- جۇغلانما
- 74
UID17459
تىزىملاتقان2013-5-21
ئاخىرقى قېتىم2014-3-3
توردا21 سائەت
تىرىشچان ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 74
- ئاقچا
- 10
|
مەن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمەن، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا! ئەمما بەزى تورداشلار دېگەندەك ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن، ئۇندىن باشقا تەرجىمە خاتالىقىمۇ باركەن. مەسىلەن: 3گ نى ئېچىشتا مۇنداق ئەسكەرتمە چىقتى: توك ئاز بولسا 3 گ تور سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدۇ، دېگەندەك. ئەسلى توغرىسى بولسا، 3 گ نى ئىشلەتسىڭىز سانلىق مەلۇمات چۈشۈرۈش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، ئەمما ئېنىرگىيىنىڭ يەنى باتارىيىنىڭ خورىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، دېگەنلىك ئىدى. مەن قاچىلىغاندىن كېيىن، سىز تەمىنلىگەن 4 ھۆججەتنى ئايتولىستا باشقىدىن تەھرىرلەپ چىقتىم. يەنى نۇرغۇن ئىملا خاتالىقى ۋە تەرجىمە خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ ئىشلەتتىم. ئەمما بەك كۆپ مەزمۇن بولغاچقا چارچىتىپ قويىدىكەن. بۇنىڭدىنمۇ سىزنىڭ قانچىلىك تەر تۆككىنىڭىزنى ھېس قىلدىم. تەھرىرلىگەندە ئاسانراق ئۇسۇل بارمۇ؟ يەنى ئاساسلىق تەڭشەكلەرنىلا تەھرىرلىسەك قالغانلىرى ئۆزلىكىدىن ماسلىشىپ ئۆزگىرىدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟ بولسا تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار. |
|