- جۇغلانما
- 2426
UID11519
تىزىملاتقان2012-10-31
ئاخىرقى قېتىم2015-4-4
توردا973 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2426
- ئاقچا
- 1
|
مەنمۇ قايسى بىر كۈنى مۇشۇنداقراق ئىنكاستىن بىرنى يازغان، ئۆزى قىلالمايدىغان خەق قىلغاننى كۆرەلمەيدىغان، بىر تېمىنى يېزىپ تاغدىن سورىسا باغدىن جاۋاپ بىرىدىغان، تېما بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشىدىغانلارغا، بىر قانچە تەكلىپ -پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويغان، يەنە شۇگەپ بىرەر دوستىمىز تېما يوللىسا، مەن بۇ تېمىنى پالانى تور بەتتە كۆرۈپ بولغان دەيدىكەنمىز، بىر تېما يوللىنىپ نەچچە ئايدىن كىيىن قايتا يوللانغان بولسا تەكرار تېما دەيدىكەنمىز، شۇ تېمىدىكى ماتىرىيالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باققاندىن كىيىن تەكرار يوللانغىنىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. سىز بىلگەن بىلەن مەن ۋە باشقىلار بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. باشقىلارمۇ بىكارچىلىقتا ئىچى پۇشۇپ قېلىپ، قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي تېما يوللاپ ئولتۇرمايدۇ، شۇ قېرىنداشلىرىم مەن سەۋەپلىك ئاز-تولا بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قالسا دەپ، ئەپ ياكى باشقا پايدىلىنىشچان ماتىرىياللارنى يوللايدۇ، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قىزغانلىقىغا سوغوق سۇ سېپىدىغان، باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان پۇچەك ئىنكاسلارنى يازمىساق.
ئۇيغۇر تىلىمىزدا ناھايتى پاساھەتلىك، گۈزەل سۆز-ئىبارىلەر بار تاللاپ ئىشلىتىشىمىزگە يېتىدۇ.
بولدى مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، مىنىمۇ تولا گەپ قىلدى دەپ تىللاپ يۈرمەڭلار يەنە.
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرۈڭلار قېرىنداشلار. |
|