ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1677|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Google translator غا ئۇيغۇرچە قوشۇڭ

300

تېما

2374

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251121
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

Google translator غا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇشقا قاتنىشىڭ.
ئادرېسى: http://translate.google.com
     Google translator (تۆۋەندە گۇگېل تەرجىمانى دەپ ئېلىندى.) نۆۋەتتىكى ئىنتىرنېت ساھەسىدە ھەممە ئېتراپ قىلغان ئىشىلتىش ئەڭ قولايلىق، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان ھەقسىز تەرجىمە قىلىش قورالى. نۆۋەتتە بۇ قورال دۇنيادىكى 52 چوڭ تىللارنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. گەرچە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئادەمگە يەتمىسىمۇ بىراق كۆرۈپ چۈشىنىشكە ۋە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىشىلتىش ئەھمىيتىگە ئىگە.  بۇ قورالنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئازراق ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن. گۇگېل تەرجىماننىڭ ياردەم بېتىدە تۆۋەندىكىدەك دېيىلگەن:
Help us support new languages
We're also working to support other languages and will introduce them as soon as the automatic translation meets our standards. It's difficult to project how long this will take, as the problem is complex and each language presents its own unique challenges. In order to develop new languages and improve the quality of existing languages, we need large amounts of bilingual texts. You can help by using Translator Toolkit for translating or uploading your translation memories into Translator Toolkit.

    بىزگە ياردەملىشىپ يېڭى تىللارنى قوشۇڭ
     بىز يېڭى تىللارنى ئامال بار تېز قوللاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز، يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارى بىزنىڭ ئۆلچىمىمىزگە يەتكەن ھامان ئېلان قىلىندۇ. بۇ خىزمەتنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئالدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك تەس، چۈنكى ھەر بىر يېڭى تىلنىڭ ئۆزىگە خاس مۇرەككەپلىكى ۋە قىيىنچىلىقى بولىدۇ. يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ھازىر بار تىللارنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىز نۇرغۇن مىقتاردىكى ئىككى تىللىق تېكىستلەرگە موھتاج. سىز بۇ جەھەتتە تەرجىمە قىلىش قورالى ئارقىلىق ياكى تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىيالىڭىزنى تەرجىمە قىلىش قورالىغا يۈكلەش ئارقىلىق ياردەم قىلالايسىز.

    ئەگەر سىزدە بۇ قورال قوللىغان ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە قاتارلىق 30 خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تېكىست بولسا، گۇگېل ھېسابىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇ تېكىستنى Translator Toolkit (تۆۋەندە تەرجىمە قىلىش قورالى دەپ ئېلىندى) غا قوشۇپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە قىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز. ئەگەر سىزدە ئۇنداق تېكىست بولمىسا، يۇقارقى تىللاردىن مەلۇم بىرسىنى بىلسىڭىز بىرەر تور بەتنى ياكى ۋىكىپىدىيادىن بىرەر ماقالىنى مەلۇم تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئاۋال تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ upload /上传 دېگەننى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
http://translate.google.cn/#

http://translate.google.com/tool ... translations/active

    يېڭى ئېچىلغان بەتتە local file / 本地文件, web page / 网页, wikipidia  article دېگەن تاللاشلار بار. تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەنبەنى تاللاپ، مەنبە ھۆججەتنىڭ تىلى ۋە ئۇيغۇرچىنى تاللىغاندىن كېيىن ئەسلى تېكىست بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يوللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. تەرجىمە ماشىنىسى يوللانغان تېكىستلەرنى ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىپ ساقلىۋالىدۇ. يېتەرلىك تېكىست بولغاندا گۇگېلدىن new-languages-in-google-translate بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا چىقىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خەت يېزىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشنى قوشۇشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ. بىراق يېتەرلىك تەرجىمە قىلىنغان تېكىستلەر بولمىغاندا بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.

مەنبەسى: بىلىك كۇلۇبى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
qoglan2 + 30 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

5

تېما

1883

يازما

434

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
0
جۇغلانما
6880
ئاقچا
73
kilimat ۋاقتى: 2012-1-26 10:31:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئالىپ ئەپەندىم، سىز يوللىغان بۇ تىما ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ دۇنياغا يۇزلىنىشىدە كامبولسا بولمايدىغان خىزمەتكەن،مىللەتنى سويۇش تەرەققى قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭبۇرچى بىراق قولىمىزدىن كەلمەيدىغانلارغا ئاماليوق كەن بۇ ئىش قولىدىن كىلىدىغان قېرىنداشلا يۇكسەك دەرىجىدە ئىتىۋار بەرسە مەن ئۇلارغا مالىيە جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلىشقا تەييار، ئالىپ ئەپەندىم، ئاللاھ ھەممە ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !

5

تېما

41

يازما

659

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
1400
ئاقچا
142
tiken ۋاقتى: 2012-1-26 10:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت چىقسا مەنمۇ قوشۇپ قوياي
لېكىنزە مۇشۇ miui نى تەرجىمە قىلغۇچە خەت بېسىشتىن يالغان تىلەمچىگە ئۆچ بولغاندەك ئۆچ بولدۇم جۇما!!!!!

7

تېما

61

يازما

500

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1209
ئاقچا
46
abral ۋاقتى: 2012-1-26 10:55:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەردىكى تېكىستلەرنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقساق بولۇرمۇ؟ ئەگەر مۈمكىن بولسا، نۇرغۇن تەرجىمانلارنىڭ قولىدىكى ۋە قۇتيارغا يېغىلغان تەرجىمە ھۆججەتلىرىنى يوللساق قانداق بولۇر؟
مېنىڭچە بۇ تەييار تەرجىمە ئىدى.

300

تېما

2374

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251121
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip  ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-26 11:34:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abral يوللىغان ۋاقتى  2012-1-26 10:55
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەردىكى تېكىستلەرنى كىرگۈزۈپ سى ...

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىڭ خېتى ئەلۋەتتە بولىدۇ. سىناپ بېقىڭ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم
braveheart بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
braveheart ۋاقتى: 2012-1-26 16:10:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

5

تېما

326

يازما

186

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
846
ئاقچا
31
MuHam_Mad ۋاقتى: 2012-1-26 16:30:46 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە جە پ ياخشى ئىش بوپتۇ بۇ.

13

تېما

55

يازما

713

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
1648
ئاقچا
111

تۆھپە ئوردېنى

QQ
UyghurApp ۋاقتى: 2012-1-26 18:22:30 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇبەك ياخشى پىكر بوپتۇ ئالىپ ئەپەندى  بۇنداق قىلساق ئاندىرويىد ئەپلىرىنىمۇ ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ ، بۇنىڭ ئەمىيىتى
بەك زور بۇبىر چوڭ ئىش ھەممەيلەن بىرلىككە كىلىپ بۇمەسىلىنى ھەل قىلايلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UyghurApp تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-26 18:45  

300

تېما

2374

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251121
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip  ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-26 22:36:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا braveheart ئەپەندىگە ئەۋەتىپ بەرسەك بولغۇدەك.
braveheart ئېلخەت ئادېرسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم
braveheart بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
braveheart ۋاقتى: 2012-1-27 08:12:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش