- جۇغلانما
- 1344
UID1000
تىزىملاتقان2011-4-20
ئاخىرقى قېتىم2015-5-8
توردا304 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1344
- ئاقچا
- 2
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdusemet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 23:36
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىپ تورىدىكى بۇرادەرلەر، ئالدى بىلەن مەن ھەممەيلەننىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن. ماڭا ئالىپ تورىغا ئەزا بولغىلى بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. ھازىر مەن ھەر قېتىم كومپيۇتېرنى ئاچسام ئالدى بىلەن ئالىپ تورىنى زىيارەت قىلىپ، «يەنە نېمە يىڭىلىقلار چىققاندۇ» دەيدىغان بىر كېسەلنىمۇ يۇقتۇرۇۋالدىم. مەن بۇ بىر يىل جەريانىدا تېلېفۇنغا روم قاچىلاش، ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھەققىدە ئاز بولمىغان بىلىمگە ئىگە بوپتىمەن. لېكىن بۇ قېتىم بارلىق ھۈنەرلەرنى ئىشقا سالغان بولساممۇ华为C8813DQ غا ئورگان رومى يازالمىدىم. ئەسلىدە ماڭا نىسبەتەن 华为 تېلېفۇنغا ئورگان رومى يېزىش، كومپيۇتېردا ئۆزۈمنىڭ ئىسمىمنى ئۇرۇشتىنمۇ ئاسان ئىش ئىدى. چۈنكى مەن تالاي تېلېفۇنلارغا روم يېزىپ باققان. لېكىن بۇ قېتىم بۇ ھۈنەرلەر راستىنلا كارغا كەلمەي قويدى.
روم قاچىلاش جەريانىم تۆۋەندىكىچە:
http://consumer.huawei.com/cn/support/downloads/index.htm
يۇقىرىدىكى توربەتتىن ئورگان رومىنى چۈشۈردۈم ئاندىن پىرستىن يەشتىم. ئىچىدىن dload ھۈججەت قسىقۇچىنى ئىچىدىكى روم ھۈججىىتى بىلەن قوشۇپ SD كارتىغا كۆچۈردۈم. ئاندىن كارتىنى تېلېفۇنغا سېلىپ، ئاۋاز يۇقىرىلىتىش، تۆۋەنلىتىش، ۋە قوزغىتىش كونۇپكىسىنى باستىم. نورمال قاچىلىنىشغا باشلىدى. لېكىن 2/2 باسقۇچقا كېلىپلا ئۈندەش بەلگىسى چىقىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە تال SD كارتىنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم. يەنىلا ئوخشاش، مايغا توكنى لىق قاچىلاپمۇ سىناپ باقتىم. نەتىجە يەنىلا ئوخشاش 2/2 باسقۇچقا كېلىپلا ئۈندەش بەلگىسى چىقىۋالدى. قوزغاتسام تېلېفۇندا Huawei دېگەن خەت چىقىپلا گىدىيىپ تۇرىدۇ. باشقا ھىچقانداق ئىنكاس يوق. بۇ تېلېفۇن بىر خىرىدارىمنىڭ تېلېفۇنى ئىدى. دۇكانغا ئەكىرگەندە ساق ئىدى. مەن قۇلۇپتىن يىشىمەن دەپ بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق يىشىش نۇمۇرىغا ئېرىشىدىغان دېتالنى قاچىلاپ تېلېفۇننى تونۇتۇپ، نۇمۇرغا ئېرىشىش بۇيرۇقى بەرسەم «بۇ تېلېفۇننى قۇلۇپ ئېچىش نۇمۇرى تېپىلمىدى، خۇاۋېينىڭ تورىغا ئىلتىماس قىلىڭ» دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالدى. رېكوۋرىيغا كىرسەم 刷机精灵 نىڭ ئېنگىلىزچە رېكوۋېرىيسى قاچىلاقلىق تۇرىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ رومىنى قاچىلىسام نورمال قاچىلىنىدۇ. لېكىن قوزغاتسام تېلېفۇندا Huawei دېگەن خەت چىقىپلا گىدىيىپ تۇرىدۇ. باشقا ھىچقانداق ئىنكاس يوق. زاۋۇت رومىنى يازسام يۇقىرىقىدەك خاتالىق چىقىۋالدى. شۇڭا ئامالسىز بۇ تېمىنى يېزىپ، ياردەم تەلەپ قىلىشقا توغرا كەلدى. شۇڭا ئالىپتىكى بۇرادەرلەرنىڭ ياردىمىنى ئايىماي ماڭا ياردەم قىلىشىنى ئۆمىد قىلىمەن. يىراقتىن كونتروللاپ ئوڭشاپ بېرىدىغانلار بولسا ھەق بېرىمەن. QQ:307166083
|
-
|