ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1760|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

windows8 نى يېڭىلاش

6

تېما

71

يازما

270

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
857
ئاقچا
0
Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

Windows 8 نى سېتىۋېلىش (ياكى ئىشلىتىش) ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك 2 خىل ئۇسۇل بار

(1) دەرىجە ئۆستۈرۈش
248 يۈەن ئېتىبار باھا بىلەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز. ناۋادا، 2012-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالغان بولسىڭىز، 98 يۈەن تاپشۇرۇپ، 7 Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز.

(2) Windows 8 قاچىلانغان ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش
مۇشۇ ئايلاردا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان Sony, Dell, 联想،….قاتارلىق ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز، ئىچىدە Windows 8 ھەقىقىي نەشرى قاچىلانغان بولىدۇ. بۇ يەردە (2)-ئۇسۇلنى تونۇشتۇرمايمەن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ماركىدىكى خالىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

بىرىنچى: دەرىجە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)نى سېتىۋېلىش

ئالدى بىلەن سىزدە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ياكى Paypal ھېساباتى بولۇشى كېرەك (مۇشۇنداق ئېنىق دەپ تۇرساممۇ ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىدا سېتىۋېلىشقا بولمامدۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭلار)، مەن پەقەت ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئارقىلىق سېتىۋېلىشنى تونۇشتۇرىمەن (مۇشۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنە Paypal دا سېتىۋېلىشنى نېمە ئۈچۈن تونۇشتۇرمىدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەڭلار)، شۇڭا ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرمىگەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرىش ئۈچۈن، بانكىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ، بۇ يەردە جاۋاب بېرىپ بولالمايمەن، رەھمەت!

(1) ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچ ئادرېس بالدىقىغا تۆۋەندىكى ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، Microsoft تور بېكىتىگە يۆتكىلىڭ.

http://windows.microsoft.com/zh- ... _Prog_FPP_Null_Null

بۇ بەتتىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 (پەقەت 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، كەسپىي نەشرىنى دەرھال چۈشۈرۈش)نى بېسىپ، Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 5.18MB


(2) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىڭ.


(3) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى) كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ماسلاشمايدىغان (ياكى سىغىشمايدىغان) ئۈسكۈنە ياكى پىروگرامما (دېتاللار)نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


(4) كېيىنكى (下一步)نى باسسىڭىز، ساقلاپ قالىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش دىيالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردە 3 خىل تاللاش بار.

Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەر
پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتنى ساقلاپ قېلىش
ھېچقانداق مەزمۇنلارنى ساقلىمايمەن

بۇنىڭ ئىچىدىن 1-تاللاش يەنى Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تاللاڭ (تەۋسىيە قىلىمەن)، ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.


(5) سىزگە ماس كېلىدىغان Windows 8 نىڭ باھاسى 248 يۈەن دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن زاكاز قىلىش (订购)نى تاللاڭ.


(6) سىز زاكاز قىلغان مەزمۇن كۆرۈنىدۇ، ھېسابات قىلىش (结账)نى تاللاڭ.


(7) پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ئادرېسىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ


(8) پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللايسىز، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىناۋەت كارتىسى (信用卡)نى تاللاپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ


(9) پۇل تۆلەش ئۇچۇرىدا يەنە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ. مەھسۇلات ئاچقۇچى بۇ يەرگىمۇ ئەۋەتىلىدۇ. مېنىڭ ئىشلەتكىنىم قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى (باشقا بانكىنىڭ بولسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ). بولۇپمۇ كارتا نومۇرىڭىز، ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە كارتا بىخەتەرلىك كودىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ.


(10) ئاخىرقى باسقۇچتا سىز زاكاز قىلغان ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرىسىز.


(11) سىز بەرگەن زاكاز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يەنى بانكا كارتىڭىزدىن 248 يۈەننى تۇتۇپ قالىدۇ.


(12) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇ ئاچقۇچنى پۇختا ساقلاڭ، ئۇ يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىلىدۇ.


(13) Windows 8 نى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا 2Mbs لىق توردىمۇ 1 سائەت 30 مىنۇت ئىچىدە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، سەۋر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇڭ.


===========================================
ئىككىنچى: Windows 8 نى DVD ئوپتىك دىسكىسىغا ئويۇش
==========================================

(14) چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈستەليۈزىدە Windows8-Setup.exe (ياكى 安装 Windows.exe) دېگەن سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.


(15) Windows8-Setup.exe سىنبەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئېكران كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ.

1-دەرھال قاچىلاش
2-ساقلاش ماددىسى (بارماق دىسكا ياكى ISO ھۆججەت) قۇرۇپ قاچىلاش
3-سەل تۇرۇپ ئۈستەليۈزىدىن قاچىلاش

مەن ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئىچىدىن مەن 2-تۈرنى تاللىدىم. ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.


(16) بۇنىڭ ئىچىدىن «ISO ھۆججەت»نى تاللاپ، ساقلاش (保存)نى بېسىڭ.


(17) «ISO ھۆججەت»نى ساقلايدىغان جاينى تاللاڭ.


مەن يەنە قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى يازىمەن. ئاندىن يەنە بۇ ئىنگلىزچە Windows 8 نىڭ تىلىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىمەن. داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. لېكىن تۈزۈك ئىنكاس چۈشمىسە، بۇ تېمىغا قىزىقمايدىكەن دەپ داۋامىنى يازمايمەن.

(مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تېمىنى خالىغان يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ)
  مەنبە  :  ئالىم ئەھەت تور بېكىتى         :http://www.alimahat.com/?p=2027

يازما ئۇچۇرلىرى
يازما كۆرۈلۈشى: 139,627 قېتىم
ھالقىلىق ســــۆز:
يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 15:54
ئالدىنقى يازما :Windows 8 نىڭ 57 خىل تىل ئارايۈزى بولىقى
كېيىنكى يازما :Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات

تېخىمۇ كۆپ

0

تېما

39

يازما

119

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
432
ئاقچا
0
ئوت_يۇرە ۋاقتى: 2014-1-13 20:02:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت دوستۇم .........

1

تېما

300

يازما

277

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1052
ئاقچا
0
پىشكەل ۋاقتى: 2014-1-13 20:47:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
windows8  نى  ئاكتىپلاش دەيدىكەن  ئاكتىپلاشنڭ  قانداق  ئالاھىدىلىكى  با来自: Android客户端

7

تېما

339

يازما

713

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2886
ئاقچا
0
nur0998 ۋاقتى: 2014-1-13 20:49:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مەن تىخى ۋىن8.1 نى يەنە يىڭىلايدىغان ئوخشايمىز دەپتىمەن  ھازىرمۇ ئۆزىمىزنىڭ نامىدا 248 يۈەنگە ئالغىلى بولامدىكەن يا بۇ بۇرۇنقى تېمىمۇ ۋاختىغا قارسام 1 سائەت بولاپتۇ بولمىسا يوللىغىللى

8

تېما

384

يازما

147

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
983
ئاقچا
1
QQ
newstar ۋاقتى: 2014-1-13 20:52:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nur0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 20:49
رەھمەت مەن تىخى ۋىن8.1 نى يەنە يىڭىلايدىغان ئوخشايمىز د ...

http://item.shop.edu.cn/brand/microsoft
مىشەدىن ھازىرمۇ 248 گە ئالالايسىز. بۇ مىكرو سوفت ھوقۇق بەرگەن تور بېكەت.

1

تېما

37

يازما

102

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
302
ئاقچا
0
065131140 ۋاقتى: 2014-1-13 23:02:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن دىلل ماركىلىق كوپىيۇتىردىن بىرنى سىتۋالغان ۋىندوۋىس 8بارئىدى،بۇنى سىستىمىنى قانداق زاپاسلايمەن؟يەنە بىرگەپ ،نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرسەم ئۇيغۇرچە بىزلۇپ كىتەرمۇ ؟ھازىر ئۇيغۇرچە قىلۋالغان ئىدىم....رەھمەت

2

تېما

271

يازما

364

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1220
ئاقچا
0
ئۇيغار ۋاقتى: 2014-1-13 23:36:05 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ پايپال ھېساۋاتىم بار ، بىراق ، ئىناۋەتلىك كارتام يوق ، پاپيپال ھېساۋاتىغا ئۇلىغان بانكا كارتامنىڭ ، تور بانكىسى ئېچىلمىغان ، مەنمۇ سېتىۋالالايمەنمۇ ؟来自: Android客户端

21

تېما

910

يازما

458

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2627
ئاقچا
0
QQ
amirdinov ۋاقتى: 2014-1-13 23:49:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوراپ باقسام ، ئاغىنەمنىڭ كومپىيۇتېر رىمۇنت دۇكىنىدا ۋىندوۋس 8 سىستىمىسىنىڭ دۋد پلاستىنكىسى باركەن ..ئۇنى قاچىلسام ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ?  ئۇ دۋد پلاستىنكىدىكى  ساختا نەشىرمۇ ? ياكى ?

1

تېما

69

يازما

104

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
416
ئاقچا
0
MдρㄒμN ۋاقتى: 2014-1-14 12:38:04 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە بەك ياخشىكە

2

تېما

34

يازما

151

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
381
ئاقچا
0
dilmurat527 ۋاقتى: 2014-1-14 13:05:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يىڭىدىن win8.1 قاچىلىغانتىم كەسپىي نۇسقىسى سىستىمىنى توردىن چۈشۈرۈپ چاچىلىدىم ئاكتىپلاشقا تاۋباۋدىن 1.5 يۈەن گە ئاكتىپلىدىم قىمىي  1.5يۈەنلا كەتتى

1

تېما

168

يازما

241

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
911
ئاقچا
10
anwar0903 ۋاقتى: 2014-1-14 22:27:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى بولدىغاندەكلا تۇردۇ مەنمۇ سىناپ باقاي .
خۇشامەتچىلىك قىلىش، بىرسىنى ھەقىقىي قوللاش ئەمەس!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش