ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

<قۇراشتۇرغان كومپىيۇتىر>نى سېتىۋالغاندا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىڭ

20

تېما

49

يازما

51

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
212
ئاقچا
1
<قۇراشتۇرغان كومپىيۇتىر>نى سېتىۋالغاندا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىڭ

چىقىرىپ بەرگەن سەپلىمە تىزىملىكنىڭ ئېنىق ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭ.
بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا، سودىگەرنىڭ ماتىرىياللارنى قۇراشتۇرغاندا كۆز بويامچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىپ، كېيىنكى ئاۋارىچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قۇراشتۇرغان چاغدا ماتىرىيال ئوغرىلاپ، ساختىنى چىن قىلىپ كۆرسىتىدىغان نائىنسابلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
بەزى سودىگەرلەر يىغىۋالغان كونا كومپىيۇتىرنىڭ زاپچاسلىرىنى يېڭى كومپىيۇتىرغا سەپلەپ، ئىستىمالچىلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئامراق كېلىدۇ، يەنە بەزى قانۇندىن قورقمايدىغان رەزىل سودىگەرلەر ساختا مال ياكى سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغان زاپچاسلارنى ئۆلچەملىك كومپىيۇتىر قېپىغا ئالدىن قاچىلاپ قويۇپ، خېرىدار چىققاندا، يېڭىدىن قۇراشتۇرغان كومپىيۇتىر سۈپىتىدە قولدىن چىقىرىدۇ.
كومپىيۇتىر بىلەن بىللە مېڭىشقا تېەىشلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئوغرىلانغان يۇمشاق دېتال بولىدۇ، شۇڭا بۇ نۇقتا دىققەت قىلىندىغان مۇھىم جاي.
ئىستىمالچىلار بۇنداق ئوغرىلانغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەندە، ناۋادا مەسىلە چىقىپلا قالسا، كومپىيۇتىر بىلەن بىللە ماڭىدىغان رەسمىي يوسۇندىكى يۇمشاق دېتاللارغا ئوخشاش تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ۋە قوللاشتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. بەزىدە ھەتتا بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان كومپىيۇتىرغا زىيان سېلىپ قويىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ.
<3C> ئېترابنامىسى بار ياكى يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ.
بۇ ئامىل ھازىرلانمىسا كومپىيۇتىرنىڭ ئايلىنىش مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلماق تەس.
رېمونت ۋە ئاسراش مۇلازىمىتى بار ياكى يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ.
بەزى سودىگەرلەر مۇنداق قۇراشتۇرۇلغان كومپىيۇتىرنى سېتىشتىن بۇرۇن، پۇل تۆلىگەن تالوم بولسىلا، سېتىش تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ مالنى قايتۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقىڭىزنى قايتا قايتا تەكىتلەيدۇ، ئەمما كومپىيۇتىردىن مەسىلە چىقىپلا قالسا، ، مالنى قايتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇلار بۇنداق ئىشنىڭ يوقلۇقىنى قايتا قايتا تەكىتلەپ تۇرۇۋالىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش