ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1152|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى

3

تېما

17

يازما

48

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
137
ئاقچا
4
ھازىرقى كۈندە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى تۈر ۋە سان جەھەتتىن ناھايتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيۋاتىدۇ، بولوپمۇ ئوخشاش تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆپىيىشى بىزگە ناھايتى كەڭ تاللاش مۇمكىنچىلىكىنى بىرىدۇ. تەبئكى تاللىغاندا يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارىغا، ھەجىمىگە، كومپۇتىرىڭىزغا ماس كىلىش-كەلمەسلىكى بەكىرەك كۆڭۈل بۆلىسىز. بۇ يەردە ئۈزەم ياقتۇرغان بىر قىسىم دېتاللارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچىمەن، بەزىلىرى كۆپچىلىككە تونۇش بولوشىمۇ مۇمكىن، ئاراڭلاردا تىخىمۇ ياخشى دېتاللارنى بىلىدىغانلار بولوشىمۇ مۇمكىن، قانداقلا بولسۇن مۇشۇ يەردە تەجىربىلىرىمىزنى بىر ئورتاقلاشساق دەيمەن.
بۇ تېما ئىككى قىسىم، ئالدىنقى قىسمى ئادەتتىكى دېتاللار، كىيىنكى قىسمى پەننى تەتقىقاتقا  ئىشلىتىلىدىغان دېتاللار .
ئادەتتىكى دېتاللار
مۇزىكا، فىلم قويغۇچ دېتاللىرى
mplayerقاچىلاش ھاجەتسىز، قاچىلايدىغان نۇسخىسىمۇ ھەم بار، لىنۇكس ھەم ۋىندوۋس نۇسخىلىرى بار.
VLC Playerمەن ئەڭ ياقتۇردىغان دېتال، قوياممايدىغان ھۆججىتى يوق دىسەممۇ بولىدۇ. كۆپچىلىك بىلىدۇكى بەزى ئۈن-سىن ھۈججەتلىرىنى Real playerياكى windows media player قويالمايدۇ، divx ھۆججىتىنى Real playerدە قويۇش ئۈچۈن divx نى قاچلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ، VLCدە ھاجەتسىز.بۇ دېتالنى ئۈچلا خىل سىستىمىدىكى نۇسخىسى بار، يەنى ۋىندوۋس، لىنۇكس ۋە مەكىنتوش(Mac OS X), تۆۋەندە بۇ خىل ئوخشىمىغان سىستېمىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نۇسخىلىرى بار دېتاللارنى كروس پلەتفورم (cross platform) دەپلا ئالدىم.
(2)ئىنتېرنەت كۆرگۈچ
K-Meleon
قاچىلاش ھاجەتسىز، كۆرۈش سۈرىتى ناھايتى تىز، ئادەتتە ئىنتېرنەت ئىكسپلورىرInternet explorer = IE)) ۋە Firefox دىنمۇ تىز. CPU غا بولغان تەلىپمۇ ناھايتى تۆۋەن، كومپۇتېرىڭىزغا بەكلا يەڭگىل توختايدۇ، ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.بۇنىڭ لىنۇكس نۇسخىسى يوق.
opera
چىرايلىق ئىشلەنگەن، imap ئېلخەت ئادرىسىنى قوشۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئىشلىتىش بەك قولايلىق. بىخەتەر،كروسس پلاتفورم (ھەممە سىستىمىدا ئىشلەيدۇ)، سۈرىەت جەھەتتە ئەڭ تىز. CPU ئىشلىتىشى سەل يۇقۇرى.
Firefox
گېرمانيەدىكى ئۇنىۋىرستېتىلاردا ئاساسەن مۇشۇ ئىشلىتىلىدۇ، ناھايتى بىخەتەر، كۆرىنىش نۇسخا تۈرى تولىمۇ كۆپ، بەك چىرايلىق ئىشلەنگەن. ئىقتىدارى كۆپ، كروسس پلاتفورم.تىزلىك جەھەتتە  operaدىن كىيىن تۇرىدۇ، CPU ئىشلىتىشى يۇقۇرى.بۇلارنىڭ پەرقىنى بۇ بەتتىن كۆرۈڭ:http://www.howtocreate.co.uk/browserSpeed.html
(3)مۇڭداشقۇ
pidgin
ئالاھىدلىكى: yahoo مەسىنجىر، msn مەسىنجىر ۋە QQ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 خىل پروتوكۇلنى قوللايدۇ، يەنى بىرلا دېتال ئارقىلىق يۇقارقى 15 خىل پروتوكولدىكى دوستلىرىڭىز بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايسىز، ئىلانسىز، بىشىڭىزنى ئاغرىتىدىغان ۋىرۇسلاردىن خالي، كروسس پلاتفورم. يىتەرسىزلىكى، ئاۋازلىق ياكى ئىكرانلىق پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ.
(4) ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش
Open office
بۇ تۈردىكى ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ھەقىسىز دېتاللاردىن بىرى. ئادەتتە ۋىندوۋس ئوففىس(windows office) بىلەن كۆپ پەرقى يوق. يازغان ھۆججەتنى pdf كە، ۋىندوۋس ئوففىس ھۆججىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ، ھەم ۋىندوۋس ئوففىس ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئاجىزلىق يىرى، بەك چوڭ ھۆججەتكە، مەسىلەن 50 بەتتىن ئوشۇق ppt ئىشلىگەندە بەك ئاستا بولوپ قىلىشى مۇمكىن.
Latex
مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دېتال، ھەقسىز،لىكىن ئىشلىتىش تازا قولايلىق ئەمەس، يەنى كۆپ ئۈگىنىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ. ئارتۇقچىلىقى سىزگە ناھايتىمۇ زور ئەركىنلىك بىرىدۇ، ۋىندوۋس ئوففىس نى ئىشلىتىپ تويۇپ كەتكەنلەر بۇنى ئىشلەتسە ھەممىدىن ماس كىلىدۇ:-) بۇ بولوپمۇ كىتاب يىزىش ، دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە ئىلمى ماقالە يىزىش لارغا بەكلا ماس كىلىدۇ. بۇ تەرەپتە دوكتۇرلۇق ماقالىسى يازىدىغانلار ئاساسەن مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىدۇ، بىلسەم تىخى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى يوق. بۇ دېتالنىڭ ۋىندوۋس نۇسخىسىنىڭ ئىسمى miktex، ئەڭ ياخشى ماس كىلىدىغان تەىرىرلەش دېتالى TexnicCenter، لىنكۇس تەىرىرلىگۈچ: Kile.
(5)باشقىلار
7zip

ھۆججەت بىر تەرەپ قىلغۇچ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىسىلغان ھۆججەتلەرنى (rar, zip ....) يىشەلەيدۇ، بىسىش(compress) سۈرىتى ھەم بىسىش دەرىجىسى ھەممىدىن يۇقۇرى.
ImageMagic

رەسىم ھۆججەت تۈرىنى ئايلاندۇرۇش دېتالى، مەسىلەن png، jpeg،tiff قا ئوخشاش رەسىم ھۆججەتلىرىنى باشقا تىپلارغا ئۆزگەرتەلەيدۇ، بولوپمۇ eps ھۆججىتىگە بەك ياخشى ئۆزگەرتەلەيدۇ(eps، يەنى، ۋىكتور رەسىم ھۆججىتى، توغرا تەرجىمە قىلدىممۇ بىلمىدىم، بۇ خىل رەسىم ھۆججىتىنىڭ ھەجىمى زور بولىدۇ، ياخشى يىرى ھەر قانچە چوڭايتسىمۇ سۈپىتىنى يوقاتمايدۇ، ئىلىمى ماقالە، poster ئىشلىگەندە بەك ياخشى بولىدۇ).
stardict

كروس پلاتفورم، مەنچە ئەڭ ياخشى كومپۇتېر تېل لۇغىتى، ھەقسىز، ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىغا ئاساسەن ھەر خىل تىللارنى تاللىيالايسىز، تاللاش دائىرىڭىز بەكلا كەڭ، ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىمۇ  بار.
Python
تېلى ناھايتى ئىخچام پروگرامما تۈزۈش تېلى، ئىشلىتىش بەك قولايلىق. كروس پلاتفورم.
Infrarecorder
ھەقسىز dvd، cd يىزىش ھۆججىتى، ماڭا بەكلا يارىدى بۇ.ۋىندوۋس نۇسخىسىلا بار.
winscp
ۋىندوۋس سىستىمىدا ئىشلىتىلىدىغان، ۋىندوۋس كومپيۇتېر بىلەن لىنۇكس كومپيۇتېردا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان قۇرال. قاچىلاش ھاجەتسىز نۇسخىسى بار.
putty بىلەن cygwin
بۇ ئىككى ھۆججەتنى ۋىندوۋس كومپيۇتېرىغا قاچىلاپ مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقلىق لىنكۇس مۇلازىمەتتېر ياكى لىنۇكس كومپيۇتېرىدىكى دېتللارنى ئۆز كومپيۇتېرىڭىزدا ئىجرا قىلالايسىز. مەسىلەن بىزنىڭ مەكتەپتىكى مۇلازىمەتتېر دە matlab، ANSYS، mathematica غا ئوخشاش بەك قىممەت دېتاللار قاچىلانغان، يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە ئۇ دېتاللارنى ئۆز ياتىقىمدىكى كومپيۇتېرىمدا ئىشلىتەلەيمەن. قانداق ئىشلىتىشنى بۇ قوللانمىدىن كۆرۈڭ:
http://www.cs.dartmouth.edu/~bmeister/putty-cygwin-tutorial.pdf

blender
ھەقسىز، كروس پلاتفورم. 3-D لىق سۈرەت, فىلم ئىشلەش دېتالى. ئادەتتە3-D دېتاللىرى بەكلا قىممەت بولىدۇ، ئىقتىدار بويىچە قارىغاندا بۇ تامامەن ئەس قاتىدىغان قۇرال. بۇ قورالدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز:
http://www.youtube.com/results?s ... rt=video_avg_rating
http://www.youtube.com/watch?v=dK074Sm6D48

JabRef
كروس پلاتفورم،قاچىلاش ھاجەتسىز، java دا يىزىلغان دېتال. ئىلىمى ماقالە يازغاندا پايدىلىنىش ماتېرياللىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ناھايتى زور قولايلىق ئىلىپ كىلىدىغان دېتال، latex بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. سىز پەقەت ئىلىمى ماقالە چۈشۈرۈش بىتىدىكى "downlaod citation" بۆلىكىدىن "Endnote " ياكى "Bibtex" دىگەن ھۆججەتنى ماقالە بىلەن قوشۇپ چۈشۈرۈپ JabRef قا ئەكىرىپ قويسىڭىزلا ئىش تامام. ئاخىرىدا ساقلىغان*.bib ھۆججىتىنىlatex  دە يىزىلغان ماقالە مۇندەرىجىڭىزگە قويۇپ latexنى مۇناسىپ تەڭشىسىڭىزلا پايدىلىنىش ماتېريال تىزىملىكىنى ئاپتوماتېك نۇمۇر قويۇپ تۈزۈپ چىقىدۇ.

II پەننى دېتاللار:
سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش
gnuplot
كوماندا كۆزنىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سانلىق مەلۇمات ۋە فۇنكېسيە شەكلىنى سىزىش دېتالى، ھەقسىز(شىفىرى ئوچۇق دېتال)، كروس پلەتفورم(ھەرقانداق سىستېمىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ). بىرىلگەن فۇنكېسيە ياكى سانلىق مەلۇماتنى 2 ئۆلچەملىك ،3 ئۆلچەملىك ھالەتتە سىزالايدۇ، سىزلغان سۈرەتنى ئاساسەن ھەرقانداق بىر رەسىم ھۆججىتى شەكلىدە ساقلىيالايدۇ.قاچىلماستىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان نۇسخىسى بار.
http://www.gnuplot.info

QtiPlot
پەننى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، سىزىش قۇرالى. ھەقسىز(شىفىرى ئوچۇق دېتال)، كروس پلەتفورم.كۆپىنچە ئىقتىدارلىرى Origin غا ئوخشىشىپ كىتىدۇ، Origin ئىلىشقا پۇلىڭىز يەتمىسە بۇ دېتال ئەڭ ياخشى تاللاش.
http://soft.proindependent.com/qtiplot.html

LabPlot
پەننى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، سىزىش قۇرالى. ھەقسىز(شىفىرى ئوچۇق دېتال)، Linux نۇسخىسىلا بار. ئىقتىدارى ئاساسەن Origin بىلەن ئوخشاش، شۇنداقلا Origin دا ئىشلەنگەن دېتاللارنى ئىچىپ بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
http://labplot.sourceforge.net

fityk
پەننى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، سىزىش قۇرالى. شىفىرى ئوچۇق ھەقسىز دېتال، كروسپلەتفورم. چوققىلىق ئەگىر سىزىقلارنى ماسلاشتۇرۇش( ؟، ئىنگىلىزچە:curve fitting) چوققا ئورنىنى تېپىش قاتارلىق ئانالىزلارغا بەكلا ماس كىلىدۇ. ھەر خىل سپېكتروسكوپلار (مەسىلەن رېنتىگىن نۇرى فوتوئېلېكترون ، رامان، ئىنفراقىزىلنۇرى سپېكتروسكوپى قاتارلىقلار) غا ئىشلىتىشتە ناھايتىمۇ ماس كىلىدۇ.كۇنۇپكا ئىقتىدارلىمۇ ناھايتى ياخشى ئىشلەنگەن بەك قولايلىق دېتال.
http://www.unipress.waw.pl/fityk

Scilab

ئىقتىدار جەھەتتە Matlab كە بەكىرەك ئوخشايدىغان دېتال، پەرقى شۇ، بۇ دېتال ھەقسىز. كروس پلەتفورم. ئادەتتىكى كۆپەيتىش ئەمەللىرىدىن كومپلىكس سان ھىسابلاشلىرىغىچە بولغان كەڭ دائىرلىك ماتېماتېكىلىق مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. سىگنال بىر تەرەپ قىلىش، ستاتېستىكىلىق ئانالىز، سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش، ئاقارجىسىم دىنامىكىسىنى تەقلىد قىلىش قاتارلىقلارغا كۆپىرەك ئىشلىتىلىدۇ.بىر تەرەپ قىلىنغان ھۆججەتلەرنى Matlab بىلەن ئۆز ئارا ئايلاندۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
http://www.scilab.org/


Statistical lab
ستاتېستىكا مەسىللىرىنى بىرە تەرەپ قىلىش ۋە سىزىش دېتالى.ۋىندوۋس نۇسخىسىلا بار. ھەقسىز
http://www.statistiklabor.de/en/index.html
  دىففرىنسىئال تەڭلىكلىرىنى يىشىش شۇنداقلا چەكلىك ئېلمىنىت ئۇسۇلى بويىچە (Finite Element Method) تەقلىد قىلىش قۇراللىرى
ANSYS
بۇ خىلدىكى ئىنژىنېرلىق دېتاللىرى ئىچىدە ئەڭ قولايلىق لىكىن بەك قىممەت دېتال، كروسپلەتفورم.

Freefem
c++ دا يىزىلغان دېتال، كروسپلەتفورم، ھەقسىز. ئۈگىنىش بىر قەدەر ئاسان، يەنى كۆپ مىساللىرى ھەم ياخشى يىزىلغان ئوقۇشلۇقى بار.بولوپمۇ فىزىكىدىكى قىسمى دىففىرىنسىئال تەڭلىمىلىرى (؟، partial differential equations) ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھالەتلەرنى ئانالىز ۋە تەقلىد قىلىشقا بەك ماس كىلىدۇ.
http://www.freefem.org/

بۇ خىلدىكى شىفىرى ئوچۇق ھەر خىل ئىقتىداردىكى  ئىنژىنېرلىق دېتاللىرىنىڭ تېزىملىكىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
http://homepage.usask.ca/~ijm451/finite/fe_resources/node139.html
(3) باشقىلار
Gwyddion

شەكىل چۈشۈرۈپ ئۆلچىگۈچى مىكروسكوپ (قىسقارتېلما ئاتىلىشى=SPM،؟، Scanning Probe Microscopy) تا ئۆلچەنگەن مەلۇماتنى ياكى سۈرەتنى سىزىش، ئانالىز قىلىش قورالى. شىفىرى ئوچۇق ھەقسىز، كروسپلەتفورم دېتال. ئىقىتىدارى بەك ياخشى، باشقا تېپتىكى مكىروسكوپلارغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ(مەسىلەن AFM, MFM, STM, SNOM/NSOM ....)
http://gwyddion.net/


WSxM
SPM سىگنالىنى كونترول قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش قۇرالى، ھەقسىز. پەقەت ۋىندوۋس نۇسخىسىلا بار.
http://www.nanotec.es/

Unifit
مەخسۇس رېنتىگىن نۇرى فوتوئېلېكترون سپېكتروسكوپىغا (X-ray Photo-electron Spectroscopy=XPS) ئىشلىتىلىدىغان دېتال. مىسال كۆرسىتىش نۇسخىسى ھەقسىز، پەقەت ۋىندوۋس نۇسخىسىلا بار. ئىقتىدارى بەك كۆپ، ئانالىزدا convolution, product ھەم summation ئۇسۇللىرىنى قوللانغىلى بولىدۇ.
http://www.uni-leipzig.de/~unifit/

Fitt
يۇقارقىغا ئوخشاش ئىقتىداردىكى دېتال.ھەقسىز، شىفىرى ئوچۇق كروسسپلەتفورم دېتالى. بۇ خىلدىكى دېتاللاردىن يەنەCasa xps، multipack قاتارلىقلارمۇ بار.

http://escalab.snu.ac.kr/~berd/Fitt/fitt.html

مەنبە:http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/yazmilar/yumshaq-dital.html


































1

تېما

99

يازما

276

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1139
ئاقچا
0
mungdax530 ۋاقتى: 2014-2-3 14:23:46 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت كوپ جاپا چىكىپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش