- جۇغلانما
- 700
UID9734
تىزىملاتقان2012-9-1
ئاخىرقى قېتىم2014-8-15
توردا147 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 700
- ئاقچا
- 0
|
تېلىفۇننى ئېلىپلا بىرىنچى قىلغان ئىشىم ،سېستىمىنى lumia Blackقا يېڭىلاش بولدى، يەنى Wifiغا ئۇلاپلا، سېستىمىنى يېڭىلىسام، ئانچە ئۇزاققا قالماي
يېڭىلىنىپ بولدى ھەم سېستىما ئەپلىرىنىمۇ يېڭىلىۋالدىم.
ئەمدى قاچىلىغان ئەپلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
1.ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ:ئەپ بازىرىدىن uyghurسۆزىنى كىرگۈزۈپ،ئىزدىسەم 2ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ چىقتى،بىرىدە پەقەت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بارئىكەن،يەنە بىرىدە ئۇيغۇرچە \قازاقچە\قىرغىزچە كىرگۈزگىلى بولىدىكەن،ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار ئىكەن.
2.توربەتلەر توپلىمى:بۇنىڭغا بىرقىسىم ئۇيغۇرچە توربەت ئۇلىنىشلىرى بار ئىكەن، خېلى بولىدىكەن.
يۇقۇرىقى 2 ئەپنى ياسىغان دوستلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئاللاھنىڭ بەركەت بىرىشىنى تىلەيمەن.
3.ئادەتتە ئۇنتۇغاق بولۇپ قالغانىدىم، شۇڭلاشقا تېزلا قىستۇرما خاتىرە ئەپىنى ئىزدىدىم، تەلەيگە Note Plus+نى بۇ نەچچە كۈنلەردە ھەقسىز قىلىپتىكەن،ئۇنى چۈشۈرۈپ باش بەتكە مىخلىۋالدىم.
4.Adobe Reader ئوقۇغۇچ
insiderتوك پىرسەنتىنى كۆرسەتكۈچ
flash قول چىراغ
Moli playerقويغۇچ لارنى قاچىلىدىم ۋە مۇناسىۋەتلىكلىرىنى باش بەتكە مىخلىۋالدىم.
ئەمدى سېستىما ئەپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ، ئەپلەرئاساسىي جەھەتتىن يىتەرلىك بولۇپ قالدى.
مەسلىلەر:
1.باشتىكى تېلىفۇندىكى ئالاقىداشلارنى يۆتكەش:دەسلەپتە QQئالاقىداش قورالى بىلەن يۆتكىگەن، ئەمما يۆتكەپ بولغاندىن كىيىن،QQئالاقىداش قورالىنى
ئۆچۈرىۋەتسەم يوقاپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن ،QQئالاقىداش قورالىنى QQدىن قوزغىتىپ، ئالاقىداشلارنى CSVشەكلىدە چىقىرىۋىلىپ، Liveدىكى مىكروسوفىت
نۇمۇرىغا قاچىلىدىم(ئىككىسىنىڭ ھۆججىتىدە ئازراق پەرق بار، ھەر ئىككىلىسىنى ئېچىپ،مۇناسىۋەتلىك تىك قاتارلارنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ، outlook.com
غا كىرىپ ، قۇشۇسىز)
2.Officeتا ھۆججەت ئېچىش: تېلىفۇننى كومپىيۇتۇرغا چېتىپ،Documentsمۇندەرىجىسىگە بىرنەچچە مۇندەرىجە بويىچە كىتاپ، تېكست
ھۆججەتلىرىنى كۆچۈرسەم، Officeئۇقۇغىلى ئۇنمىدى،كىيىن توردىن ئىزدىسەم، باش مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈش كىرەك ئىكەن.شۇنداق قىلسام ئاندىن ئوقۇدى.
3.Adobe Flashنى ھەقسىز قاچىلىغىلى بولمايدىكەن(توردا ھەقسىز قاچىلاش ئۇسۇلى بار ئىكەن،سىناپ باقمىدىم).
.مەشغۇلات ئۇسۇللىرى:
1)باش بەتكە مىخلانغان بەلگىلەرنى تەڭشەش: بەلگىنى ئۇزاقراق بېسىپ تۇرسىڭىز، ئاستى تەرەپتە سىتىرىلكا ،ئۈستى تەرەپتە مىخ (مەنئى+مىخ)كۆرۈنىدۇ.
سىتىرىلكا چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشەش بەلگىسى،مىخ ئۆچۈرۈش بەلگىسى، بىرنى باسساقلا ئۆزگىرىدۇ.
2)Nokiaكەسپىي سۈرەت تارتىش دىتالى(ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرگەن):lumiaتېلىفۇنلىرىنى تۇنۇشتۇرغاندا، تورداشلار كۆرگەن بولىشى مۈمكۈن، رەسىم تارتقاندا بىرمۇنچە چەمبىرەك (تەڭشەش تۈرلىرى)بار ،بۇنى چىقىرىش ئۇسۇلى رەسىمگە تارتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سىيرىسىڭىز بولىدىكەن.
3)ئۇچۇر يازغاندا ، بىرمۇنچە مەزمۇننى كىرگۈزۈپ بولۇپ، ئارىسىدىكى مەلۇم ھەرپنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا، شۇ ئورۇننى ئۇزاقراق بېسىپ تۇرسىڭىز، كۆرسەتكەچ ھالىتىگە كىرىدىكەن، ئاندىن ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئورۇننى چىكىپ، ئۆزگەرتسەك بولىدىكەن.
4)ئەپلەرنى باش بەتكە چىقىرىش: ئەپ تىزىمىكىگە كىرىپ، چىقارماقچى بولغان ئەپنى ئۇزاقراق چىكىپ تۇرسىڭىز، باشلاش ئېكرانىغا مىخلاش دىگەن خەتنى چەكسىڭىز بولىدىكەن.بۇ ئەپنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئۆچۈرۈشنى چەكسىڭىز بولىدىكەن.
ئاخىرىدا دوستلارنىڭ قانداق ئەپلەرنى قاچىلىدىڭلار؟ تەۋسىيە قىلىدىغانلىرى بارمۇ؟ بولسا ئورتاق پىكىرلەشسەك...
|
|