|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xohlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-9 01:18
قوشۇمچە ھۆججەت
ئاۋۋال قوشۇمچە ھۆججەتتنى چۈشىرىمىز...
پىرىستىن يېشىپ بولغاندىن كېيىن 3 دانە ھۆججەت بار.
1.CF-Auto-Root-ja3g-ja3gxx-gti9500.tar
2.Odin3.ini
3.Odin3-v1.85.exe (چوقۇم مۇشۇ odin بولۇشى لازىم)
ئەمدى بىز ئىشنى باشلايلى....
1.تېلېفۇننى ئۆچۈرۈپ، توك مەنبە كونۇپكىسىنى، ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كونۇپكىسىنى ۋە home (ئىكران ئاستىدىكى كونۇپكىنى) تەڭ بىسىڭ (ئۈچ سىكونىت) ئاندىن تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە كىلىدۇ
ئاندىن كىيىن ئاۋاز يۇقىرلىتىش كونۇپكىسىنى بىسىڭ ھەمدە تېلېفۇننى usb بىلەن كومپيوتېرغا ئۇلاڭ(چوقۇم تېلېفۇننى كومپيوتېر تونۇغان بولۇش شەرىت)
2. ئاندىن Odin3-v1.85.exe نى قوزغىتىڭ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە قىلىڭ.
يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك pda ھالىتىنى تاللاڭ(CF-Auto-Root-ja3g-ja3gxx-gti9500.tarمۇشۇ ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىمىز)
3. Start كۇنۇپكىسىنى باسىمىز،(15 سىكۇنۇتتىن كىيىن يانفۇن قايتا قوزغىلىدۇ)
4.بۇ ۋاقىتتا يانفونغا چېقىلمايمىز، يانفۇن ئۆزلىگىدىن روت ھوقوقىغا ئېرىشىدۇ.
5.ئەمدى20 سىكىنۇت ئەتراپىدىن كىيىن reboot after 10s دىگەن خەت چىقىدۇ،(يەنى 10 سىكىنۇتتىن كىيىن يانفون قايتا قوزغىلىدۇ دىگەن گەپ) بىز يەنە ساقلايمىز، يانفونغا چېقىلمايمىز
6.يانفون قايتا قوزغۇلۇپ سېستىمىغا كىرگەندىن كېيىن، بەلكىم يەنە بىر قېتىم قايتا قوزغىلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال، ئىككىنجى قېتىم قوزغۇلۇپ سېستىمىغا كىرگەندىن كېيىن يانفوننى ئېچىپ SuperSU دىگەن ھۆججەت بارمۇ يوقمۇ قارايمىز، نورمال ئەھۋالدا چوقۇم بولىدۇ،ئەگەر بولمىسا قوشۇمچە ھۆججەتتىن ئۆزىمىز قاچىلايمىز چوقۇم 卡刷 قىلىمىز.
مەن بۇگۇن بىر كۈن بولدى، يانفونۇمنى 4.3 گە كۆتۈرۈپ قويۇپ روت ھوقوقىغا ئېرىشەلمەي قىيلىنىپ ھەپىلىشىپ نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئەڭ ئاخىرى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئوڭۇشلۇق بولدى، سىلەرمۇ سىناپ بېقىڭلار.... مىنىڭ ئىشلەتكەن يانفونۇم samsung i9500
سىلەرگىمۇ ياردىمى تىگىپ قالسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم، پايدىلىنارسىلەر .......رەسىمنى مۇشۇ ئالىپ تورىدىن ئىشلەتتىم... |
|