|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام! ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنى قىزىقتۇرۇپ قويۇپ،ئۈمىد ئارزۇيىڭلارغا يارىشا ۋاقتىدا دەرسلىك يوللىيالمىغانلىقىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولغانغا ئوخشاش،يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان كۈتكىنىمنىڭ ئەكسىچە مېنىڭ خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىمدا ئويلىمىغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىپ،بەزى ئىشلارنى پىلان بويىچە ئىلىپ بارالماي قالدىم.شۇ سەۋەب يېڭى يىلدىن باشلاپ ئىلان قىلىمەن دىگەن دەرسلىكلەرنىمۇ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىلان قىلالماي كەلدىم.ئىككىنچى تۈرلۈك سەۋەب بولسا،قولۇڭلاردا ھېچقانداق تەجىرىبە ماتىرىياللىرى يوق تۇرۇپ،سىلەرگە دەرسنى باشلاۋەرسەم بىلەلەمدۇ -يوق،ئەھمىيىتى بولامدۇ-يوق دىگەندەك ئەندىشىلەر بىلەن دەرسنى ئىلان قىلىشنى ۋاقتىنىچە كېچىكتۈرۈپ تۇردۇم.(بەلكىم بۇ ئەندىشلىرىم ئارتۇقچىدۇر)
ئالدىنقى قېتىمدىكى تىمىلىرىمدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكىنىمدەك،كەڭ قېرىنداشلىرىمغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئاتايىتەن 3000يۈەنگەن يېقىن ئىختىساد سەرىپ قىلىپ،50 دانە Arduino تاختىسى ئەكەلدۈرگەن ئىدىم،ئەمىلىيەتتە بۇنداق نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلار توردىن سېتىۋالساڭلارمۇ بولاتتى،سىلەرنى بىلەلمەي خاتا سېتىۋالمىسۇن دەپ ياردەم قىلىش نىيتىدە ئەكەلدۈرگەن ئىدىم،ئەمما راسىت گەپنى ئېيىتقاندا ھازىرغىچە پەقەت 3 يۈرۈشلا سېتىلدى.بىلمىدىم،قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزىقىشى بىر دەملىك قىزقىشمۇ ياكى ئىغىزدىلا قىزىقىپ ئەمەلى ھەرىكەت قىلىشنى،ئازىراق بەدەل تۆلەشنى خالىمامدۇ ، ۋە ياكى مىنىڭ مال سېتىش ئۇسۇلۇمغا ئىشەنچ قىلالمىدىمۇ؟ (مەن ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنىدىم،مەن قويمىچى ئەمەس،بۇ ئارقىلىق پۇل تېپىش خىيالىممۇ يوق،پەقەت كۆپچىلىكىنى بىلمىگەن نەرىسلەرنى بىلىۋالسۇن دەپ شۇنداق قىلغانىدىم)،دىگەندەك خىياللار بىلەن تىڭىرقاپ قالدىم.ئاراڭلاردا ھېچ بولمىغاندا 10 قېرىندىشمىزدا تەجىرىبە تاختىسى،مۇناسېۋەتلىك قاتتىق دىتاللار يوق تۇرۇپ ماڭا ۋە مىنىڭ دەرسىمگە قانداق ھەمدە بولالايسىلەر؟ئەسىلى مەن يەنە بىر قانچە خىل سەزگۈچ،كىرىستال ئىكران،ئېلېكتىر ماتور قوزغاتقۇچ مودىلى،كۆكچىش مودىلى دىگەندەك زۆرۈر قوشۇمچە دىتاللارنى ئەكەلدۈرۈپ،يۈرۈشلەشكەن تەجىرىبە دىتالى سۈپتىدە كۆپچىلىككە سۇنماقچى ئىدىم،ئەھۋال يۇقارقىدەك تۇرسا،مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ؟ مەن سىلەرگە قانداق مەسىلە بولسا ئىنكاس شەكىلىدە ئىيتىشىڭلارنى،تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭلارنى كۆپ قېتىم ئىيىتقانىدىم،ئەپسۇس كۆپچىلىكىنىڭ قىزىقىشى مۇشۇنچىلىك ئىكەن.
ئۈچىنچى تۈرلۈك سەۋەب بولسا،ئىلگىركى ئىنكاسلىرىمدا سىلەرگە Arduino توغورلۇق كىتابتىن بىرنى تاماملاپ،نەشىر قىلدۇرۇش ئالدىدا ئىكەنلىكىمنى ئىيتىپ ئۆتكەندىم،مۇشۇ ئىشلار بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم،يەنى نەشىرىيات بىلەن كۆرۈشۈش دىگەندەك.ئاخىرى بۇ كىتابنىمۇ نەشىر قىلدۇرۇش ئويۇمدىن كەچتىم،ئەمما چوقۇم تور يۈزى ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى قارار قىلىدىم.كىتاب نەشىر قىلدۇرۇش توغرىسىدىمۇ ئازىراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي: بۇ قېتىم مېنىڭ نەشىرىياتقا كىرىشىم 2-قىتىملىقى،ئىلگىرىمۇ بىر كىتابنى نەشىرگە ئەكىرىپ،ئۈمىدسىزلىنىپ يىنىپ چىققانىدىم،بۇ قېتىممۇ شۇ،نەشىرىياتتىكىلەر كىتابىمغا ياخشى باھالارنى بەردى،بىراق ئۇلارنىڭ ئەنسېرەيدىغىنى كىتابنىڭ بازار تېپىش-تاپالماسلىقى ئىكەن(بەزى تەپسىلاتلار قىسقارتىلدى)،پەقەت بولمىغاندا مەن ئۆزۈم پۇل چىقىرىپ نەشىر قىلدۇردىكەنمەن،بۇنىڭغا 250000يۈەنگە يىقىن ئىختىساد سەرىپ بولىدىكەن.ئەسلى بۇ پۇلىغىمۇ چىداپ ئۆزۈملا نەشىر قىلدۇراي دىگەنىدىم،ئەمما قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزقىشى مۇشۇنچىلىك تۇرسا.....شۇنىڭ بىلەن بۇ نىيتىمدىنمۇ ياندىم.
بىراق دەرسلىكتىن ئەندىشە قىلماڭلار،مەن تۈزگەن كىتابتا Arduino غا ئائىت ئاساسى بىلىملەرنىڭ ھەممىسى بار،بىر قانچە ئەمىلى تەجىرىبىلەرمۇ بار،كىتابنى تارقاتقان كۈنى سىلەرگە ئايرىم دەرس سۆزلەشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ،پەقەت مەلۇم بىر تۈرنى (يەنى ئاپتۇماتىك مېتىر،كۆكچىش ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان ماشىنا دىگەندەك) مەخسۇس چۈشەندۈرۈشكە ئايرىم تېما يېزىشىم مۈمكىن.
ئاخىرىدا كەڭ قېرىنداشلىرىم ئۆتۈندىغىنىم كۆڭۈلۈڭلەردە نېمىنى ئويلىغان بولساڭلار،ئىنىق ئوتتۇرىغا قويۇڭلار.بىر ئىككى ئىغىز ماختاشلىرىڭلار بىلەن كۆڭۈلۈمنى ياساپ قويۇپ،يوقاپ كەتمەڭلار.
ئاللاھ خالىسا،Arduino دىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن.
كامالى ئىھتىرام بىلەن ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى قەھرىتاننىڭ 8-كۈنى يېزىلدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز، ماۋۇ يەردىكى Arduino غا ئائىت تېمىلارنى كۆرۈپ چىقىپ،ئىنكاس يازارسىز. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|