ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1659|ئىنكاس: 16
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Arduinoنىڭ قۇرۇلمىسى

29

تېما

179

يازما

3154

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7190
ئاقچا
66
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 08:29  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرى! بۈگۈن بىز Arduinoنىڭ ئاساسىي تۈزلۈشى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:
Arduinoنىڭ قۇرۇلمىسى
Arduinoئىككى مۇھىم بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى قاتتىق دىتال قىسمى يەنى Arduinoنىڭ توك يول تاختىسى؛يەنە بىرى توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتى(Arduino IDE)بولۇپ،يەنى سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزدىكى پروگرامما تۈزۈش مۇھىتىدىن ئىبارەت.سىز پەقەت IDEدا پروگىرامما كودى يېزىپ،پروگىرامما كودىنى Arduinoتوك يولى تاختىسىغا يۈكلىسىڭىز،پروگىرامما Arduinoتوك يول تاختىسىغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بىرىدۇ.
  Arduinoبارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى،توك يولى لاھىيەلەشتە چوقۇم يۈز نەچچە خىل قارىشلىق،كوندىنساتور،ئىندىكتۇر،كىرىستال لامپىغا ئوخشاش ھەرخىل-ھەرياڭزا ئېلېكتىرۇن بۆلەكچىلىرىنى بىرمۇ-بىر قۇراشتۇرۇشقا توغرا كىلەتتى.ھەربىر توك يولىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇلاش خەرىتىسى بار بولۇپ،بۇ توك يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرماقچى بولسىڭىز چوقۇم توك يولىنى كېسىپ-ئۇلىشىڭىز،كەپشەرلىشىڭىز كېرەك ئىدى.ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ۋە مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،بۇ توك يوللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئورنىنى يۇمشاق دىتال پروگىراممىسى ئالدى.
    يۇمشاق دىتال(پروگىرامما)نى قاتتىق دىتالغا قارىغاندا ئىنتايىن ئاسان ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.سىز پەقەت بىر قانچە قۇر پروگىرامما كودى ئارقىلىقلا ئۈسكۈنىنىڭ لوگىكىسىنى ماھايەت جەھەتتىن ئۆزگەرتەلەيسىز،ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى،ئۈچ خىل نەشىرىنىمۇ سىناپ باقالايسىز.ئەمما بۇنىڭغا سىزنىڭ بىرقانچە قارىشلىقىنى كەپشەرلىگىنىڭزگە كەتكەنچىلىك ۋاقتىڭىز كەتمەيدۇ.
Arduinoنىڭ قاتتىق دىتالى
Arduino توك يول تاختىسى بىر دانە كىچىك تىپتىكى مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچ ۋە بىر دانە توك يول تاختىسىدىن تۈزەلگەن بولۇپ، Arduinoكوللىكتىپىدىكىلەر ATmega ئۆزىكى ئىھتىياجلىق بولغان بارلىق ئېلېكتىرونلۇق دىتاللارنىڭ ھەممىسىنى ئاللابۇرۇن توك يول تاختىسى ئۈستىگە كەپشەرلەپ بولغان بولۇپ،تىپى ئوخشاش بولمىغان توك يول تاختىلىرىمۇ ئىقتىدار جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ. ھەرقايسى تىپتىكى Arduinoتوك يول تاختىلىرىنىڭ تېپى ئوخشاشمىسمۇ ئۇلىنىش پۇتلىرىنىڭ ئاتىلىشى،رولى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش.
تۆۋەندىكى رەسىمدە Arduino  توك يول تاختىلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى بىرىلىدى،توردىن Arduinoتوك يول تاختىسى سېتىۋالغاندا پايدىلناسىلەر:
arduino.JPG
تۆۋەندىكى رەسىمدە Arduino توك يول تاختىسنىڭ ئەپچىل تىپى(nano)نىڭ توك يول ئۇلىنىشى چۈشەندۈرۈلدى
arduino nano pcb.png
رەسىمدىن Arduino توك يول تاختىسنىڭ نۇرغۇن ئۇلىنىش پۇتلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ،نېمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمەي قىلىشىڭىز مۈمكىن،بىراق خاتىرجەم بولۇڭ،تۆۋەندە مەن سىزگە Arduinoنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ رولى ۋە ئىقتىدارى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن:
14دانە رەقەملىك سىگىنال پۇتى(Digital IO pins 0~13)
  بۇ رەقەملىك سىگىنال پۇتلىرىنىڭ ھەربىرىنى پروگىرامما ئىچىدە رەقەملىك سىگىنالنى كىرگۈزۈش ياكى چىقىرىش پۇتى قىلىپ بەلگىلەشكە بولىدۇ.
6دانە تەقلىدىي سىگىنال كىرگۈزۈش پۇتى (Analogue in pins 0~5)
بۇ تەقلىدىي سىگىنال پۇتلىرى ھەرخىل تەقلىدىي سىگىناللارنى ئوقۇپ كىرىشكە ئىشلىتىلىدۇ(مەسىلەن مەلۇم بىر ئىندۇكتۇرنىڭ توك بىسمىنى ئوقۇپ كىرىش دىگەندەك)،ھەمدە پروگىرامما ئىچىدە ئۇنى 0~1023ئارىسىدىكى سانلىق قىممەتكە ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ.
6دانە تەقلىدىي سىگىنال چىقىرىش پۇتى (Analogue in pins 0~5)
بۇ ئەمىلىيەتتە 6دانە رەقەملىك سىگىنال پۇتى بولۇپ،ئەمما پروگىرامما كودىي ئارقىلىق بۇلارنى تەقلىدىي سىگىنال چىقىرىدىغان قىلىپ بەلگىلەشكە بولىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىمدە مىسال سۈپتىدە ئالدىنقى قېتىم فىلىمدا كۆرىستىلگەن ئاۋاز كانىينىڭ Arduinoغا ئۇلىنىش توك يول خەرىتىسى كۆرىستىلدى:
喇叭连接图.JPG
توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتى كىيىنكى سائەتلىك دەرسكە قالدۇرۇلدى.
ئىزاھات:قولۇڭلاردا تەجىرىبە قىلىشقا ئىشلىتىدىغان مۇناسېۋەتلىك قاتتىق دىتاللارنىڭ يوقلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ،دەرسلىكىنى بەك كۆپ يازمىدىم،كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەجىرىبە شارائىتى يىتىلىگەندە دەرسلىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئىلان قىلىمەن.
بەلكىم بەزى قېرىنداشلىرىمىز مىنىڭ ئۈگىنىشكە ماس كىلىدىغان Arduino توك يول تاختىسىنى تەۋسىيە قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىشى مۈمكىن،بىزمۇ يېقىندا ئۈگىنىشكە ماس كىلدىغان تاختا ۋە يۈرۈشلۈك دىتاللارنى بازارغا سالماقچى ئىدۇق،بىراق مال تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئالاقە ئۈزلۈپ قالغاچقا يېڭى يىلدىن باشلاپ ئاندىن بازارغا سالالايدىغان ئوخشايمىز،شۇ ۋاقىتقىچە ئالدىرغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تاۋباۋ تورىدىن ئېلىپ سېتىۋىلىپ تۇرۇشنى سورايمەن،Arduinoنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدىراپ مال سېتىۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز،چۈشەنچىڭىز ئاشقاندا سېتىۋالسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.
سورايدىغان مۇناسېۋەتلىك سۇئاللارنى تېما ئاستىغا قالدۇرۇڭ.
ئەگەر سىز مېىنىڭ تۇنجى تېمامنى كۆرمىگەن بولسىڭىز بۇ يەرنى زىيارەت قىلىڭ.

1

تېما

418

يازما

325

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1262
ئاقچا
0
ataman138 ۋاقتى: 2013-12-26 11:27:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆزلەۋاتقىنىڭىزنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى PLC نىڭكىگە ئوخشاشمۇ来自: Android客户端
دۇئا قىلايلى ...بىر....مان...10 بولسۇن...

0

تېما

20

يازما

52

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
129
ئاقچا
0
sarsan8 ۋاقتى: 2013-12-26 11:29:53 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى تېمڭىزنى مەن كۈرۈپ ماڭا ئاز تولا ياردىمى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس来自: Android客户端

1

تېما

418

يازما

325

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1262
ئاقچا
0
ataman138 ۋاقتى: 2013-12-26 11:34:28 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۇقۇغۇچى. كەسپىم 电气自动化 ,机电一体化. ھازىر  زاۋۇتلارنىڭ توك يولىرنى ئۈگنىۋاتقان. بەلكىم بۇ تىمىڭىزنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىمدا ياردىمى بۇلشى مۇمكىن来自: Android客户端
دۇئا قىلايلى ...بىر....مان...10 بولسۇن...

4

تېما

276

يازما

327

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1373
ئاقچا
1
QQ
En→TeR ۋاقتى: 2013-12-26 11:40:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   En→TeR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 11:42  

تىمىغا   مۇناسىۋەتسىز   گەپ قىلىپ  سالدىم  تىما ئىگىسى كەچۇرگەيسىز                          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئالىپ توردىكى ئۇستازلار  ماڭا ياردەم قىلساڭلارچۇ     سامسۇڭ 9300  4.3 نى قاچىسام تىلفۇن 100%  نۇرمال   4.3 دىن باشقىنى چۇشۇرۇپ قاچىلسام  يەنىلام  مۇشۇنداق چىقىۋىلىپ  تىلفۇن ماڭمايدۇ     ياردەم قىلىڭلارچۇ未在网路上注册                                       /thread-22834-1-1.html              بۇ تىمامدا  باشقىلارمۇ ياردەم قىلدى ئەمما پەقەتلام بولمىدى

0

تېما

14

يازما

36

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
92
ئاقچا
0
muhammat01 ۋاقتى: 2013-12-26 11:50:47 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھ.ەت ياخشى بىلىملەركەن.来自: Android客户端

6

تېما

50

يازما

95

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
550
ئاقچا
110
qarqap ۋاقتى: 2013-12-26 12:17:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوللايمەن بەك ياخشى يوللاپسىز ،ئاندىروئىد سىستىمىلىرىدا قىرىنداشلىرىمىز خىلى يىتىشىپ قالدى،ئىشقىلىپ قىينالماي ئاندرويد سىستىمىلىرىنى ئۇيان بۇيان قىلېۋەتكۈدەك  قىرىنداشلىرىمىزمۇ خىلى بار ،جۇڭگۇ بويىچە خىلى ئالدىدا تۇرىدۇ ،خەلىقئارادىمۇ ئۆزىنىڭ تىل يىزىقلىرىنى ئۆزى قوشالمايدىغان  شۇشىركەتلەر قىتىپ بەرمىسە ئۆزتىلىنى ئىشلىتەلمەيدىغان دۆلەتلەرمۇ خىلى بار ،ئەمدى بۇخىل ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكىنە ياساشقا  سىزدەك مۇشۇنداق بىلمى بارلار بىلمىنى چىقارسا دەرىسلىكىنى يوللاپ بەرسە ، دوسلارنىڭ يېڭى شەيئىگە بولغان  قىزغىنلىقى بەك يۇقۇر  ،بۇلارنىمۇ Arduino  ئاردىنو ئەقلى ئىقتىدارلىق توك يولىنىمۇ   android سىستىمىسىغا ئوخشاش قىزىقىپ ئاچىدىغان دوسلارمۇ كۆپلەپ چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن

0

تېما

632

يازما

713

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3273
ئاقچا
0
13309954400 ۋاقتى: 2013-12-26 12:29:19 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarqap يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 12:17
مەنمۇ قوللايمەن بەك ياخشى يوللاپسىز ،ئاندىروئىد سىستى ...

ياخشىيوللاپسىز نىمىگە ئشلىتىلىدۇبۇ

13

تېما

263

يازما

270

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1210
ئاقچا
5
Ezgu89 ۋاقتى: 2013-12-26 15:27:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىشلىرى روناق تېپىپ گۈللەنسۇن ، مېنىڭمۇ بىركىشىلىك ھەۋىسىم بار ئىدى كىچىك ۋاقتىمدا ...
ئۆلۈم ، ئىنسان ئۈچۈ يېتەرلىك ۋەز-نەسىھەتدۇ !!!

4

تېما

121

يازما

188

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1036
ئاقچا
1
IXANQ ۋاقتى: 2013-12-26 15:34:36 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم، مىللىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان سىزدەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىغا اللە دەرت بەمىسۇن! تولىمۇ ياخشى تېما بوپتۇ قېرىندىشىم، مۇشۇنداق يېڭىلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بۇ ئالىپ مۇنبىرىنى قۇرغۇچىلارغىمۇ چوڭقۇررەھمەت ئېيتىمەن، تېخىمۇ تىرىشىڭلار!

14

تېما

864

يازما

119

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3482
ئاقچا
1
amat015 ۋاقتى: 2013-12-27 01:38:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . تىمىڭىزنى باشقا تور بىكەتلىرىگە كۆچۈرۈپ تارقاتساق بولامدۇ؟
يەكەن دىتاللار مۇنبىرى ئىچىۋىتىلدى:http://www.yakan.tk

0

تېما

87

يازما

224

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
817
ئاقچا
1
QQ
lovers ۋاقتى: 2013-12-27 13:31:54 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىڭ  ئىشىلتىش ئورنى电片机غا  ئوخشاش مۇ؟

29

تېما

179

يازما

3154

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
7190
ئاقچا
66
e-chewendaz  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-27 17:04:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىڭ  ئىشىلتىش ئورنى电片机غا  ئوخشاش مۇ؟

توغرا بۇنىڭ ئىشلىتىش ئورنى يەككە ئۆزەكلىك كومپىيۇتىرىغا ئوخشاش،چۈنكى بۇ ئەمىلىيەتتىمۇ يەككە ئۆزەكلىك كومپىيۇتېر توك يول تاختىسى بولۇپ،نۇرغۇن جايلىرى قولايلىقلاشتۇرۇلغان،ئۈگىنىشكە ئاسان.سىز بۇ ئارقىلىق تۈرلۈك ئاپتۇماتىك قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىقالايسىز.داۋاملىق ھالدا تېمىلىرىمغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.

6

تېما

50

يازما

95

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
550
ئاقچا
110
qarqap ۋاقتى: 2013-12-28 14:41:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن دوستۇم ،ئىشقىلىپ مۇشۇ ئىلىكتىرۇن فىزىكىسىدا ،بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەجرىبىمىز ساۋاتلىرىمىز ،ئاساسەن دىگۈدەك يوق ،ئەمدى سىز دەك ئىلىكتىر چەۋەنداز نىڭ  تەجرىبە ساۋاتلىرىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز ،بىزلەرمۇ تەجرىبە قىلىپ ساۋاتلارغا ئىرىشسەك ،ئىشىنىمەن بۇنىڭدىن كىىيىن يۇمشاق دىتال تەجرىبە قىلىش بىلەن قاتتىق دىتال تەجرىبە  تەڭ ماڭالىسا ،بىزلەرمۇ  ئېلىكتۇرۇنلۇق  ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىدە يىتىشىپ چىقسا ، ئۇيغۇرچە يانفۇن شىركەتلىرىدەك، ھەرخىل  ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىلىكتۇرۇن شىركەتلىرى، تەجرىبىدە يىتىشىپ چىققانلاردىن،چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن، زاماننىڭ كەينىدە قالماي ماڭالايدىكەنمىز شۇنداق بولسا بۇدۇنيادا

2

تېما

14

يازما

21

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
66
ئاقچا
0
eslamim ۋاقتى: 2013-12-28 15:46:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىرئىسل بىلىم بوپتۇ،ھەمدە بۇئۇچۇرمۇ شۇنداق پايدىلىقكەن،رەھمەت داۋامىنى ساقلايمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش