- جۇغلانما
- 1660
UID16479
تىزىملاتقان2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم2015-3-14
توردا610 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1660
- ئاقچا
- 0
|
مەن ئشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى يازاي، دوستلار پايدىلىناسىلەر.
مەن htc t328dدا خېلى كۆپ فونتلارنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقتىم. ئاندىروئىد نەشىرى 4.0.3. بەزىلىرىدە يانفۇن قوزغالماي قايتا سېستىما قاچىلىدىم. بەزىلىرىدە مۇۋاپپىقىيەتلىك بولۇپ خەت شەكلى ھۆسىنخەت شەكلىدە ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كەتتى. ئۆزۈممۇ ئۇيغۇر ھۆسىنخەتچىلىكىگە قىزىقىدىغان بولغاچقا، يانفۇننىڭ كىسەك بۇلىشىدىن ئەنسىرىمەي خېلى كۆپ سىناپ باقتىم. ئاخىرىدا تۈۋەندىكى بىرقانچە فونتلارنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋىسسىيە قىلىمەن. UKIJMejT، UKIJRu، UKIJKuY، UKIJChiK، UKIJSlsقاتارلىقلارنىڭ خەت شەكلى چىرايلىق، يانفۇننى كىسەك قىلمايدۇ. 4.0دىن تۈۋەن نەشىردىكى يانفۇنلاردا سىنىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 360优化大师دا ئالماشتۇرماڭلار، خەنزۇچە خەت كاتەكچە چىقىۋالىدىكەن. بايقىغان يىتەرسىزلىكىم بولسا 4.0.گە فونت قاچىلىغۇچ ئارقىلىق فونت ئالماشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇپ بولغانلار بۇ فونتنى ئالماشتۇرسا ئە ھەرىپى چىقىدىكەن، لېكىن چىرايلىق ئۇلاشمايدىكەن، romقاچىلاشتىن ئىلگىرى romنىڭ ئىچىگە ئېلىپ، ئەسلىدىكى DroidNaskh-Regularبىلەن ئالماشتۇرىۋېتىپ قاچىلىسام، يەنىلا ئە ھەرىپى كاتەكچە چىقىۋالدى. قالغىنىنى ئۆزۈڭلار ئويلىشىپ قاچىلاڭلار. |
|