- جۇغلانما
- 851
UID10414
تىزىملاتقان2012-9-26
ئاخىرقى قېتىم2015-3-6
توردا178 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 851
- ئاقچا
- 10

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eeyyss تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-1 11:12
كىتابىڭىزنى سېتىۋېلىپ تولۇق ئوقۇپ چىقتىم،كۆپ بىلىملەرنى ئالدىم.كېتاب ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا بىرنەچچە يەردە ئازراق خاتالىق بارلىقىنى بايقىدىم،كىتابنى تېخىمۇ مۇكەممەل،چۈشىنىشلىك قىلىپ چىقىشىڭىز ئۈچۈن مەن بايقىغان خاتالىقلارنى ۋە پىكىرىمنى ئوتتىرىغا قويماقچىمەن(بۇ ھەرگىزمۇ كىتابتىن پۇتاق تاپقىنىم ئەمەس،تېخىمۇ ياخشى بولىشى ئۈچۈن پىكىر بېرىشنى لايىق تاپتىم).
1.ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىنگىلىسچىنى قىلچە بىلمەيدىغانلارمۇ كۆپ ساندا،شۇڭا بەزى پروگرامما نامى،ئۆزگەرگۈچى مىقدار ...دېگەندەك ئۆزىمىز بەلگىلەيدىغان مەزمۇنلانى لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۇيغۇرچە ئىپادىلىسەك چۈشىنىشكە قولايلىق بولاتتى؛ئاردۇينو ئىجادىيەت مۇھىتىنىڭ تىلىنى خەنزۇچىغا تەڭشەپ رەسىم قىستۇرما قىلىنسا چۈشىنىشكە ئاسانراق بولاتتى.تىل بولىقى قوشالايدىغانلار ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قوشۇپ قويسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى(مەن قوشۇپ قوياي دېسەم كېڭەيتىلگەن نامى moبولغان تىل بولىقىنى تەھرىرلەشنى بىلمەيدىكەنمەن).
2.>=ۋە <=بەلگىسىنىڭ تەرجىمىسىدە لوگىكىلىق خاتالىق بار،چوڭ ياكى تەڭ،كىچىك ياكى تەڭ دەپ تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولىدۇ.
3.ئىككىلىك سېستىما بەلگىسى بىلەن سەككىزلىك سېستىما بەلگىسى ئالمىشىپ قالغان.
....
دېگەنلىرىم خاتا بولسا كۆپچىلىك تۈزىتىش بېرەرسىلە. |
|