|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار .
نۆۋەتتىكى دەرىسىمىزدە جاۋا موھىتى ھازىرلىيالمىغان دوسلار ئۈچۈن، جاۋا موھىتى چۈشۈرۈش ۋە ئۇنى ئورنىتىش ئېلىپ بارىمىز.
جاۋانى ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن .
چۈشۈرۈش ئادىرسى : http://www.oracle.com/technetwor ... ownloads/index.html
مەن جاۋانى مۇشۇ توردىن چۈشۈرۈپ بولغاچقا قايتا چۈشۈرمىسەممۇ بولا.
جاۋانى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلايمىز. ئەمدى بىز جاۋا موھىتىنى ھازىرلايلى.
جاۋا موھىتىنى ھازىرلاشتا بىز تەييارلىۋالغان جاۋا كودىنى مۇناسىپ ئورۇنلارغا قوشىمىز.
جاۋا موھىتى ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن روم تاللايمىز.
مەردان ئەپەندىم تەپسىلى قىلىپ يوللاپتىكەن : تېما ئادىرسى مانا /thread-8493-1-1.html
ئىككىنجى باسقۇچتا : ئورگان رومىنى يېشىش ۋە ئىچىدىكى ئەپلەرنى يېشىش سۆزلىنىدۇ.
ئادەتتە ئورگان روملىرى ئورگان تەرەپتىن بىزگە تەمىنلىگەندە ئوخشىمايدىغان قىلىپ بولاقلايدۇ.
مەسىلەن : بەزى روملار update.zip بولسا يەنە بەزىلىرى update.app بولىدۇ.
Update.zip ھالەتتىكى روملارنى يېشىش ئاسان ،كومپىيوتېرىڭىزدە winrar بولسىلا، winrar ئارقىلىق يېشىشكە بولىدۇ.
update.app نى ئايرىم دېتاللار ئارقىلىق يېشىمىز. update.app نى سىن دەرىسدە يېشىپ كۆرسىتىلدى.
ئەمدى يېشىپ بولغان روم ئىچىدىكى ئەپلەردىن تېلېفوننىڭ يادرو ھۆججىتى بولغان Framework-res.apk نى جاھازىغا ئالىمىز.
مەن 2.3 نەشىرىدىكى ئورگان رومىنى يېشىپ كۆرسەتكەچكە ، Apktool نىڭ تۆۋەنرەك نەشرىنى ئىشلەتتىم .
apktool دىتالىنى ئاندىرويىد ئاچقۇچىلار بىزنىڭ قېيىنچىلىقىمىزنى ئويلاپ ئەپلەرنى يېشىش ۋە بولاقلىشىمىزغا تەمىنلىگەن.
Apktool بەزىدە ھەممە روملارغا ماس كەلمەسلىكى مومكىن بۇ چاغدا تەمتىرمەي ، ئاشۇ دىتالنى تەمىنلىگەن تور بىكەتكە كىرىپ باشقا نەشردىكىلەرنى چۈشۈرۈپ سىناڭ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى : https://code.google.com/p/android-apktool
Framework-res.apk نى Apktool دىتالى ئارقىلىق جاھازىغا ئېلىش ۋە يېشىش مەشخۇلاتىنى قىلىشقا بولىدۇ.
Framework-res.apk جاھازىغا ئېلىشتا 5 رەقىمىنى كىرگۈزۈپ Enter كونۇپكىسىنى باسساق جاھازىغا ئالىدۇ.
Framework-res.apk نى يېشىش ئۈچۈن بىر نۇسخا كۆپەيتىۋالىمىز، ئاندىن ئىسمىنى 123 گە ئۆزگەرتىپ 1 رەقىمىنى كىرگۈزۈپ Enter كونۇپكىسىنى بېسىپ يېشىشكە بۇيرۇق بېرىمىز.
Framework-res.apk جاھازىغا بىر قېتىم ئېلۋالغاندىن كېيىن ئاشۇ قارا كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەيمىز. كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەي تۇرۇپ يېشىدىغان ۋە بولاقلايدىغان بارلىق مەشخۇلات تاماملىنىپ لازىمى قالمىغاندا قارا كۆزنەكنى ئاندىن تاقايمىز.
ئەگەر قارا كۆزنەكنى ئېھتىياتسىزلىقتىن تاقىۋەتكەن بولسىڭىز ، Framework-res.apk نى قايتا جاھازىغا ئېلىۋىتىپ داۋام قىلسىڭىز بولىدۇ.
جاۋا موھىتى ھازىرلاش ھەققىدىكى سىن دەرىس : http://yunpan.cn/Q4qFV66FGX4Ax
يەشمەكچى بولغان ئەپنى يېشىپ بولۇپ ئۇيغۇر تىلى بولىقى قوشىمىز.
يەنە بىر دەرىس: http://yunpan.cn/Q4qFuXTmgrpC3
تېلېفوننىڭ يادرو ھۆججىتىنى يېشىپ بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قىلىدىغان ئىشىمىز ،ئىچىدە بار بولغان values-zh-rCN ھۆججەت خالتىسىنى ئىككى نۇسخا كۆپەيتىمىز.
بىرىنىڭ ئىسمىنى values-ug غا ئۆزگەرتىمىز. يەنە بىرىنىڭ ئىسمىنى values-ug-rCN
گە ئۆزگەرتىمىز.
دەرىسنىڭ داۋامى: http://yunpan.cn/Q4qFY8EtjNpd3
ئۆزگەرتىشىمىزدىكى سەۋەب values-ug نىڭ ئىچىدىكى تېلېفۇندا كۆرۈنىدىغان بارلىق ئۇچۇر تىزىملىكلىرى ۋە باشقا خەتلەر بار ھۆججەت،تېلېفۇندىكى بارلىق خەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرىنىشى ئۈچۈن مۇشۇ ھۆججەت خالتىسىدىكى بارلىق خەنزۇچە خەتلەرنى تەرجىمە قىلىمىز .
values-ug-rCN دە بولسا بىز ئۆزىمىز قول سېلىپ قوشىۋالغان ئۇيغۇر تىلىنى تىل تاللاش تىزىملىكىگە چىقىرىش ئۈچۈن كود قوشىدىغان ھۆججەتدان.
تىزىملىك ياكى ئۇيغۇرچە خەت كۆرىنىدىغان بارلىق ئورۇنلاردىكى خەتلەرنى ئوڭدىن چىقىرىش ئۈچۈن شۇ تېلېفوننىڭ Framework-res.apk ھۆججىتىنى يەشكەندە layout-ar بولسا بۇنى بىز بىر نۇسخا كۆپەيتىپ ئىسمىنى layout-ug قا ئۆزگەرتىمىز. شۇنىڭ بىلەن تىزىملىكلەردىكى خەتلەر ئوڭدىن چىقىدۇ.
ئەمدى بىز values-ug نىڭ ئىچىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنى تەرجىمە قىلىمىز.
خەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا قىينالسىڭىز ئالپ تورىدىن چاقماق روم لۇغىتى ۋە xml ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەش دىتالىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن چۈشۈرۈڭ.
چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى : /thread-8669-1-1.html
values-ug نىڭ ئىچىدىكى strings.xml بىلەن arrays.xml نىلا تەرجىمە قىلىمىز.
ئەمدى بولاقلايلى: بولاقلاشتا 3 رەقىمىنى كىرگۈزۈپ Enter نى باسىمىز.
ئەمدى بولاقلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىش ،روم ئىچىدىكى ئەپلەرنى يېشىپ بولاقلىغاندا ئەسلىدىكى ئەپ ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكى resources.arsc ھۆججىتى بىلەن بىز بولاقلاپ بولغان ئەپ ھۆججەت ئىچىدىكى resources.arsc نى باستۇرۇپ ئالماشتۇرۋىتىمىز.يەنە بىر ئىشنى ئۇنتۇپتىمەن .
بايامقى بىز قوشقان ئۇيغۇر تىلىنى تىزىملىككە چىقىرىپ بېرىدىغان ھۆججەتنى كۆچۈرمەپتىمەن.
ئەپ تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۆزىمىز قوشقان ئاشۇنداق تىل تىزىملىكىدە كۆرسىتىپ بېرىدىغان قىسقۇچلارنى ئۇنتۇلۇپ قالساق ،تېلېفۇنغا دەخلىسى بار.
تېلېفون قوزغالماس بولىدۇ،ياكى ئاشۇ ئەپ ئىشلىمەيدۇ.
باشقا سىستېما ئەپلىرىنىمۇ يۇقىرىقى باسقۇچلارغا ئوخشاش قىلىمىز.
باشقا ئەپلەرنى يەشكەندە values-ug نى قوشۇپ قويساقلا بولىدۇ. قوشۇپ بولۇپ ئىچىدىكى خام سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ بولاقلايمىز.
سىستېمىنىڭ ئىچىدىكى system/app مۇندەرىجىدىن ئەپتىن بىرنى ئۈلگە قىلىپ كۆرەيلى.
تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ماۋۇنىڭغا ئوخشاش %s بەلگىلەرنى پەش چىكىتلەرنى ئامال بار يۇيۇۋىتىپ قالماڭ،خاتالىق يۈز بېرىدۇ.
مۇنداق خاتالىق چىققاندا باشتا چىققان خاتالىق قۇرىدىن قاراپ چىقىپ شۇ قورنىڭ قەيەردىلىكىنى بەلگىلىۋالىمىز. ئاندىن شۇ قۇرنى ئىزدەپ تېپىپ يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ.
مانا بولاقلاندى ،بىراق بۇنداق قىلساق نۇرمالدەك قىلغان بىلەن ئاشۇ ئەپنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى يوقاپ كېتىدۇ.
بىز تەرجىمە قىلىپ بولاقلاپ بولۇپ نەتىجىڭىزدىن رازى بولسىڭىز رومدىكى ئۆز ئورنىغا باستۇرۇپ كۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن پۈتۈن ھۆججەتلەرنى بوياپ بولاقلايمىز.
ئۈچىنچى باشقۇچتا:بىز تەرجىمە قىلىپ بولغان بارلىق ئەپلەرنى رۇم ئىچىگە ئەكىرىپ رومنى بولاقلاپ ئىمزا قويىمىز .
رومغا ئىمزا قويۇش دەرىسى: http://yunpan.cn/Q4qF6dIhmm9ia
ئاۋۋال روم بولىقىنىڭ ئىچىگە ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئورۇنلىرىغا كۆچۈرىمىز.
ئاندىن بولاقلايمىز،بولاقلاپ بولۇپ ئىمزا قويىدىغان دېتال ئىچىگە رومنى ئەكىرىمىز.
ئىمزا قويۇش دىتالىغا رومنىڭ ئورنىنى ۋە ئىمزا قويۇپ چىقارماقچى بولغان ئورۇننى بەلگىلەپ بېرىپ ئىمزا قويۇشنى باسىمىز.
سىز بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنغا ئىمزا قويۇلغان روم ساقلاندى.
دەرىسلىك سەل تومتاق بولۇپ قالدى ،شۇنداقتىمۇ يامان ئەمەس چۈشنىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-3 10:28):
update.app روملارنى يېشىش دىتالى : http://yunpan.cn/Q4P86aGEthiaW
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-3 10:31):
system.img ھۆججىتىنى يېشىش دېتالىنىڭ يەنە بىر خىلى: http://yunpan.cn/Q4P8hF7eRqmdX |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|