|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندېشىم شەرەر، ياخشىمۇسىز ! سزنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل قورالنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىڭىزدىن مەن بەكلا خۇشال بولىۋاتىمەن، سىز بىلەن مۇنبەرداش بولغىنىمدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن، ئاللاھ مۇشۇ ئىشىڭىز ئۈچۈن كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن !
مېنىڭ سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم شۇكى: سىز مۇشۇ تېمىڭىزدا قالدۇرغان مۇشۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە دەرسلىك قاتارلىقلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى پۈتۈنلەي قۇرۇقكەن. ئەمەلىيەتتە مەن سىزنىڭ بۇرۇنقى تېمىلىرىڭىزنىمۇ كۆرگەن ئەمما مۇشۇ «شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قورالى» دېگەن دېتالنىڭ تېخىچە قارىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم . مۇشۇنداق ئېسىل ماتېرىياللارنى ياخشىراق بوشلۇققا قويۇپ بەھىرلىگەن بولسىڭىز، بىزمۇ ئىشلىتىپ باقسام. ھازىر 彩云 دىسكىسى ناھايىتى ياخشى، مەنمۇ تەرجىمە قىلغان ئەپلەرنى مۇشۇ بوشلۇقتىن بەھىرلەۋاتىمەن، بولسا سىزمۇ مۇشۇنىڭدىن بەھىرلەپ قويغان بولسىڭىز.
مەنغۇ ئىزچىل يانفۇندا تەرجىمە قىلىپ كېلىۋاتىمەن. سىز ياسىغان دېتال توغرىسىدا يۇقۇردا كۆپ دوستلار ياخشى باھالارنى بېرىپتۇ. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كومپيۇتېر سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن . ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
رەھمەت سىزگە ! .
|
|