|
ئىلىكتىر چەۋەنداز . بۇرادەر سىز قىلچە مەيۈسلەنمەڭ . مەن مۇشۇ ئالىپ تورىدا سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنى ئىز بىسىپ كۆرىۋاتقىلى خىلى بولدى. مەنمۇ بىر يىڭى ھەۋەسكار ، تەقلىدى توكيولىنى ئاز-تولا چۈشەنسەممۇ لىكىن رەقەملىك توكيولىدىن خەۋەردار ئەمەسمەن. خەنچە بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىن رەقەملىك توكيولىغا ئائىت بىلىملەر بولسا تاپالىغىنىمچە ئۈگىنىپ كەلدىم . مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىدىغان سىزدەك بىر ئوت يۈرەك ئىزدەنگۈچىنىڭ ئۇيغۇر مۇنبىرىدە ھامان پەيدا بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتىم. مانا سىزمۇ مەيدانغا چىقتىڭىز . جۈملىدىن مەن سىزنى قوللايمەن. بىزدە (قازانغا نىمە سالساڭ ، چۆمۈچكە شۇ چىقار) دەيدىغان ماقال بار . بىز 50 پىرسەن ئۈگەنسەك ئەۋلاتلارغا 50 پىرسەن بىز ئۈگىتىمىز . تىرىشىپ ئۈگەنسە ئۇلارمۇ ئالىم بولالايدۇ. بىز قىلچە خەۋەرسىز بولساق نىمىنى ئۈگىتىمىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ...... يىڭى يول ھامان ئەگىرى توقاي بولىدۇ . لىكىن بىز قىيىنچىلىقلاردىن قورىقماي تىرىشىپ يىڭى بىر نەتىجە قازانغاندا بولسا ..... بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىز. ..... جىق گەپ قىلماي . سىز ئاردىنيۇ ھەۋەسكارلىىرى سەھپىسىنى يىتەكلەپ ماڭسىڭىز . سىز توختىمىسىڭىز ھەۋەسكارلار توختاپ قالمايدۇ . بىرى كەتسە ئىككىسى قوشۇلىدۇ. ھامان يىڭى نەتىجىلەرگە ئىرىشەلىشىمىزگە ئىشىنىمەن (ئاللاھ خالىسا) بىزمۇ يىڭىلىقلارغا يۈزلىنەيلى. بىزمۇ ئېېلىكتىرون مىڭە ، رەقەملىك توكيولىدىن خەۋەردار بولايلى... |
|