- جۇغلانما
- 981
UID9163
تىزىملاتقان2012-8-7
ئاخىرقى قېتىم2015-4-4
توردا594 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 981
- ئاقچا
- 0
|
مېنىڭچە بۇ تېلفۇن شۇنداق سۈپەتلىك، پەيزى چىقىپتۇ، باھاسىمۇ شۇنداق مۇۋاپىق، قېنى قايسىڭلار 1000نىڭ تۆۋىنىدە مۇشۇنداق سىپتا، چىرايىلىق چىققان، مەيلى خەنلەرنىڭ بولسۇن، مەيلى چەتنىڭ بولسۇن، سەپلىمىسى مۇشۇنداقراق چىققان تېلفۇننى تاپالايسىلەر؟ بەزىلەر بەلكىم خوڭمى تېلفۇننى دېيىشى مۇمكىن، لېكىن خوڭمى تېلفۇننىڭ سىرىتقى قىياپىيتىنى بۇ تېلفۇن بىلەن سېلىشتۇرسا، قارىغىمۇ پەرق ئېتەلەيدۇ، بەزى تورداشلىرىمىز بۇ تېلفۇن قىممەتكەنەي، خەنلەرنىڭ ئۇنداق، خەنلەرنىڭ بۇنداق دېيىشىپ كېىتپتۇ، تورداشلار، كاللىمىزنى سىلكېتىۋىتىپ گەپ قىلىلى، يارىمىسا ئالمايلى، بۇ يەردە نەدىكى ناچار ئېنكاسلارنى يېزىپ باشقىلارنىڭ بۇ تېلفۇنغا بولغان ئىشتىياقىغا سوغوق سۇ سەپمەيلى، مۇشۇ ناچار ئېنكاس يازغانلارنىڭ ئىچىدە نەچچىسى بار مىللەت دېسە، مەيدىسىگە ئۇرۇپ ھەپتە كالاپشىيدىغان، دىۋانىدىن بىرسىگە بىرمو سەدىقە قىلسا نەچچە كۈنگىچە كۈزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان. ئويلاپ باقايلى، ئۆز مىللىتىمىزنى ئۆزىمىز قوللىمىساق، باشقا مىللەتلەر بىزنى قوللاپ، بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرەرما؟ ھازىرغىچە بىز قوللىمىغان خەنلەر، يەھۇدىلار، ئېنگىلىزلار قالمىدى، ئەمدى بولسىمۇ ئۆز مىللىتىمىزنى قوللاپ قۇيىلى، ئالالمىساق، ھېچ بولمىغاندا بىر ئىككى ئېغىز ياخشى ئېنكاس بىلەن قوللايلى، ئۇنىمۇ قىلالمىساق نەدىكى بىر ئېنكاسلارنى يازماي، غىپپىدە چىقىپ كېتىلى، مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر قوللاش. ئۇيغۇرمۇ ئاز تولا روناق تاپسۇن، گۈللەنسۇن، باي بولسۇن، ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىز ئەمدى باش كۆتۈرۈپ چىقسا ئۇنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋەتمەيلى، قىلغان ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلايلى. بۇ تېلفۇن مەيلى تاشقى كۆرىنىشى بولسۇن، مەيلى سېستىما جەھەتتە بولسۇن، مەيلى سەپلىمە جەھەتتە بولسۇن باھاسىغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئىشلىنىپتۇ، ئاپرىن، 1000نىڭ تۆۋىنىدىكى تېلفۇنلاردىن قايسىسى كومپاس تونۇيدۇ؟ قايسىسى بارماق دېسكا تونۇيدۇ؟(خوڭمىنىڭ تېلگىراف نۇسخىسىنى مىسالغا ئالماڭ، سېتىۋېلىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى ئېلىپ باققان ئادەم بىلىدۇ)، قايسىسنىڭ ئېكرانى مۇشۇ ئۆلچەمگە يېتىدۇ؟ ھەر نەرسە پۇلىغا چۇشلۇق بۇلىدۇ قېرىنداشلار، بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە كەلگۈدەك گەپ قىلىپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلارسىلەر!!! |
|