- جۇغلانما
- 212
UID5368
تىزىملاتقان2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم2012-1-11
توردا17 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 212
- ئاقچا
- 1
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئەزىز تورداشلار...........
مەن كومپىيوتىر بىلەن ھەپىلەشكىلى بۇيىل ساق 6يىل بولدى.بۇجەرياندا نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەقەتلەرنى تارتىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن ساۋاقلارغا،بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.
ئەپسۇس ئاخىرى 1000گىرادۇسلۇق ئەينەك ماڭا ھەمرا بولدىغان بۇلۇپ كىلىشىپ تور ۋە كومپىيوتىر ساھەسىدىن چىكىنىشكە كىلىشتۇق..
تورداشلارغا دەيدىغىنىم ۋە كۇتىدىغىنىم.
مۇمكىن بولسا كومپىيۇتىر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرماسلىقىنى.يانتېلفۇن ئىشلەتمەسلىكىنى.
ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.
تورداشلارنىڭ مەندىن ئبرەت ئېلىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
مەن كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا سائەتلەپ سائەتلەپ ئولتىراتتىم.تېلفۇندىمۇ ئۇزاق پاراڭلىشاتتىم.لىكىن ئاخىرى كۈزۈمنى ۋە ئۈزۈمنى نابۇت قىلىپتىمەن.
مەن يانفۇن ئىشىلتپ راك بولمىدىم لىكىن راك بولغىلى قىل قالدىم.
بۇگۇن مۇنبەرگە تىمىنى كۆپرەك يوللىغىنىمنىڭ سەۋەبى.
ئالىپ ئەپەندىنىڭ مىنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ تەكلىپلىك ئەزا قىلىپ قويغىنىغا پوشايمان قىلمىسۇن.مەنمۇ ئاتيىن ئەزا بۇلۇپتىمەن.شۇ ئالىپ ئەپەندىنىڭ ۋە يېقىندا ئالىپ تورىغا تەكلىپ يازغان قېرىندىشىمنىڭ تەكلىۋىنى ئۇرۇنداش، جۇمىلىدىن ئۈزۈمنىڭ مۇنبەر ئەزاسىلىق بۇرچىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇگۇنكى تىمىلارنى يوللىدىم.
ماڭا ئىشەنگەن ئالىپ ئەپەندىگە چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئالىپ تورىغا بالدۇراق كەلگەن بولسام قۇسۇقىمدىكى ئۇماچنى قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان بولسام نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە....
خەتنى ئالدىراپ يېزىپ نۇرغۇن جايدا ئىملا خاتالىقى كۈرۈلگەن بۇلىشى .بەزى يەرلىرىدە تورداشلىرىمىزغا ئىغىر كىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ قويغان بۇلۇشۇم مۇمكىن.قېرىنداشلىرىمنىڭ تۇزىتىپ ئۇقۇشىنى تۇۋەنچىلىلك بىلەن سۇرايمەن.
ئاخىردا ئالىپ ئەپەندىگە،سالامەتلىك ئىشىلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە،ئالىپ تورىدىكى قېرىنداشلىرىمىزگىمۇ سالامەتلىك ،ئۇزۇن ئۆمۇر.ئىشىلرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.ئالىپ تورىنىڭ كۇندىن كۇنگە تەرەققى قىلىشىغا تىلەكداشمەن.
خەيرى - خوش ئالىپ تورى.خەيرى - خوش ئالىپ تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار.
2012-يىل1-ئاينىڭ10-كۇنى .
شەھرى نۇرباغ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ︶ㄣMiHmaN︶ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 15:45
|
|