ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 176|ئىنكاس: 7

联想 خاتىرە كومپىيۇتېردىكى كۆك ئىكران بولۇپ قىلىش ئوڭشاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
0
جۇغلانما
273
توردا
40 سائەت
نادىر
0
تېما
27

Medal No.1

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 18:37:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئىچكىرىگە ئۈگۈنۈشكە بارغاندا خىزمەتدىشىمنىڭ 联想 خاتىرە كومپىيۇتېرغا GHOST XP قاچىلىسام ، GHOST ھۆججىتىنى قايتۇرۇپ بولۇپ قايتا قوزغاتقاندا سېستىما قاچىلاشنى باشلىماي كۆك ئىكران بولۇپ قالدى ، مەن تىخى قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايونغا ئايرىساممۇ ئوخشاشلا تۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئۈگۈنۈشكە بارغان شىركەتتىكىلەرگە ئوڭشاپ بىرىڭلا دەپ بەرسەم ، بىردەمدىلا سېستىما قاچىلاپ ئەكىرىپتۇ . قارىسام Windows نىڭ قاچىلاش نۇسخىسىنى قاچىلاپتۇ ، ئەسلىدە Ghost XP قاچىلىسا شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن . ئۈگۈنۈشتىن قايتىپ كىلىپ ئىدارىدە ئىشلەۋاتسام ، بىر  خىزمەتدىشىم بىر يېڭى 联想 خاتىرە كومپىيۇتېرنى سېستىما قاچىلاپ بىرىڭلا دەپ ئەكەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن Windows نىڭ قاچىلاش نۇسخىسىنى قاچىلىسام ئوخشاشلا ئالدىقى قېتىمدەك كۆك ئىكران بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن توردىن ئاختۇرسام 联想 خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭ CMOS دىن قاتتىق دىسكىنىڭ ھالىتىنى تەڭشىسە ئوڭشىلىدۇ دەپ ئۇچۇر چىقتى ، شۇ ئۇسۇل بويىچە تەڭشەپ  Ghost XP نى قاچىلىسام نورمال قاچىلاندى .
شۇڭا دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ بۇ ئۇسۇلنى يوللاپ قويدۇم ، دوستلارغا پايدىسى بولۇپ قالار .
ئاۋال كومپىيۇتېر قوزغىلىۋاتقاندا CMOS كىرىپ Configuration (ئىككىنجى تىزىملىك) كە كىرىپ
چىققان تىزىملىكلەر قاتارىدىن SATA Controller Working Mode نى تاللاپ Enter كونۇپكىسىنى چەكسەك  AHCI ۋە Compatible دەپ تاللاش چىقىدۇ ، مۇشۇنىڭدىن Compatible نى تاللاپ F10
كونۇپكىسىنى چىكىپ CMOS تەڭشىكىنى ساقلاپ چېكىنىمىز .
يەنە بەزى كومپىيۇتېرلاردا CMOS كىرىپ Configuration (ئىككىنجى تىزىملىك) كە كىرىپ
چىققان تىزىملىكلەر قاتارىدىن SATA Mode نى تاللاپ Enter كونۇپكىسىنى چەكسەك  AHCI ۋە IDE دەپ تاللاش چىقىدۇ ، مۇشۇنىڭدىن IDE نى تاللاپ F10 كونۇپكىسىنى چىكىپ CMOS تەڭشىكىنى ساقلاپ چېكىنىمىز .

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
330
توردا
108 سائەت
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 22:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇتېمىنى 3كۈن ئاۋال يوللىسىڭىزچۇ   
مەن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن  بىر چوكاندىن تازا تىل ئىشتتىم
بىچارە  ئەتە ئىنتىھان بېرەتتىم  دەپ ئالدىرىتىپ  ئون قېتىم سېستىما قاچلىسام 10قېتىم كۆك ئېكران بوپ قېلىپ   بەك كاشال قىلغان ،ئاخىرى بولماي كومپىيۇتېر شەھەرچىسىگەئاپارسام CMOSقاكىرىپ سىز دىگەندەك قىلىپ بىردەمدە سېستىمىنى قاچىلاپ بەردى
مەن تېخى ئىچكى ساقلىغۇچتىن مەسىلە چىققان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن  
سىزگەن كۆپ رەھمەت ، بۇنىڭدىن كىيىن ئاشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچۇرسام ئۇدۇللا قاچلاپ بەرمىسەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intizar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-7 10:56  

http://img2081.poco.cn/mypoco/myphoto/20120305/14/5611163620120305143053092.gif

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3264 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 22:48:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
AHCI ھالىتى تاللانغان ھالەتتە Windows 7 نى قاچىلساڭلار بولىدۇ.
AHCI ھالىتى تاللانغان ھالەتتە Windows 7 نى قاچىلساڭلار، كومپىيۇتېرنىڭ تېزلىكى تاللانمىغانغا قارىغاندا تېز بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
35
جۇغلانما
451
توردا
88 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 23:04:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىمكەن.رەخمەت سىزگە.

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
4
جۇغلانما
89
توردا
19 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 12:39:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋفي-ۋۇي بۇ كومپىيۇتېرلارنىڭ ھەممىسى باشتىلا شۇنداق بولىدىكەن !  
مىنىڭ كومپىيۇتېرممۇ شۇنداق بوپ قالاتتى ، ghost xp  نىڭ ئەڭ كونىسىنى ئىشلەتسى ئۇنداق ئەھۋال يۈزبەرمەيدۇ !

Rank: 4

ئاقچا
6
جۇغلانما
250
توردا
72 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 15:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALM_SOFT يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 12:39
ۋفي-ۋۇي بۇ كومپىيۇتېرلارنىڭ ھەممىسى باشتىلا شۇنداق بو ...

خەق Windows 7 گە كۆچەلمەي يۈرسە، Windows XP نىڭ ئەڭ كونىسىنى كىممۇ ئىشلىتەر دەيمەن.
زامانغا ماسلىشىپ Win7، Linux لارغا كۆچۈڭلار دەيمەن.

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
4
جۇغلانما
89
توردا
19 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 16:48:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
osmanturpan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 15:26
خەق Windows 7 گە كۆچەلمەي يۈرسە، Windows XP نىڭ ئەڭ كونىسىنى كى ...

دوستۇم كومپىيۇتېر ساق بولسا ئىىشەلەتكىلى بولىدۇغۇ دەيمەن!

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
3
جۇغلانما
110
توردا
14 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 04:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ كومپيۇتېرىم DELL ماركىلىق بۇنىڭدىمۇ شۇ مەسىلە بار، قاتتىق دېسكىسى ئەسلى بولمىسا ئارقىمۇ ئارقا ئېغىزلىق يەنى  SATA  ئەمما چوقۇم IDE  قىلىپ تەڭشىمىسە بولمايدۇ، XP ئەمەس  win7 دىمۇ شۇنداق ھازىر WIN7 نى ئىشلىتىۋاتىمەن، تەڭشەك يەنىلا IDE ھالەتتە، SATA   ھالەتكە تەڭشىسەملا قاتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.090226 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-22 07:17

چوققىغا قايتىش