ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1253|ئىنكاس: 30
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Arduinoتوپلاشتۇرۇلغان ئىجادىيەت مۇھىتى (IDE)

29

تېما

178

يازما

3149

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7178
ئاقچا
64
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 17:36  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرى! خىزمەتلەرنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن يېڭى تېمىنى ۋاقىتىدا يوللىيالمىدىم.بۈگۈنكى تېمىدا Arduinoنىڭ يۇمشاق دىتال مۇھىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:
Arduinoتوپلاشتۇرۇلغان ئىجادىيەت مۇھىتى (IDE) بولسا سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزدا ئىجىرا بولىدىغان يۇمشاق دىتال بولۇپ،سىز ئۇ ئارقىلىق Arduinoتوك يول تاختىڭىزغا ئوخشاش بولمىغان پروگىراممىلارنى تۈزۈپ،يوللىيالايسىز.
   توپلاشتۇرۇلغان ئېجادىيەت مۇھىتنىڭ ئەڭ قالتىس يېرى شۇكى،سىز تۈزۈپ چىققان پروگىراممىڭىزنى Arduinoتوك يولى تاختىسىغا يوللىغان ۋاقتىڭىزدا،ئۇ ئاپتۇماتىك ھالدا سىز يازغان پروگىرامما كودىنى ئالدى بىلەن Cتىلى كودىغا ئايلاندۇرىدۇ،ئاندىن avr-gccتەرجىمانى(بىر ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دىتال)غا يوللاپ بىرىدۇ،ئەڭ ئاخىرىدا مەزكۈر پروگىرامما كودىنى مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچ چۈشىنەلەيدىغان بۇيرۇق توپىغا ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى Arduinoنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر بۆلىكى بولۇپ،توپلاشتۇرۇلغان ئىجادىيەت موھىتى مۇرەككەپ بولغان ماشىنا تىلىغا تەرجىمە قىلىش،كودلاش جەرىياننى يوشۇرۇن ئېلىپ بارغاچقا،سىز تېخىمۇ ئاددىي بولغان ئۇسۇللار ئارقىلىق مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچنى كونتىرول قىلالايسىز.توپلاشتۇرۇلغان ئىجادىيەت مۇھىتىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
ide.JPG
Arduino غا پروگىرامما تۈزۈشتىن ئاۋۋال،ئالدى بىلەن Arduinoتوپلاشتۇرۇلغان ئىجادىيەت مۇھىتى (IDE)نى چۈشۈرۈپ،كومپىيۇتىرىڭىزغا ئورنىتىشىڭىز كېرەك،چۈشۈرۈش ئادرىسى:www.arduino.cc/en/main/software،چۈشۈرگەن ۋاقىتتا كومپىيۇتىرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسغا ماس نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ.
   كومپىيۇتىرغا ئورنىتىش ئۇسۇلى ئادەتتىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئورنىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش،شۇڭا ئورنىتىش قەدەم باسقۇچلىرى قىسقارتىلىدى.
  Arduino غا پروگىرامما تۈزگەندە،پروگىرامما ئىجىرا قىلىش تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
>> توك يولى خەرىتىسى بويىچە توك يولنى قۇراشتۇرۇپ چىقىش.
>> USBئۇلىنىش سىمى ئارقىلىق Arduino توك يول تاختىسنى كومپىيۇتىرغا ئۇلاش.تۇنجى قېتىم ئۇلانغاندا كومپىيۇتېر سېستىمىسىدا يېڭىدىن قاتتىق دىتال بايقىغانلىق ئاگاھلاندۇرۇشى كۆرنىدۇ،بۇ ۋاقىتتا قوزغىتىش پروگىراممىسىنى قاچىلاش.
>> Arduino توپلاشتۇرۇلغان ئېجادىيەت مۇھىتىنى قوزغىتىش.
(ئۈستەل يۈزدىكى سىن بەلگىسىنى قوش چېكىش)
>> توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتى كۆزنىكىدىن نۆۋەتتىكى ئاردىينو تاختا تېپىنى تاللاش.
>> پروگىرامما كودىنى يېزىشنى باشلاش.
>> تۈزگەن پروگىراممىنى Arduinoغا يوللاش،ئاندىن بىر قانچە سىكۇنت Arduinoنىڭ ئۆزىنى ئاپتۇماتىك يېڭىلىشىنى كۈتۈش.
>> Arduino بىر قانچە سىكۇنتتىن كىيىن،سىز يازغان پروگىرامما كودى بويىچە خىزمىتىنى باشلايدۇ.
تۇنجى پروگىرامما-LEDنى چاقنىتىش
  LEDنى چاقنىتىش پروگىراممىسى Arduinoنى ئۈگەنگۈچىلەر تۇنجى قەدەمدە ئۈگىنىدىغان پروگىرامما بولۇپ،شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بىز يەنە بۇ پروگىراممىدىن پايدىلىنىپ Arduinoنىڭ توك يول تاختىسىدا مەسلە بار-يوقلىقىنى سىنايمىز،ئادەتتە بۇ پروگىرامما مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچقا پروگىرامما تۈزۈشنى ئۈگىنىشتىكى تۇنجى مەشىق ھىساپلىنىدۇ.
   LEDچىرىغى كىچىك تىپتىكى ئېلېكتىرون دىتالى بولۇپ،لامپۇچكىغا ئوخشاش نۇر چىقارسىمۇ،ئەمما ئىنتايىن تۆۋەن بولغان توك بىسىمى ۋە ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى توك ئېقىمىنى ئىشلىتىدۇ.
   سىزنىڭ قولىڭىزدىكى Arduinoتوك يولى تاختىسىغا ئاللىبۇرۇن بىردانە LEDچىرىغى ئورنىتىلغان بولۇپ،ئەمدىلا Arduinoبىلەن ئۇچىراشقان يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىناقنى ئوڭوشلۇق ئېلىپ بىرىشىغا قولايلىق يارىتىلغان.ئادەتتە توك يولى تاختىسىدىكى LEDچىرىغىنىڭ يېنىغا ئىنگىلىزچە «L»ھەرىپى بېسىلغان بولىدۇ.ياكى بولمىسا تۆۋەندىكى توك يولى خەرىتىسى بويىچە LEDچىرىغنى Arduinoتوك يول تاختىسىغا ئۆزىڭىز ئۇلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
led.JPG
LEDچىرىغنى ئۆزىمىز ئۇلاشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇكى،رەسىمدىكى LEDچىرىغنىڭ قىسقىراق پۇتى (K) مەنپى قۇتۇپنى،ئۇزۇنراق پۇتى (A)مۇسبەت قۇتۇپنى كۆرىسىتىدۇ.
LED چىرىغنى ئۇلاپ بولغاندىن كىيىن،ئارقىدىنلا بىز پروگىرامما ئارقىلىق Arduinoغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بىرىشىمىز كېرەك،يەنى بىر قانچە قۇر پروگىرامما كودى ئارقىلىق مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،ئۆزىمىز قىلماقچى بولغان ئىشنى ئورۇندىتىمىز.
تۇنجى پروگىراممىنى يېزىش
  ئەمدى سىز كومپىيۇتىرىڭىزدىن Arduino IDEنى قويغان ھۆججەت خالىتىڭىزنى ئىزدەپ تېپىپ،ئۇنى قوزغىتىڭ،تېزىملىكتىن File/Newتاللاش ئارقىلىق يېڭىدىن كۇپىيە ھۆججىتى(Sketch) قۇرۇڭ،ھەمدە ئىسمىنى «Blinking LED»دەپ قويۇڭ،ئاندىن «OK»نى بېسىڭ. Arduino توپلاشما ئېچىش مۇھىتىنىڭ پروگىرامما تەھرىرلەش كۆرۈنمە يۈزىدە يېڭىدىن بىر پروگىرامما تەھرىرلەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ،تۆۋەندىكى «مىسال-1» دىن پايدىلىنىڭ.ياكى سىز بېۋاستە توردىن مەزكۈر پروگىراممىنىڭ كودىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
پروگىرامما كودى:
  1. //Example 01:Blinking LED
  2. #define LED 13  //نىڭ ئۇلىنىش پۇتىنى 13-پۇت قىلىپ بەلگىلەش LED
  3. void setup() {               
  4.   pinMode(LED, OUTPUT); // 13-پۇتنى چىقىرىش ھالىتىدە قىلىپ بەلگىلەش
  5. }
  6. void loop() {
  7.   digitalWrite(LED, HIGH);   // نى ياندۇرۇش LEDيۇقىرى ئېلېكتىر ئېقىمى ئارقىلىق
  8.   delay(1000);               // بىر سىكۇنت كۈتۈش
  9.   digitalWrite(LED, LOW);    // نى ئۆچۈرۈش LED تۆۋەن ئېلېكتىر ئېقىمى ئارقىلىق
  10.   delay(1000);               // بىر سىكۇنت كۈتۈش
  11. }  
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بارلىق پروگىرامما كودىنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن،تەكشۈرۈش(Verify) دىگەن كونۇپكىنى باسىمىز،ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرا بولۇپ خاتالىق بولمىسا،كۆزنەك ئاستىدىكى قارا رەڭلىك كاتەكچىدە «Done Compiling»دىگەن ئۇچۇر كۆرنىدۇ.بۇ ئۇچۇر Arduino IDEنىڭ سىز تۈزگەن پروگىراممىنى ئۆزەكتە ئىجىرا قىلىشقا بولىدىغان پروگىراممىغا تەرجىمە قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   يۇقارقى قەدەم باسقۇچلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن،كۆزنەكتىكى «يوللاش(Upload)» كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق پروگىراممىنى Arduino توك يول تاختىسىغا يوللايمىز.پروگىراممىنى يوللىغاندا،مەزكۈر پروگىرامما نۆۋەتتە Arduino دا ئىجىرا بولىۋاتقان پروگىراممىنى توختىتىپ،ئۆزەكنى «قايتا قوزغاش(Rest)» ھالىتىگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن،Arduinoتوك يول تاختىسى USBئۇلىنىش سىمى ئارقىلىق كومپىيۇتىردىن ئېۋەرتىلگەن پروگىراممىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ساقلايدۇ.
   Arduino IDE كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىكى قارا رەڭلىك كاتەكچىدە «Done uploading»دىگەن ئۇچۇر كۆرنىدۇ،بۇ ئۇچۇر پروگىرامما يوللاش جەرىياننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئورۇندالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. Arduino توك يول تاختىسنىڭ ئۈستىدە ئىككى دانە LEDچىرىغى بار بولۇپ،ئۇلار يوللاش(TX) ۋە قوبۇل قىلىش(RX) ھالىتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ،ھەربىر بايىت ئۇچۇر يوللانغان ۋاقىتتا بۇ چىراغلار بىر قېتىم يانىدىغان بولۇپ،پۈتكۈل پروگىرامما يوللاش جەرىياندا توختىماستىن لاپىلداپ تۇرىدۇ.
   ئەگەر يوللاش،قوبۇل قىلىش LEDكۆرىستىش چىرىغى يانمىسا،ياكى كۆزنەك ئاستىدىكى قارا رەڭلىك رايۇندا خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنسە،كومپىيۇتىر بىلەن توك يول تاختىسى ئارىسىدىكى ئۇلىنىشتا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ،بۇ ۋاقىتتا سىز Tool/Serialتېزىملىكىدىن ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىش ئىغىزىنىڭ نۇمۇرىنى توغرا تاللىغان ياكى تاللىمىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرۈڭ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە Tool/Boardتېزىملىكىدىن Arduinoتوك يول تاختىسنىڭ تىپىنى توغرا تاللىغان ياكى تاللىمىغانلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈشىڭىز كېرەك.
   پروگىرامما يوللاش تاماملانغاندىن كىيىن،ئۆزەك «قايتا قوزغاش(Rest)» بۇيرۇقنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ياكى توك مەنبەسى قايتىدىن ئۇلانغان ۋاقىتتا،پروگىراممىمۇ قايتىدىن قوزغىلىدۇ.بارلىق پروگىرامما كودلىرى ئۆزەكتە ساقلىنىدىغان بولۇپ،توك مەنبەسى ئۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ ئۆچۈپ كەتمەيدۇ.
قولۇڭلاردا تەجىرىبە تاختىسى بولمىغاچقا سىناشقا ئامال بولماسلىقى مۈمكىن،بۇنىڭغىمۇ ئۇزاق ۋاقىت قالمىدى،ئەتە تاختا توغرىسىدا تۇنجى ئۇچۇر ئىلان قىلىنىدۇ،ئىھتىياجلىق بولغانلارنىڭ سېتىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نەزىرىڭىز داۋاملىق تېمىدا بولسۇن،سورايدىغان سۇئاللارنى تېما ئاستىغا قالدۇرۇڭ.
سىز بۇ تېمىنى يېڭى كۆرگەن بولسىڭىز بۇ تېمىلارنىمۇ بىر كۆرۈپ چىقىڭ.
ئاندرويىدتىن ئاردىينو(Arduino)غىچە
Arduinoنىڭ قۇرۇلمىسى
Arduino ئارقىلىق نىمىلەرنى ياساشقا بولىدۇ؟
كامالى ئېھتىرام بىلەن:ئېلېكتىر چەۋەنداز
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى

2

تېما

65

يازما

299

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1399
ئاقچا
5
nasridin ۋاقتى: 2013-12-31 17:50:32 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  سىزگە  كۆپ  ئەجىر بەرسۇن !!! داۋاملىق  تىرىشىڭ  ! قىرىندىشىم

0

تېما

313

يازما

317

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1138
ئاقچا
0
ئوماق ۋاقتى: 2013-12-31 18:01:32 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن来自: Android客户端

9

تېما

285

يازما

663

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

ئالما .1.2.3.4.5.6

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2766
ئاقچا
19
QQ
︵iSTiKLaL︵ ۋاقتى: 2013-12-31 18:16:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
بارىكاللا
تۇنۇگۇننى ئۇنۇتما!بۇگۇن ئۇچۇن كۇرەشقىل!ئەتەڭ ئۇچۇن؟؟؟

35

تېما

1046

يازما

1814

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

Rank: 6Rank: 6

نادىر
3
جۇغلانما
6024
ئاقچا
68

تۆھپە ئوردېنى

QQ
توك  يولى تاختىسىنىڭ باھاسى قانچىلىك ئەتراپىدا بولار؟
پىروگرامما كودىنى بىۋاستە c  تىلىدا تۈزگىلى بولماسمۇ؟
پىروگرامما كودىغا led  نىڭ گىپىنى ئارلاشتۇرمايلا مانچىنچى پۇتىغا مانداق توك كىرسە مانچىنچى ۋە مانچىنچى پۇتىدىن مۇنداق توك چىقسۇن دىگەندەك يازغىلى ئەلۋەتتە بولىدىغۇ دەيمەن!

مۇشۇ كودتىمۇ فۇنكىسىيە جۈملە مىقدار دىگەن نەرسىلەر بار ھەقاچان،   
مۇشۇ نەرسىنىڭ كودىدىكى بارلىق فۇنكىسىيە جۈملە مىقدارلارنى تونۇشتۇرۋەتسىڭىز كىيىنكى دەرىسلىكىڭىزدە!
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

13

تېما

113

يازما

309

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1072
ئاقچا
0
mawlanjon ۋاقتى: 2013-12-31 18:23:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخمۇ تىرىشقىن ئاكا .ئاللاھ ئىشلىرىڭغا بەركەت بەرگەي !!!

30

تېما

794

يازما

64

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

كىمىكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قى

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2086
ئاقچا
0
QQ
YASN ۋاقتى: 2013-12-31 18:30:16 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز

29

تېما

178

يازما

3149

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7178
ئاقچا
64
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-31 18:31:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ نەرسىنىڭ كودىدىكى بارلىق فۇنكىسىيە جۈملە مىقدارلارنى تونۇشتۇرۋەتسىڭىز كىيىنكى دەرىسلىكىڭىزدە!

دەرسلىك قەدەم-باسقۇچلار بويىچە ئىلان قىلىنىدۇ،فۇنكىسيە چۈشەندۈرۈش باسقۇچىمۇ بار،بەش قولنى بىراقلا ئىغىزغا تىقىشقا بولمىغىنىدەك،ھەممىنى بىراقلا سۆزلەپ تۈگتىۋىتىشكە بولمايدۇ،بۇ جەھەتتە كىتابمۇ تەييار قىلىپ بولغان،ئوڭۇشلۇق نەشىر بولۇپ كەتسىلا مېنىڭ بۇ يەردە دەرس سۆزلەپ يۈرۈشۈمنىڭمۇ ھاجتى قالمايتى.شۇڭا تەخىر قىلىشىڭىزنى سورايمەن.

29

تېما

178

يازما

3149

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7178
ئاقچا
64
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-31 18:32:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخمۇ تىرىشقىن ئاكا .ئاللاھ ئىشلىرىڭغا بەركەت بەرگەي !!!

بەرگەن مەدىتىڭگە رەھمەت!بولسا سەنمۇ مۇشۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۈگىنىپ قويساڭ بولاتتى.

0

تېما

89

يازما

89

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
430
ئاقچا
0
QQ
幸福之男 ۋاقتى: 2013-12-31 18:33:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

29

تېما

178

يازما

3149

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7178
ئاقچا
64
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-31 18:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

كۆپچىلىكىنىڭ بەرگەن مەدەت-ئىلھاملىرىغا كۆپ تەشەككۈر!

1

تېما

56

يازما

117

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
432
ئاقچا
1
abdulla998 ۋاقتى: 2013-12-31 18:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار  ئەگەردە مۇشۇنداق بىلىملەرنى  ئۇيغۇرچە كىتاپ قىلىپ  ئوقۇغۇچىلارغا  دەرسلىك قىلىپ ئەمىليەتنى بىرلەشتۇرۇپ ئۇگەتسە  بىز ئۇيغۇرلارمۇ  قانداق  نەرسىلەرنى  ياسىيالامىز  چەتىئەلنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى خىلى نەرسىلەرنى ياسىيالايدىكەن بىزلەر بولساق  باشلانغۇچ ئەمەس  تولۇققىچە ئوقۇساقمۇ بىر  نەرسە  ياساش ئەمەس  ياساشىنىمۇ  ئۇيلىماي   جەمىيەتكە چىقىپ  نىمە  ھۆنەر ئۇگەنسەم بولا دەيدىكەنمىز  مەكتەپتە ھىچ بولمىغاندا  تۇرمۇشىمىزنى قاندىيالىغۇدەك بىر نەرسە ئۇگەنەلىگەن بولساق  ئەپسۇس  ..................

3

تېما

251

يازما

690

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2876
ئاقچا
0
QQ
ئىسمايىل ۋاقتى: 2013-12-31 18:50:57 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  سىزگە  كۆپ  ئەجىر بەرسۇن !!! داۋاملىق  تىرىشىڭ  ! قىرىندىشىم

0

تېما

632

يازما

712

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3271
ئاقچا
0
13309954400 ۋاقتى: 2013-12-31 19:56:54 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   13309954400 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 19:59  

مىنىڭ ئۈگىنىش خىيالىم بائىدى مۇششۇنىڭ ئسمىنى قۇيۇپ چچ توپىدىن بىر نى قۇرۇپ قۇيۇڭا

45

تېما

380

يازما

877

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3671
ئاقچا
0
QQ
ablimitt ۋاقتى: 2013-12-31 20:32:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
e-chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 18:33
كۆپچىلىكىنىڭ بەرگەن مەدەت-ئىلھاملىرىغا كۆپ تەشەككۈر!

مۇقىملىق ياخشى بولمىسا ھازىرقى ھالەتمۇ ساقلانمايدۇ، سانائەت كەسىپلەرغۇ يىقىلىدۇ، تور چەكلىمىسى ئىشىپ، كەسپى تىمىلار چەكلىنىدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش