ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئىگىسى: e-chewendaz
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Arduinoدىن ھەۋەسكارلارغا يېڭى يىللىق سوۋغا

10

تېما

170

يازما

470

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1460
ئاقچا
1
islam33 ۋاقتى: 2014-1-2 13:40:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالاي سىز كەشپىيات تۇردا باغۇ دەيمەن

29

تېما

179

يازما

3150

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7182
ئاقچا
64
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-2 14:07:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بىر  يۈرۈش  سېتىۋالاي  دېگەن  ئىدىم ،   قانداق  سېتىۋالىمەن ؟

بۈگۈن كەچتە سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئىلان قىلىنىدۇ،تولۇقلىما ئىنكاسقا نەزەر سېلىڭ.

0

تېما

3

يازما

11

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
32
ئاقچا
0
ahmatjan824 ۋاقتى: 2014-1-2 21:17:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan824 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 21:30  

تەسىراتىمدىن ئارىيە:
Arduino  نىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى - بۇ بىرنىمە بەك قولايلىق. سىمدىن توك ئۆتىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ بولغان، كومپىيۇتېردا ئاستا بولسىمۇ خەتنى توغرا ئۇرالايدىغان ئادەم بۇ بىرنىمىنى قىمىرلىتالايدۇ. تەييار 传感器扩展板لىرى، تەييار模块 لىرى بار. بۇلارنى ئۆزئارا چېتىپ قوراشتۇرۇش تېلىفۇنغا توك قاچىلىغانچىلىكلا ئاددىي ئىش. پىروگىراممىسىمۇ ئاددىي. مۇھىم پىروگىرامما گېپىدىن 15 ~ 20 گەپ يادلىۋالسا خېلى جىق ئىشلارنى قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئادەم ئوڭدا يېتىپ <<توك بىلەن ما ئىشنى قىلغىلى بولامۇ؟>> دەپ ئويلاپ قالغانلىكى ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ.


يىتەرسىزلىكى بولسا تەننەرخى يۇقىرى. 单片机 بۇنىڭغا قارىغاندا ئەرزان. Arduino نىڭ 模块 لىرىمۇ قىممەت. ئادەتتە 光敏电阻 (فوتو قارشىلىق)نىڭ بىرتېلى تاۋباۋ تورىدا 0.03 يۈەن. خەنسولار بۇنىڭغا بىرتال 10 كىلوئوملۇق قارشىلىق قوشۇپ بىرتال كىچىك تاختىغا ئورنىتىپ 光敏模块 دەپ 10 يۈەنگە ساتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ نىمىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزى ئاز.  Arduino Atmega2560  بىلەن Arduino Due دىن باشقىسىنىڭ ئاساسەن ئاران ئالتە دانە Analog  ئېغىزى ۋە 13 دانە Digital ئېغىزى بار. (مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاران ئالتە دانە سەزگۈچ، 13 دانە ھەرخىل چىقىرىش ئۈسكۈنىسى ئۇلىغىلى بولىدۇ. ھەرخىل كەيگۈەن (ئۈزچات) لارنىمۇ Digital ئېغىزىغا ئۇلايمىز.) ئادەم تازا قىزىپ بىر ئىش پىلانلاپ بىريەرگە كېلىپ قارىسىڭىز چېتىش ئېغىزلىرى تۈگەپ كەتكەن. يەنە بىر كەمچىلىكى بۇبىرنىمىنىڭ ماتىرىيالى ئانچە بەك كەڭرى ئەمەس. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئېنگىلىزچە سەۋىيە بولمىسا خەنسولانىڭ تور بەتلىرىدىن نەپكە ئېرىشمەك تەس. يېڭى ئۆگەنگەن ئادەمنى جىلە  قىپ قويىدۇ. توردىكى، كىتابتىكى دىيىلگىنى بويىچە سىملىرىنى  بىر ئوبدان ئۇلاپ، پىروگىراممىسىنى ئوخشاش يېزىپ ئىجرا قىلسىڭىز خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ. خاتالىقنىڭ نەدىلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. سەپرا مىجەز كىشى بولسا ئۇ بىرنىمىنى بىرنى مۇشتلاپ ئېزىپ تاشلاشتىن يانمايدۇ. ئەڭ ئاخىرى خاتالىق نەدىن چىقىدۇ؟ كىڭەيتىلگەن نامى H بولغان مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنىڭ كاملىقىدىن چىقىدۇ. بۇ ھۆججەتنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ بەلگىلەنگەن ھۆججەت قىسقۇچقا كۆچۈرگەندە نورمال ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ھۆججەت ھەربىرخىل ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ ئايرىم – ئايرىم بولىدۇ. ئادەم مۇشۇ ئىشلارنى بېلىپ شۇ ھۆججەتنى ئىزدەپ تېپىپ بولغىچە توردا بولسۇن كىتابتا بولسۇن ئۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈش توغرىسىدا ئاساسەن گەپ سۆز ئۇچرىمايدۇ. يەنە بىر ماڭا ياقمىغان يېرى  Arduino Due دىن باشقىسى يەككە پىروگىرامما ھالىتىدە ئىجرا بولىدۇ. دىمەكچى بۇ نىمىگە كىچىك LCD  ئېكران ئۇلىدۇق، سەزگۈچلەرنى، ئۈزچاتلارنى ئۇلىدۇق. ئېكران كۆرسېتىش پىروگرامما بۆلىكىدىن كېيىن ()delay بۇيرىقى بىلەن بىرئاز ۋاقت توختاتمىساق ئىكراندىكى خەتلەر ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە ئالمىشىپ خەتلەرنى ئوقوغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق مەلۇم ۋاقىت (مەسىلەن 0.1 سكونت) توختاتساق ئىكران نورماللىشىدۇ لىكىن باشقا سەزگۈچلەرمۇ تەڭ ئاستىلايدۇ. بولۇپمۇ ئۈزچات دىگەن نىمە دۆتلىشىپ كېتىدۇ. بۇبىرنىمنى ئۆگېنىپ بىردەمدە كىتاپتىكى ئىشلانى قىلىپ بولغىلى بولىدۇ. ئەمما لىكىن بىراق جانغا ئەسقاتىدىغان بىرنىمىنى ياسىماق تەس. ئاخىرىدا نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى پۇلىڭىزنى سەرپ قىلىپ ماشىنىدىن بىرنى ياساپ بالىڭىز بىلەن تالىشىپ ئوينايسىز. خوتۇنىڭىز قوپۇپ بىرمۇنچە پۇلنى بۇزۇپ كىچە ئۇخلىماي ماڭقىسىنى تاتىپ ئولتۇرۇپ بىتال ئويۇنچۇق ياسىدى دەيدۇ. ياساپ بولۇپ خوشھال بولغاندەك قىلىسىز لىكىن ھاردۇقىڭىز چىقمايدۇ.
بۇدىگىنىم ئەمەلىي نەرسىلەرنى ياسىغىلى بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ياسىغىلى بولىدۇ. لىكىن ئاسان ئەمەس. مەنمۇ بىر ئىشلارنى قىلىپ باققان. نۇرغۇن قولايلىقلار بولدى. لىكىن تارتقان جاپايىم بەك جىق. 30 كۋادىراتمېتىرلىق ئۆينىڭ ئىچىدە، ئىچىدە بىرجۈپ سىمى بار ئادەتتىكى توك سىمىدىن 100 مېتىردىن ئارتۇق سىم تاتىلىپ تۈگىدى. (يالغۇز قىلدىم) ھەممىڭلارنىڭ مېنىڭكىدەك بىكار ۋاقتىڭلا بولماسلىقى مۇمكىن.
مەن كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ سەپمەكچى ئەمەس. دىمەكچى بولغىنىم بۇنى ئۆگېنىشكە ئىددىيە جەھەتتە تەييارلىق بولسۇن. ئاسماندىن پوشكال چۈشمەيدۇ. جاپاسى يوق ئىش يوق. ھەممە ئادەم ئاددى دىگەچكە مەن ئۆگېنەي دىگەن، مۇشۇنداق يەرلىرىمۇ باركەن. سىلەرنىمۇ بېلىپ قالسۇن دىدىم. مەنمۇ يېڭى ئۆگەنچى، بېلىدىغىنىم ئانچە كۆپ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ مۇشۇ توغرىسىدا ياردەمگە ئىھتىياجلىق بولساڭلار ئۇچۇرلاشساق ياكى ۋېيشىنلاشساق بولىدۇ.  كومپىيۇتېرىمدا QQ يوق.  تىلىم ئانچە راۋان ئەمەس. ئەمما لىكىن خەتنى بوراندەك باسىمەن.  13999054784
Arduino UNO نى WIN7 دا تونۇتماق سەل قىيىن. توك مەنبەسى بولمىسا كومپىيۇتېرغا چېتىپ ئىشلەتسە يۈك ئازۋاقتتا نورمال ئىشلەيدۇ، يۈك كۆپ بولسا چىراقلار سۇسلىشىپ سەزگۈچلەرنىڭ سانلىق قىممىتى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. چەۋەنداز ئەپەندىم ئالارمەنلەرگە تاللاش ھوقوقىنى بېرىپ يەنە بىرئاز قوشۇمچە سايمانلارنى قوشۇپ ساتسىڭىز ياخشىراق بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن توك مەنبەسى، كىچىك لامپا، قارشىلىق، كەيگۈەن دىگەندەك. ھازىر توك سايمانلىرىدىن ئۇنداق بىرنىمىلەر چىقمايدىكەن. ھازىرقى توك يول تاختىسىدىكى قارشىلىق، لامپىلار ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىكەن. كۆپىنچە توك يول تاختىسىدىن قۇشقاچ پوقىدەك بىرنىمە چىقىدىكەن. بىزگە لازىملىق بىرنىمىلەر چىقتى دىگەن تەقدىردىمۇ داغماللاپ ساق – سالامەت ئاجرىتىپ ئېلىشمۇ بىر مەسىلە.

كۆڭلۈمدە يامان نىيەت يوق. ئارتۇق كەتكەن بولسا ئوقۇمايلا قويۇڭلا.

3

تېما

44

يازما

154

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
656
ئاقچا
0
faruq0998 ۋاقتى: 2014-1-2 22:48:29 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

29

تېما

179

يازما

3150

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7182
ئاقچا
64
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-2 23:25:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Arduino  نىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى - بۇ بىرنىمە بەك قولايلىق. سىمدىن توك ئۆتىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ بولغان، كومپىيۇتېردا ئاستا بولسىمۇ خەتنى توغرا ئۇرالايدىغان ئادەم بۇ بىرنىمىنى قىمىرلىتالايدۇ. تەييار 传感器扩展板لىرى، تەييار模块 لىرى بار. بۇلارنى ئۆزئارا چېتىپ قوراشتۇرۇش تېلىفۇنغا توك قاچىلىغانچىلىكلا ئاددىي ئىش. پىروگىراممىسىمۇ ئاددىي. مۇھىم پىروگىرامما گېپىدىن 15 ~ 20 گەپ يادلىۋالسا خېلى جىق ئىشلارنى قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئادەم ئوڭدا يېتىپ <<توك بىلەن ما ئىشنى قىلغىلى بولامۇ؟>> دەپ ئويلاپ قالغانلىكى ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەخمەتجان ئەپەندى،سىزنىڭ Arduinoغا بولغان چۈشەنچىڭىز ھەقىقەتەن چۇڭقۇر ئىكەن،تەسىراتىڭىزنىمۇ ناھايىتى چۈشىنىشلىك بايان قىلىپسىز،سىزنىڭ بۇ تېمىغا پىكىر قاتناشتۇرغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم.بولسا قىممەتلىك تەجىرىبىلىرىڭىزنى كۆپچىلىكىتىن ئايىمىغايسىز.
مەندىمۇ شۇنداق تەسىراتلار بولغان،بىراق بىز ھەربىر ئىشنىڭ زىيانلىق تەرىپىنىلا كۆرۈپ،ئۇنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلىدىغان خۇشاللىقلىرىغا،ئۈمىد،ئىشەنچىلىرىگە سەل قارىساق بولمايدۇ،مۇۋاپىقىيەتلىك قۇرۇلما ياساپ چىقىش،چىقالماسلىق ھەربىرىمىزنىڭ تەپەككۈرىگە،بايقىشىمىزغا باغلىق.مېنىڭ مۇنداق تېمىلارنى يوللىشىم قانداقتۇر كۆپچىلىكىنى بىكار قالدى،ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىچ پۇشۇقنى چىقارسۇن دىگەنلىكىم ئەمەس،ئەمىلىيەتتە مېنىڭ خىزمىتىم تولىمۇ ئالدىراش،مېنىڭمۇ باقىدىغان ئىككى بالام بار،مەن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تېما يېزىۋاتىمەن.مەقسەت بىرلا يەنى قېرىنداشلىرىمىزنى بىز ئۈچۈن قېيىن،مۇرەككەپ ھېساپلىندىغان ئېلېكتىرون دۇنياسىغا باشلاپ كېرىش،ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۈرىنى قوزغىتىش،( بەلكىم Arduinoنىڭ ئورنىغا باشقا يەككە ئۆزەكلىك توك يول تاختىلىرى بولغان بولسا ئۇلارنى قىزىقتۇرۇش،ئۈگىنشىكە باشلاپ كىرىشتىن سۆز ئېچىش قىيىن بولاتتى،نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز باشلىنىشىدىلا يالتايغان بولاتتى،ھەر ھالدا كۆپچىلىكىمىزنىڭ قىزىقىشى خىلى ياخشى).دۇنيادا مۇنداق نەرسىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت.قالغان نەرىسلەرنى ياساپ چىقىش،ياساپ چىقالماسلىق كۆپچىلىكىنىڭ ئۆزىگە باغلىق،مەن پەقەت ئۇلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش،ياردەم قىلىش ۋەزىپەمنى ئادا قىلسام بولدى.
Arduino ئۈگىنشىكە ئاز تولا ئىختىساد سەرىپ بولدىغىنى راسىت،بىراق قىزىقىشىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ،ئەمما بۇ بەدەل سىزنىڭ بىھۇدە بۇزۇپ چاچقانلىرىڭىز ئالدىدا ھېچقانچىلىك ئەمەس،چۈنكى سىز ئىلىم ۋە تېخنىكا ئۈگىنىسىز ئەمەسمۇ؟
ئاخىرىدا سىزنىڭمۇ سېپىمىزگە قوشۇلۇشىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!
خەلىقئاردا ئۈگىنىش قىزغىنلىقى قوزغالغان نەرىسە بىزنىڭ ئۈگىنىشمىزگە ئەرزىمەي قالارمۇ؟

29

تېما

179

يازما

3150

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7182
ئاقچا
64
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-2 23:59:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكىنى ساقلىتىپ قويدۇم،زاكاس قىلغان مال ئاخىرى يېتىپ كەلدى،ئاللاھ خالىسا،ئەتە ئۇلۇغ جۈمە كۈندىن باشلاپ تۇنجى مالنى كۆپچىلىككە تارقىتىشىنى باشلايمىز،ھەرقانداق مەسىلە كۆرۈلسە مەن ئىگە بولىمەن،كۆپچىلىكىنىڭ خاتىرجەم سېتىۋىلىشىنى سورايمەن.ھەراست تاخـتا ئىككى خىل رەڭدە بولۇپ ئاق رەڭلىكى 40دانە،قىزىل رەڭلىكى 10دانە سېتىۋالغاندا ماڭا ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

0

تېما

211

يازما

305

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1494
ئاقچا
0
1529657456 ۋاقتى: 2014-1-6 15:13:43 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
e-chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 23:59
كۆپچىلىكىنى ساقلىتىپ قويدۇم،زاكاس قىلغان مال ئاخىرى ي ...

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم   مەن بۇ  تېخنىكىغا ھەقىقەتەن  قىزىقىپ  قالدىم  لېكىن   كومپىيوتۇر  بولمىسا   ئۇ ئىشلارنى   قىلغىلى بولمامدۇ  ؟   كومپىيوتۇر   بولمىسىمۇ  بولىدىغان  ئىش  بولسا  مەنمۇ   سېتىۋالغان  بولاتتىم  

0

تېما

30

يازما

36

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
127
ئاقچا
0
قايماق ۋاقتى: 2014-1-13 20:32:32 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى چچ توپغا قوشمايسىزغۇ来自: Android客户端

1

تېما

91

يازما

163

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

شاۋمى2س

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
829
ئاقچا
0
3344520 ۋاقتى: 2014-7-19 14:45:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىمۇ كومپىيوتىر يوق كومپىيوتىر بولمىسا يانفۇلدا قىلغىلى بولمامدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش