|
ئېلگىرى كۆچمىنىڭ تورنىلا ئىشلەتكەندە بۇ تور ھىچقانداق بىلىنمەپتىكەن ماڭا، بىرلەشمىنىڭ 3Gتورىنى ئىشلىتىپ ئۇ كارتام كىرەكسىز بوپكەتكەندىن كېيىن يەنە كۆچمىنىڭ تورىنى ئىشلىتىپ شۇنى ھىس قىلدىمكى ئۇنى تاشپاقا دىسەكمۇ ئارتۇق كەتكۈدەك ئالىپنى ئېچىشقىمۇ نەچچە مىنۇت كېتىدۇ،ئاساسەن QQ ئويناشقىلا ئىشلەتسە بولىدىكەن.ئۆتكەن ئايدا تورغىلا 60 يۈەن پۇل كىتىپتۇ،ئىشلەتكىنىمنىڭ تايىنى يوق،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىمنى سىقىپ يۈرەك كېسىلى قىلىپ قويغىلى ئازلا قالدى،شۇڭا قايتىدىن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G كارتىسى بۇيرۇپ قويدۇم،شۇ كارتا قولۇمغا تەگسىلا كۆچمىنىڭ تورىنى ئېتىۋىتىپ ئىككىنچى ئاچقۇزمايمەن.كۆچمىنىڭ تاشپاقا تورىدىن بىزار بولغانلار،ئۇنى ئازدەپ پۇل توشىتىپ بولالمىغانلار بىرلەشمىنىڭ 3G كارتىسىنى ئىلىپ ئىشلىتىڭلار،ئايدا 50 يۈەن تۆلىسەڭلار 3072mb تور ئىشلىتىسلەر،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر 9G ئېقىم بار كارتىنىڭ باھاسى 100 ئىكەن،باھا ياكى سۈرئەت جەھەتتىن بولسۇن رازى بوپقالىسلەر ھەرگىز پۇشايمان قىلمايسىلەر. |
|