- جۇغلانما
 - 1557
 
 UID1625
 
تىزىملاتقان2011-6-8
 
ئاخىرقى قېتىم2015-1-30
 
توردا44 سائەت
 
 
 
ئالىي ئەزا 
  
 
- نادىر
 - 0
 
	- جۇغلانما
 - 1557
 
- ئاقچا
 - 64 
 
 
 
 
 | 
	
    
subat786 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 17:22   
مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەڭ ئاۋال ياسالغان دىتال  
40 ھەدىس،  تەۋبە  ...  
سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۇرۇنلۇق .   مەنمۇ تېمامنىڭ بېشىدىلا بۇ ھەقتە ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدىم  ‹‹بۈگۈن تورداشلارغا سۇنماقچى بولغىنىمىز  ئاندىروئىد قا  ئەپ ياساش  دەرىسلىكى بۇلۇپ  ، يۇقۇرىدىكى ئەپلەرنىڭ ئۆزگەرتىپ ياسىلىش جەريانى  ، ئەپ ياساشقا كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللار ۋە ئۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى تەپسىلىي سۆزلەنگەن. ( دەرسلىك ئىشلىنىش جەريانىدا  ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلارنىڭ ئاندىروئىد قا  ئەپ ياساشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرىدىن پايدىلىنىلدى) ›› 
 
بۇنىڭدىكى ‹ ئەپلەرنىڭ ئۆزگەرتىپ ياسىلىش جەريانى›  دىنلا مۇستەقىل ئەپ ياساش ئەمەس بەلكى ئۆزگەرتىپ ياساش دەرسلىكى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ .   
 
يەنە ‹دەرسلىك ئىشلىنىش جەريانىدا  ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلارنىڭ ئاندىروئىد قا  ئەپ ياساشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرىدىن پايدىلىنىلدى › دەپ ،  ‹‹ئەڭ دەسلەپ بۇ ئۇسۇلدا ئەپ ياسىغان كىشى››نى ئالاھىدە ئۇستازىم سۈپىتىدە تېلغا ئېلىپ ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدىم . 
 
دەر ھەقىقەت ھازىر ياسىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى ئوقۇشلۇق  ئەپلەر  مۇشۇ ئۇسۇلدا ياسىلىپ تورداشلارنىڭ مەنىۋېيىتىنى بېيىتىۋاتىدۇ . بۇمۇبىر ياخشى ئىش ، چۈنكى ، ئىجاد قىلىدىغانلار 1% بولسا  تەقلىد قىلىدىغانلار 99% . بۇبىر ھەقىقەت . مەسىلەن ھەممىمىزنىڭ ئېدىسۇن بولالىشىمىز ناتايىن  لىكىن ، ئېدىسۇنننىڭ كەشپىياتلىرىدىن تەقلىد قىلىپ ، خەلىق تۇرمۇشىغا قولايلىقلارنى ئېپكېلىۋاتقانلارنى ساناپ تۆگەتكىلى بولماس. 
 
توغرا دەيسىز ، ئالىپ تورىدا ئەپ تەرجىمە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئاز ئەمەس . مىنىڭ بىرقانچە ئەپنى ئۆزگەرتىپ  ، تورداشلارغا پايدىلىق ماتېريال قىلغانلىقىممۇ ئەشۇ يازمىلارنىڭ ياردىمىدە ۋۇجۇدقا چىققان. بۇنداق ئۇسۇلدا ئەپ ياساشنى كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ بىلىدىغانلىقى ئېنىق . مەن پەقەت ئاز بىرقىسىم تورداشلارنى نەزەردە تۇتۇپ  ، مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەپ ياساشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ، جەريانى ، كېرەكلىك يۇمشاق دىتاللار ۋە ئۇنى قاچىلاش  ، ئۆز جايىدا ئىشلىتىش  . . . قاتارلىق مەزمۇنلار نى دەرسلىك قىلىپ ئىشلىدىم خالاس . دەرسلىكنى ھەقلىق قىلىشىىمدىكى سەۋەپ : مۇشۇ ئۇسۇلدا بولسىمۇ ئەپ ياساپ  كەڭ ئاندىروئىد ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشقا ئاتلانغان تورداشلارغا  تېلفۇن ئارقىلىق ياردەمدە بۇلۇپ ، ئەمەلىيىتىمىزدە ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت.  
 
 
 
   
 |   
 
 
 
 |