|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eqawandaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-24 12:22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەپەندى! سىزنىڭ ئىپادىڭىزدىن ئابلىمىت ئەپەندىگە ئوخشاشلا مەنمۇ ئىنتايىن رازى بولدۇم،بەزى ئىشلارنىڭ ۋاقىت سائىتى ئەمدى كەلگەن چىغى.مەن يېقىندىن بىرى ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش تېخنكىسى توغرىسىدا مەخسۇس arduino دەيدىغان كونتىرول قىلىش توك يول تاختىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم،يەنە شۇنداقلا بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ،سىزگە مۇشۇ توغرىسىدا ئىلتىماس سۇناي دەپ تۇراتتىم.
ئاللاھ خالىسا،بۈگۈن ياكى ئەتە ئېچىدە arduinoتوغرىسىدىكى تۇنجى تېمامنى يوللايمەن.ئىشنىمەنكى بۇ توك يولىغا،بۇ تېخنىكىغا قىزقىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ.شۇڭا مۈمكىن بولسا تەبئى-پەن دەپ سەھىپە ئاچامدۇق ياكى ئېلېكتىرون تېخنىكىسى دەپ سەھىپە ئاچامدۇق،شۇنىڭ بىرىسنىڭ تارماق سەھىپىسىگە arduino دەپ تارماق سەھىپە قۇرۇپ بەرسىڭىز بوپتىكەن،بۇ جەھەتتىكى ماتىرىياللارنى تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى مەن ئۈستۈمگە ئالسام.
ئىككىنچى ئېلتىماسىم:ئەزالىق نامىمنى ئۆلچەملىك ھالەتكە ئۆزگەرتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن،مەن بۇ بېكەتكە ئىككى ئەزالىق نامىدا تېزىملاتقان بىرى«eqawandaz» يەنى بىرى «e-chewendaz»غۇ دەيمەن،qqغا باغلىغان،مېىنىڭ پەقەت ئەسلىدىكى بىرلا ئەزالىق نامىمنى ساقلاپ قالغۇم ھەم ئۆلچەملىك ھالدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.يەنى ئېلېكتىر چەۋەنداز«e-chewendaz »بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كامالى ئىھتىرام بىلەن:ئېلېكتىر چەۋەنداز |
|