ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 2521|ئىنكاس: 22
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Arduino-كۆكچېش ئارقىلىق تىزگىنلەش

29

تېما

178

يازما

3110

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7093
ئاقچا
55
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-1 17:05  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
بۈگۈن بىز ئالدىنقى تېمىنىڭ داۋامى ئۈستەل چىرىغىنى كۆكچېش ئارقىلىق تىزگىنلەش تەجرىبىسىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز،بۇ تەجرىبە ئارقىلىق Arduino توك يول تاختىسىنى كۆكچىش ئارقىلىق يىراقتىن تىزگىنلەشكە ئائىت ئاساسى بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
ئالدى بىلەن كۆكچىش مودىلىغا ئائىت بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!
蓝牙模块.JPG
كۆكچىش مودېلى بولسا كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان كىچىك تىپتىكى توك يول تاختىسى بولۇپ،قىسقا ئارىلىقتا سىمسىز ئالاقە ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدۇ،ئادەتتە كۆكچىش مودېلى ئارقىلىق كۆكچىش ئىقتىدارى بار ئاندرويد،ئالما يانفۇنلىرى،تاختا كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرلار بىلەن Arduino ئارسىدا سىمسىز ئالاقە قىلغىلى،سانلىق مەلۇمات يوللىغىلى،ئاردىينونى سىمسىز كونترول قىلغىلى بولىدۇ.بىز بۇ مودېلدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىر ماتورلارنى،چىراغلارنى،ئۈزچاتلارنى سىمسىز كونترول قىلالايمىز.كۆكچىش مودېلى ئارقىلىق سىمسىز كونترول قىلىشقا بولىدىغان نۇرغۇنلىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق،ئاپتۇماتىك قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىقىشقا بولىدۇ.مەسىلەن:كۆكچىش ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنا،كۆكچىش ئارقىلىق ئۆيدىكى چىراغلارنى كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى دېگەندەك.
كۆكچىش مودېلى ئىقتىدارىغا ئاساسەن كۆكچىش سانلىق مەلۇمات يوللاش مودېلى (مەسىلەن: BLK-MD-BC04-B،BLK-MD-SPP، BLK-MD-BC05-Bتۈرىدىكى) ۋە كۆكچىش ئاۋاز مودېلى (مەسىلەن:BLK-MD-SPK تۈرىدىكى) دەپ ئايرىلىدۇ.ئۆلچىمىگە ئاساسەن: 2.1،2.0،1.2 قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ،ئۆلچەم نومىرى قانچە چوڭ بولسا،سانلىق مەلۇمات يوللاش تېزلىكىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن سانلىق مەلۇمات كۆكچىش مودېلى،ئارقىمۇ- ئارقا ئالاقە كۆكچىش مودېلى ۋە ئاۋاز كۆكچىش مودېلى،ماشىنىغا يۈكلىمە كۆكچىش مودېلى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
بىز Arduino بىلەن ئۆز-ئارا ئالاقە ئېلىپ بېرىشىتا ئىشلىتىدىغان كۆكچىش مودېلى دەل ئارقىمۇ ئارقا ئالاقە كۆكچېىش مودېلى (تېپى: BLK-MD-BC04-B، BLK-MD-BC05-B، BLK-MD-BC06-B بولغان) بولۇپ،جەمئى تۆت دانە ئۇلىنىش پۇتى بار:  VCC (مۇسبەت توك مەنبەسى ئۇلىنىش پۇتى)، GND(مەنپى توك مەنبەسى ئۇلىنىش پۇتى)، TXD (سانلىق مەلۇمات يوللاش پۇتى)، RXD (سانلىق مەلۇمات قوبۇل قىلىش پۇتى) قاتارلىقلار.كۆكچىش مودېلى ئۈستىدە بىر دانە LED كۆرسېتىش چىرىغى بولۇپ،ئۇلىنىش ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ،باشقا كۆكچىش ئۈسكۈنلىرى بىلەن نورمال ئۇلانغان ۋاقىتتا چىراغ تېنىچ يانىدۇ،ئۇلىنالمىسا توختىماستىن يېنىپ،ئۆچۈپ تۇرىدۇ.
Arduino بىلەن كۆكچىش مودېلىنى ئۇلاش ئۇسۇلى:
VCC: ئاردىينونىڭ v5 لۇق ئۇلىنىش پۇتىغا ئۇلىنىدۇ.
GND: ئاردىينونىڭ GNDئۇلىنىش پۇتىغا ئۇلىنىدۇ.
TXD: ئاردىينونىڭ سانلىق مەلۇمات قوبۇل قىلىش ئېغىزى RX كە ئۇلىنىدۇ.
RXD: ئاردىينونىڭ سانلىق مەلۇمات يوللاش ئېغىزى TXكە ئۇلىنىدۇ.
دىققەت:كۆكچىش مودېلىدىكى سانلىق مەلۇمات يوللاش ئېغىزلىرىنى ئاردىينوغا ئۇلاشتا يوللاشنى قوبۇل قىلىشقا ئۇلاش ئېسىڭىزدە بولسۇن!
كۆكچىش مودېلىنىڭ توردىكى باھاسى 20~30 يۈەنگىچە بولۇپ،تاۋباۋغا ئوخشاش سودا تورىنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا «كۆكچىش مودېلى(蓝牙模块)» دەپ كىرگۈزسەك،نۇرغۇنلىغان كۆكچىش مودىللىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ،ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن تاللاپ سېتىۋالساق بولىدۇ.
(ئەسكەرتىش يۇقارقى تەپسىلاتلار تېما ئىگىسنىڭ «مەن Arduino غا ئاشىق» نامىلىق كىتابىدىن ئېلىندى)
2. كۆكچىش ئارقىلىق ئۈستەل چىرىغنى سىمىسز تىزگىنلەش.
تەجرىبىگە كىتەرلىك دېتاللار ئالدىنقىغا ئوخشاش بولۇپ،پەقەت USB ئۇلاش سىمىنىڭ ئورنىغا كۆكچىش مودىلىدىن بىرنى ئىشلىتىمىز.چىراغنى كومپىيۇتېر ئارقىلىق تىزگىنلىمەستىن بەلكى يانفۇن ياكى كۆكچىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقا ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تىزگىنلەيمىز.توك يول ئۇلىنىشى 1-تەجرىبىگە ئوخشاش بولۇپ،ئالدىنقى تەجرىبىدىكى توك يولنى ھىچقانداق ئۆزگەرتمەي،پەقەت تۆۋەندىكى توك يول سخېمىسى بويىچە بىر دانە كۆكچىش مودىلىنى ئۇلىساقلا بولىدۇ:
arduino 模板.JPG
توك يولىنى يۇقارقى تەرتىپلەر بويىچە قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،Arduino نىڭ توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى پروگرامما كودىنى كىرگۈزۈڭ.
  1. /*Réli arqiliq chiraghni kontrol qilish */
  2. char val;
  3. int relay=7; // Rélining sgnal putni 7-put qilip belgilesh
  4. void setup()
  5. {  
  6. Serial.begin(9600);
  7. pinMode(relay,OUTPUT);
  8. }
  9. void loop()
  10. {  
  11. val=Serial.read();
  12. if(val=='y')  //Y bésilsa réligha yuqiri tok bsimi birilidu
  13. {   
  14. digitalWrite(relay,HIGH);  
  15. Serial.println("LED ON!");  //Ikrangha uchur chiqiridu
  16. }else if(val=='o'){ // O bésilsa réligha töwen tok bsimi birilidu
  17. digitalWrite(relay,LOW);
  18. Serial.println("LED OFF!"); //Ikrangha uchur chiqiridu
  19. }
  20. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
پروگىرامما كودى ئالدىنقى تەجرىبىنىڭكى بىلەن ئوپمۇئوخشاش بولۇپ،زاغرا نان تىلى بىلەن چۈشەندۈرگەندە كۆكچىش مودىلىمۇ USBسانلىق مەلۇمات سىمىغا ئوخشاش Arduinoغا ئۇچۇرنى ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىش ئىغىزى ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ،شۇڭا ئالدىنقى تەجرىبىدىكىگە ئوخشاشلا ()Serial.begin فۇنكسىيەسى كۆكچىش ئىۋەرتكەن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرنى ئوقۇپ كېرىپ،Arduino نىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ.
پروگىراممىنى Arduino توك يول تاختىسىغا چۈشۈرۈپ،Arduino توك مەنبەسىگە ئۇلانغاندىن كېيىن،كۆكچىش مودېلىدىكى LED كۆرسېتىش چىرىغى توختىماستىن ئۆچۈپ يانىدۇ،بۇ كۆكچىش مودېلىنىڭ باشقا كۆكچىش ئىقتىدارى بار ئۈسكۈنىلەر بىلەن باغلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ ۋاقىتتا قولىمىزغا يانفونىمىزنى ئېلىپ،كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ،ئۈسكۈنە ئىزدەيمىز.
  ئەسكەرتىش: ئاندرويد ياكى باشقا سىستىمىلىق يانفونلار بىلەن كۆكچىش مودېلى ئارسىدا ئالاقە ئېلىپ بېرىشتا،يانفونىمىزغا مەخسۇس كۆكچىش مودېلىغا بۇيرۇق بېرىشكە كېرەكلىك بولىدىغان ئەپنى قاچىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ(ئىقتىدارىڭىز بولسا بۇنداق ئەپنى ئۆزىڭىز تۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ)،بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئەپلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى،ئەڭ قولاي بولغىنى «كۆكچىش تېرمىنالى (ئاندرويد نەشىرى)» بولۇپ،بۇ ئەپنى توردىن ناھايىتى ئاسانلا ئىزدەپ تاپالايسىز.ھەرقانداق بىر يانفۇن ئەپ بازىرىنى ئېچىپ «BlueTerm» دەپ كىرگۈزسىڭىز،مەزكۈرنى ئەپنى ئىزدەپ تاپالايدۇ،ئاندىن يانفونىڭىزغا قاچىلىسىڭىزلا كۇپايە.ئەپنىڭ ئارايۈزى تۆۋەندىكىدەك:
222.png 333.png
BlueTerm 1.1.apk (219.78 KB, چۈشۈرۈش سانى: 97)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
amat015 + 50

باھا خاتىرىسى

0

تېما

37

يازما

62

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
234
ئاقچا
0
1411554763 ۋاقتى: 2014-2-1 17:09:53 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  قىرىندىشىم        مۇشۇنچىۋالا كۆپ خەتنى قانداقمۇ يىزىپ بولغانسىز مەن
ئوقۇپ بولالمايمۇ كۆزلىرىم ئاغرىپ كەتتى

8

تېما

407

يازما

833

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2735
ئاقچا
2
elpida ۋاقتى: 2014-2-1 17:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپالىق ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر......

6

تېما

208

يازما

241

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1064
ئاقچا
5
QQ
yaxlik007 ۋاقتى: 2014-2-1 18:00:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
蓝牙模块 نى  سىتىۋالساق  ئاندىن كۆ چىش ئارقىلىق چبراغنى كونتىرول قىلغىلى  بولامدۇ؟

29

تېما

178

يازما

3110

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7093
ئاقچا
55
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-1 19:16:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  قىرىندىشىم        مۇشۇنچىۋالا كۆپ خەتنى قانداقمۇ يىزىپ بولغانسىز مەن
ئوقۇپ بولالمايمۇ كۆزلىرىم ئاغرىپ كەتتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،تېمامنى ئوقۇيمەن دەپ جاپا تارتىپسىز،سىزگىمۇ رەخمەت،مەن بۇ تېمىنى ئېلېكتىروننى سۆيىدىغان قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن يازدىم،خەلقى ئۈچۈن،مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى،ساپاسى ئۈچۈن كېچە-كىچىلەپ تىرشىچانلىق كۆرستىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدا مىنىڭ قىلغانلىرىم ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ،بۇ قۇرۇق گەپ ساتىدىغان تېما ئەمەس،بەزى نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە مۇشۇنداق كۆپ جەرىيان كېتىدىكەن،ئوقۇشقا خوش ياقىمىغان بولسا ئوقۇمايلا قويۇڭ،قىينىلىپ ئىنكاس يازىمەن دەپ ئاۋارىمۇ بولۇپ يۈرمەڭ. گىپىم قاتتىقراق كەتكەن بولسا رەنجىمىگەيسىز.
蓝牙模块 نى  سىتىۋالساق  ئاندىن كۆ چىش ئارقىلىق چبراغنى كونتىرول قىلغىلى  بولامدۇ؟

توغرا،بۇنىڭغا كۆكچىش مودىلى سېتىۋىلىشىڭىز كېرەك.

7

تېما

21

يازما

96

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
262
ئاقچا
1
keli777 ۋاقتى: 2014-2-1 19:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ياخشى يىزىپ سىز ؟

5

تېما

86

يازما

297

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
849
ئاقچا
4
xadman ۋاقتى: 2014-2-1 20:15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوراپ باقسام تېلفۇن بىلەن كومپيۇتېرنى كۆك چىش ئارقىلىق قانداق ئۇلايمىز ،  قايسى دىتال ئارقىلىق مەن تېلغۇندىن كومپيۇتېرغا ماتېريال يوللىماقچىتىم  سىم يوق ئەھۋال ئاستىدا

0

تېما

49

يازما

147

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
617
ئاقچا
0
956336102 ۋاقتى: 2014-2-1 20:52:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arduino دىگەن «شەيئى تورى»(物质网)دىگەننى كۆرسىتەمدۇ؟

15

تېما

152

يازما

2238

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
5592
ئاقچا
111

تۆھپە ئوردېنى

umit2005 ۋاقتى: 2014-2-1 22:14:29 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى ئۆزىنىڭ تېمىسىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنى ئۆچۈرەلەيدىغان  قىلغىلى بولماسمۇ؟ بىر ئۇبدان تېمىغا بىكار بىر ئىنكاسلارنى  يېزىۋاتقان،ئۇنى ساتىمەن، بۇنى ساتىمەن دەۋاتقان. شۇنداق ئىنكاسلارنى كۆرگەندە ئۆچۈرۋاتقىم بەكلا كىلىدۇ،، لىكىن ئامال يوق. بۇ تېمىدىمۇ  شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلىدى مانا.

19

تېما

618

يازما

843

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
1
جۇغلانما
2945
ئاقچا
5
sanjar ۋاقتى: 2014-2-1 22:46:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندىروئىد تىلفونغا ئىلىتىدىغان ئەپنىڭ باشقىسى بولسا تونۇشتۇرمامسىز ؟ مەسىلەن تىزگىنەك شەكلىدە بولسا كىچىك ماشىنىنى كونتىرول قىلساق دىمەكچى ...

8

تېما

153

يازما

217

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
865
ئاقچا
3
QQ
sultanbiz ۋاقتى: 2014-2-2 00:42:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەڭمەت قېرىندىشىم ئەجرىڭىزنى اللە بەرسۇن
TizUlar.Cnبېكەتلەر جەمگاھى

14

تېما

864

يازما

118

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3479
ئاقچا
1
amat015 ۋاقتى: 2014-2-2 00:50:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت . تىمىلىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلايمەن.
يەكەن دىتاللار مۇنبىرى ئىچىۋىتىلدى:http://www.yakan.tk

7

تېما

190

يازما

343

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1187
ئاقچا
0
androiduyghur ۋاقتى: 2014-2-2 01:07:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پروگراممىنىڭ يېزىش قايىىنى بىر تەپسىلى سۆزلىۋەتسىڭىزكاللامدىكى تۈگۈنچەك يىشلىپ كىتەتىتى.

باھا سۆز

پىروگىراممىنى قايسى خىل شەكىلدە ساقلايمىز؟  ۋاقتى: 2014-4-27 13:10

6

تېما

54

يازما

354

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
784
ئاقچا
10
QQ
zoro007 ۋاقتى: 2014-2-2 02:11:59 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئاردۇينوغا مەنمۇ ئاشىق ، بىرلىكتە تىرىشايلى!来自: Android客户端

21

تېما

908

يازما

458

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2625
ئاقچا
0
QQ
amirdinov ۋاقتى: 2014-2-2 10:13:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

باھا سۆز

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم،مەن بۇنىڭغا بەك قىزقىپ قالدىم شۇڭا تەجىربىنى ئىشلەپ بىقىش ئۈچۈن توردىن ئاردۇينيو بىلەن ك   ۋاقتى: 2014-4-25 19:48
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم،مەن بۇنىڭغا بەك قىزقىپ قالدىم شۇڭا تەجىربىنى ئىشلەپ بىقىش ئۈچۈن توردىن ئاردۇينيو بىلەن ك   ۋاقتى: 2014-4-25 19:29
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش