- جۇغلانما
- 756
UID21977
تىزىملاتقان2013-8-29
ئاخىرقى قېتىم2015-3-9
توردا326 سائەت
ئالىي ئەزا
قۇغدۇغۇچى√ HDSTN

- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 756
- ئاقچا
- 0

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-19 02:54
Ultra Video Splitter بولسا نۆۋەتتىكى ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋىدىيو تەھرىرلەش، پارچىلاش ۋە كېسىش قورالى بولۇپ، AVI、MP4、FLV、MOV、Divx、XviD、MPEG、WMV、ASF、RM、RMVB、3GP قاتارلىق كۆپ خىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى قوللايدۇ.
Ultra Video Splitter نىڭ ۋىدىيو ھۆججىتىنى پارچىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن جانلىق لايىھەلەنگەن بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى، ۋاقىت ئوقى ۋە تەڭ ھالەتتە پارچىلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
1. ئۆزىدە كۆپ قىسىم ۋىدىيو ۋە ئاۋاز ھۆججىتى فورماتىنى يېشىش پىروگراممىسى كودى قاچىلانغان بولۇپ، ئايرىم چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
2.ۋىدىيونى سىناپ كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان، ۋىدىيو تەھرىرلەش قولايلىق.
3.ۋىدىيو ھۆججىتىنى تەھرىرلەش (پارچىلاش ۋە كېسىش) ئىقتىدارىدىن باشقا، يەنە ياخشى بولغان ۋىدىيو فورماتىنى ئۆزگەرتىش قورالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئەگەر يەككە ۋىدىيو ھۆججىتىنى كەسمەكچى ياكى پارچىلىماقچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا ھۆججەتنىڭ ھاسىل قىلىش فورماتىنى Same As Sourcel Video يەنى ئەسلىدىكى ھۆججەت كودى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تاللاش كىرەك. بۇنداق قىلغاندا، پارچىلىغاندىن كىيىنكى ھۆججەتنى قايتا فورماتلاشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ شۇنداقلا ھاسىل قىلىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىك يېرى شۇكى، مەزكۇر دېتال RM/RMVB فورماتىنى ئانچە ياخشى قوللىمايدۇ.
Ultra Video Splitter نى چۈشۈرۈش ئۇچۇرلىرى:
ئورگان بېكىتى: www.aone-soft.com
پىرىستىن يېشىش كودى: www.portablesoft.org
پىرىس ھۆججىتى MD5 سى: F740CE305E7407C8E3C433D674E33A82
چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىش: (سېغىمى 9.32 MB)
چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى UltraVideoSplitterPortable.exe نى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ
مەنبە: نۇرتورى
|
|