......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ئەمىلىيەتتە مەنمۇ تا بۈگۈنگە قەدەر شۇنچە خىجىلچىلىك،جىلىچىلىك ئىچىدە ياشاپ كەلدىم،بۈگۈن ئاددىي بولسىمۇ بىر تېمىنى يوللىيالىغىنىمدىن خۇددىي گەجگەمدىن ئىغىر تاغدىن بىرنى كۆتۈرۋەتكەندەك شۇنداق خۇشاللىق ئىچىدە ئۇھ دېدىم،چۈنكى مېنىڭ سىلەرنى پەقەتلا ئۈمىدسىزلەندۈرگۈم يوق.بىر ئىشنى باشلىماق قېيىن،ئۇنى دۋاملاشتۇرۇش بولسا تېخىمۇ قېيىن،يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇش بولسا،ئىلگىرى قىلغان ئەجىرىنى بىكار قىلغانغا باراۋەر....
مەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا،2-ئاينىڭ 24-كۈنى يېڭى ئوقۇش باشلانغاندىن بىرى مەكتەپتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر تۈپەيلى سەل ئالدىراش بولۇپ قىلىپ تېما يوللاشقا ئىمكانىيەت بولمىدى،ئاساسەن پىكىرىم چېچىلىپ كەتتى،مانا بىر ئاينىڭ ياغى خىزمىتىم ئەمدى دىگەندە ئېزىغا چۈشۈپتۇ،ئاللاھ خالىسا ئىزدىنىشىمنى توختىتىپ قويمايمەن.مۈمكىن بولسا قېرىنداشلىرىممۇ مۇشۇ سەپكە قېتىلىپ،بىلگەنلىرىچە تېما يوللاپ،بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى بىيىتساق دىگەن ئۈمىدىمەن،بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج!

2

تېما

105

يازما

89

تەجرىبە

يوللاش چەكلەنگەن

نادىر
0
جۇغلانما
626
ئاقچا
0
musajan520 ۋاقتى: 2014-3-18 19:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

1

تېما

23

يازما

84

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
246
ئاقچا
0
oylan114 ۋاقتى: 2014-3-18 20:10:49 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز قىرندىشىم ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى ئۇڭۇشلۇق  قىلسۇن

0

تېما

29

يازما

50

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
145
ئاقچا
0
yucupqan ۋاقتى: 2014-3-18 23:07:43 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشەنمەيدېكەنمەن来自: Android客户端

0

تېما

7

يازما

128

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
378
ئاقچا
1
تۇردى ۋاقتى: 2014-3-19 00:25:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سېزگە قېرېندشېم بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن

0

تېما

26

يازما

36

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
143
ئاقچا
0
abdiwajit ۋاقتى: 2014-3-19 09:48:17 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ تىرىشىڭ قىرىندىشىم مەنمۇ چۈشىنەلمىدىم来自: Android客户端

29

تېما

179

يازما

3154

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7190
ئاقچا
66
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-19 10:53:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ تىرىشىڭ قىرىندىشىم مەنمۇ چۈشىنەلمىدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم،بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ئالىپتىكى ماۋۇ سەھىپىدىكى[url]/forum-174-1.html[/url] يازمىلارنى ئوقۇپ چىقىڭ،چۈشىنىپ قالسىز.

20

تېما

262

يازما

257

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1145
ئاقچا
0
QQ
begmurad ۋاقتى: 2014-3-19 20:32:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاردىينۇ ماشىنا ئادەم بەك قالتىسكەن.....
www.begmurad.wix.com/yaqupjan

6

تېما

54

يازما

357

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
790
ئاقچا
10
QQ
zoro007 ۋاقتى: 2014-3-20 14:58:11 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ قىزىقىشىمىزمۇ بوشاپ قالغىنى يوق ، يەنىمۇ  ئالغا!!!来自: Android客户端

0

تېما

10

يازما

47

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
128
ئاقچا
0
QQ
izdanguqi0913 ۋاقتى: 2014-3-20 15:38:54 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە来自: Android客户端

0

تېما

10

يازما

47

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
128
ئاقچا
0
QQ
izdanguqi0913 ۋاقتى: 2014-4-29 22:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش