ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1069|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Word دوكۇمېنتىغا خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ ساقلاش

4

تېما

5

يازما

122

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
266
ئاقچا
7
Word تا ئۇيغۇرچە ماقالىنى كىرگۈزۈپ بەت ياساپ بولغاندىن كېيىن، بۇ دوكۇمېنتنى باشقا كومپيۇتېرغا يۆتكەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئۆز كومپيۇتېرىمىزغا پىرىنتېر ئۇلانمىغان ئەھۋالدا، بۇ دوكۇمېنتنى U دىسكىغا كۆچۈرۈپ، پىرىنتېر ئۇلانغان باشقا كومپيۇتېردا ئېچىپ قەغەزگە بېسىپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئىككى كومپيۇتېرنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ماقالىدە ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى بار بولسا، ئۇ ھالدا خىزمىتىمىز توسالغۇسىز بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، بىرئوبدان تۈزۈپ قويغان بېتىمىز خەت نۇسخىسى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۇيغۇرچە قاچىلانمىغان كومپيۇتېرلاردا بولسا قالايمىقان بىرنەرسىلەر كۆرۈنىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالى ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە ئايان بولغاندەك ئىككىنچى كومپيۇتېرغىمۇ شۇ خىل خەت نۇسخىسىنى قاچىلاشتۇر. تۆۋەندە يەنە بىر خىل قولايلىق ئامال − Word دوكۇمېنتىغا خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ ساقلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
Word دوكۇمېنتىنى ساقلىغاندا دوكۇمېنتتا ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسىنىمۇ قوشۇپ قاچىلاش ئارقىلىق، دوكۇمېنتىمىزنى ھەرقانداق كومپيۇتېردا نورمال ئاچقىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ھەتتا بۇ دوكۇمېنتنى ئۇيغۇرچە قاچىلانمىغان كومپيۇتېرلاردىمۇ نورمال ئېچىشقا بولىدۇ (ئۇ كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بولمىغاچقا تەھرىرلىيەلمەيمىز ئەلۋەتتە). ھاسىل بولغان ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى نورمال ساقلىغان ھالەتتىن چوڭراق بولىدۇ. مەشغۇلات باسقۇچى تۆۋەندىكىچە: (تۆۋەندە Word2007 مۇھىتىنى مىسال قىلىمىز)
ماقالىنى تەھرىرلەپ بەت ياساپ بولغاندىن كېيىن «Office كۇنۇپكىسى» نى چېكىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن تۇنجى قېتىم ساقلىغاندا، «ساقلاش» (保存) نى، بۇرۇن ساقلاپ بولغان بولسا «باشقىچە ساقلاش...» (另存为) نى چېكىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
hat1.png

بۇ كۆزنەكتىكى «قورال» (工具) كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئېچىپ ئۇنىڭدىن «ساقلاش تاللانمىسى...» (保存选项) نى تاللايمىز. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
hat2.png

بۇ كۆزنەكتىكى «خەت نۇسخىسىنى ھۆججەتكە قىستۇرۇش» (将字体嵌入文件) كۆپ تاللانمىسىنى تاللاپ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويىمىز، ۋە «جەزملەشتۈرۈش» (确定) كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز. بۇ ۋاقىتتا ئالدىنقى رەسىمدىكى «باشقىچە ساقلاش» (另存为) كۆزنىكىگە قايتىدۇ، بۇ كۆزنەكتىكى «جەزملەشتۈرۈش» (确定) كۇنۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق ھۆججىتىمىزگە خەت نۇسخىسىنى قىستۇرۇپ ساقلىيالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆججەتنى شۇ خىل خەت نۇسخىسى يوق كومپيۇتېرلاردىمۇ بىلال كۆرەلەيمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +45 يىغىش سەۋەبى
aqkepter + 5 ئىجادىي ئەسەر
alip + 40 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

1

تېما

33

يازما

210

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
568
ئاقچا
0
polo ۋاقتى: 2012-1-17 22:29:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ماڭا ئاتاپ  يوللىغاندەكلا  .... كۆپ رەھمەت . ئەمدى ئىشلىرىم تېخىمۇ قولايلىق بۇلدىغان بولدى . . .

14

تېما

110

يازما

401

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1117
ئاقچا
1
dilaram ۋاقتى: 2012-1-18 11:34:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي ،نىمانچە  ياخشى. مەنمۇ تۇلا ئۇچرايتتىم بۇ ئىشقا. رەخمەت جۇمۇ !!!
iphone4S يانفۇنۇمنى 7.1.1 گە كۈتۈرۈپ مۇۋاپىقىيەت قازاندىم،ت ...

18

تېما

93

يازما

630

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
1438
ئاقچا
50
ratna ۋاقتى: 2012-1-18 12:28:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئامالكەن بۇ!
xendan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
xendan ۋاقتى: 2012-1-22 23:04:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش