ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1444|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Word قا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش

4

تېما

5

يازما

122

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
266
ئاقچا
7
Word يېزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى كۆپ خىل يېزىقنى قوللايدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرچە يېزىقنىمۇ قوللايدۇ. بىز بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق يېزىقلار ئارىلاش كەلگەن ماقالىلەرنى بىمالال تەھرىرلىيەلەيمىز. ئۇيغۇرچە يېزىقنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان بولۇشى لازىم. كومپيۇتېرغا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قاچىلاپ بولۇپ،  ئاندىن Word نى قاچىلىساق، Word نىڭ ئوڭدىن سولغا يېزىش ئىقتىدارلىرى ئاپتوماتىك ھالدا تولۇق قوزغىتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قاچىلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى مۇناسىپ يۇمشاق دېتالنىڭ چۈشەندۈرمىسىدىن كۆرۈۋېلىڭ.
1. ئوڭدىن سولغا يېزىش ھالىتى
ئوڭدىن سولغا يېزىش ھالىتى ئەمەلىيەتتە قوش يۆنىلىشلىك يېزىق كىرگۈزۈش شەكلىنى ئاپتوماتىك قوللاش ھالىتىدۇر. بۇ يەردە ئېيتىلغان قوش يۆنىلىشلىك يېزىق دەل ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاش يېزىق بولۇپ ھەرپلەر ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان، رەقەم، بەلگە قاتارلىق بىر قىسىم مەزمۇنلار سولدىن ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىقنى كۆرسىتىدۇ. Word قا ماقالە كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ماقالىنىڭ ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ياكى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان بولسا يېزىق كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن Word نىڭ بەت ھالىتىنى ئوڭدىن سولغا ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بۇ نۇقتا ئۇنتۇلۇپ قېلىنىپ، سولدىن ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىق ھالىتىدە ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈلسە، بەت ياساشقا كەلگەندە ئۆلچەملىك بەت ياساشقا بولماي قالىدۇ.
ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن Word قورال ئىستونىدىكى ئوڭدىن سولغا يېزىش كۇنۇپكىسىنى چېكىپ تاللايمىز. بۇ ۋاقىتتا خەت كىرگۈزۈش نۇقتىسى كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتىدۇ ۋە شەكلىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. گورىزونتال شكالىمۇ ئوڭدىن سولغا ھالەتكە ئۆتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قورال ئىستونىدىكى يېزىق فورماتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم قوراللارنىڭ شەكلى ئوڭدىن سولغا ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. خەنزۇچە قاتارلىق سولدىن ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىقلار ئاساس بولغان ماقالىلەرنى تەھرىرلىگەندە سولدىن ئوڭغا يېزىش كۇنۇپكىسى   نى چېكىپ تاللايمىز.
ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
1) ھەر بىر سۆزدىن كېيىن بىر بوشلۇق كىرگۈزۈش كېرەك، يەنى سۆزلەر بىر بىرىدىن بوشلۇق ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرۇشى لازىم. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر كۆپىنچە ھالدا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلمايدۇ، بولۇپمۇ «ا، ە، د، ر، ز، ژ، و، ۆ، ۇ، ۈ، ۋ» قاتارلىق ھەرپلەر بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەر بىلەن كېيىنكى سۆز ئارىسىغا بوشلۇق قويمايدۇ. ئەگەر بوشلۇق قويۇلمىسا ئۇلىنىپ كەتكەن بۇ سۆزلەر بىر سۆز قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، بەت ياسالغاندا ئۆلچەملىك چىقماي قالىدۇ.
2) تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار. چېكىت، پەش، ئۈندەش، سوئال قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرى سۆزگە يېقىن قويۇلىدۇ، بۇ تىنىش بەلگىلىرى بىلەن سۆز ئارىسىغا بوشلۇق قويۇلمايدۇ. تىنىش بەلگىسىدىن كېيىن بوشلۇق قويۇلىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىنمىسا، تىنىش بەلگىلىرى قۇر بېشىدا كېلىپ قالىدىغان، تىنىش بەلگىسى بىلەن كېيىنكى سۆز بىر سۆز قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
تىرناق، قوش تىرناق قاتارلىق جۈپى بار تىنىش بەلگىلىرىنى قويغاندا، تىرناق ئېچىلىپ بوشلۇق قويۇلماي بىۋاسىتە سۆز كىرگۈزۈلىدۇ، تىرناق يېپىلغاندا تىرناق بىلەن ئالدىدىكى سۆز ئارىسىغا بوشلۇق قويۇلماي، تىرناق يېپىلغاندىن كېيىن بوشلۇق كىرگۈزۈلىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا، ئېچىلغان تىرناق قۇر ئاخىرىدا يالغۇز كېلىپ قالىدىغان، يېپىلغان تىرناق قۇر بېشىدا كېلىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا، كىرگۈزگەن ماقالىمىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن تىزىلىدۇ. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە پۇختا مەشىق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگەندە بەزىدە سۆزلەرنى سوزۇپ يېزىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سوزۇش بەلگىسى «ـ» نى مۇۋاپىق قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
resim.png


بۇ بەلگە ھەرقايسى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش سىستېمىلىرىدىكى كۇنۇپكا ئورنى ئوخشاش ئەمەس، ھەتتا بەزى خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدا بۇ نۇقتا نەزەرگە ئېلىنماي تاشلىنىپ قالغان. بۇ بەلگىنىڭ يەنە ھەرپلەرنىڭ ئاخىر شەكلىنى يالغۇز يېزىشتىمۇ ئەھمىيىتى زور. مەسىلەن، «ئە» ھەرپىنىڭ ئاخىر شەكلىنى يازماقچى بولساق، سوزۇش بەلگىسى ۋە «ە» ھەرپىنى كىرگۈزسەك بولىدۇ، يەنى «ـە».
3) قوش يۆنىلىشلىك يېزىقلارنى ئارىلاش كىرگۈزۈش
ئۇيغۇرچە خەت ئارىسىدا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يېزىقلار ئارىلاش كەلگەندە، يېزىق تەرتىپى بىلەن كىرگۈزۈۋەرسە بولىدۇ، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا نۇر بەلگىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ يېزىقلار قۇر ئاخىرىدا كەلگەندە نورمال قۇر ئايرىش قائىدىسى بويىچە قۇر ئايرىيدۇ. شۇڭا خەت تەرتىپى بويىچە كىرگۈزىۋېرىش كېرەك.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
alip + 20 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

2

تېما

54

يازما

254

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
639
ئاقچا
1
izlirim ۋاقتى: 2012-1-8 17:46:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دەيلى ئەمدى ،،،  جاپا تارتىپسىز دوستۇم سۇۋادان ،سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنى تولىمۇ ئۇزۇن ئىكەن ، جاپانى خېلە تارتىپسىز ، بۇلار دائىم قوللىنىلىدىغان ساۋاتلار ئىكەن ھە؟؟؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izlirim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-8 17:46  

باھا سۆز

گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزىڭىزغا دىققەت قىلىڭ.  ۋاقتى: 2012-1-8 18:40

4

تېما

5

يازما

122

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
266
ئاقچا
7
سۇۋادان  ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-8 18:16:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام سىزگە izlirim، سىزگە نىسبەتەن بۇ مەزمۇنلار ئىنتايىن ئاددىي مەزمۇن بولغان بىلەن يەنىلا بىر قىسىم تورداشلىرىمىزغا ئەسقاتىدۇ. بۇ تېما «ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش» سەھىپىسىگە نىسبەتەن بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارايمەن. شۇڭا يوللىدىم. سىز «بۇلار دائىم قوللىنىلىدىغان ساۋاتلار ئىكەن ھە؟؟؟!» دەپ تۇرۇپ يازغان يازمىڭىزدا شۇ دائىم قوللىنىدىغان ساۋاتلارغا دىققەت قىلمىغان يەرلىرىڭىز باركەن. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. بىز ئەسلى بىر بىرىمىزگە بۇنداق تىكىنى بار گەپلەرنى قىلىشمىساق ئىنتايىن ياخشى بولاتتى، خاپا بولماڭ.
11.png بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇۋادان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-8 18:20  

0

تېما

20

يازما

210

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
689
ئاقچا
0
QQ
319 ۋاقتى: 2012-1-8 22:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز، يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بەك پايدىلىق تىما بوپتۇ، بولسا شۇ مۇھىم يەرلىرىنى رەسىم  بىلەن ئىپادىلەپ چۈشەندۇرگەن بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن، مەسىلەن: قورال ئىستونىدىكى ئوڭدىن سولغا يېزىش كۇنۇپكىسىنى ئادەتتە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر بۇلمەيدۇ، ھەم بەزى كومپىيۇتۇرلاردىكى word دا ئادەتتە قورال ئىستونىدىكى ئوڭدىن سولغا يېزىش كۇنۇپكىسى كورۇنمەيدۇ، شۇ كۇنۇپكىنى قورال سىتونىغا  قانداق قىتىشلارنىمۇ قىتىپ سۆزلىۋەتىسىڭىز تېخىمۇ تەپسىلى بولغۇدەك.
بىلىملىك ئۇزار ،   بىلىمسىز توزار.

2

تېما

12

يازما

84

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
219
ئاقچا
5
QQ
qin-soz ۋاقتى: 2012-1-9 13:38:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇيغۇر تۇرۇپ، ئۇيغۇرچە يېزىقنى توغرا ئىشلىتەلمىسەك، سەت تۇرارمىكىن؟!

0

تېما

46

يازما

114

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
326
ئاقچا
1
salkin11 ۋاقتى: 2012-1-9 14:03:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى مزمۇنلار يەنىلا ئالىپ تورىدا ئايان بولىدىكەن ... ھەقىقىي ئىقتىدار ئىگىللىرى مۇشۇ سەھنىگە مەركەزلەشكەندەكلا ... تولىمۇ خوش بولدۇم ... تەشەككۈر قېرىنداشلىرىم ...

2

تېما

54

يازما

254

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
639
ئاقچا
1
izlirim ۋاقتى: 2012-1-9 20:45:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزنى مازاق قىلىش ياكى يازغان تىمىڭىزنى كەم سۇندۇرۇش مەقسىتىدە يۇقارقى ئىنكاسنى يازمىغان ئىدىم،بەلكىم سۆزلەرنى جايىدا ئىپادىلىيەلمەي سىزگە ۋە باشقا دوستلىرىمغا سەلبى تەسىر بىرىپ قويغاندەك تۇرىمەن ،مەن ئۇنداق مەقسەتلەردە دېمىگەن ھەم دېيىشكىمۇ تىلىم بارمايدۇ،ئۈزەمنىڭ بىلدىغىنى تايلىق تۇرۇپ سىزنى زاڭلىق قىلغىلى ھەددىممۇ مېنىڭ .
ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى،
مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى.
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق،
سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى.
ئاخىرىدا دوستلاردىن تۈۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇسورايمەن،ئالىپ ئاكامنىڭ مېنى ئەسكەرتكىنىگە رەھمەت ئېتىمەن!

0

تېما

27

يازما

62

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
187
ئاقچا
5
kapsiz330 ۋاقتى: 2013-12-21 15:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇۋادان يوللىغان ۋاقتى  2012-1-8 18:16
سالام سىزگە izlirim، سىزگە نىسبەتەن بۇ مەزمۇنلار ئىنتايىن ...

مەن كومپىيوتىرغا windovs 7 قاچىلاپ ئىشلەتكەن لىكىن ئەلكاتىپنى قاچىلاپ ئىشلەتسەم ئۇيغۇرچىنى پەقەت يازغىلى بولمىدى photoshop تا رەسىم ئىشلىسەم خىيال كىرگۈزگۈچتىن پايدىلانسام يەنىلا بولمايۋاتىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش