- جۇغلانما
- 1459
UID17391
تىزىملاتقان2013-5-20
ئاخىرقى قېتىم2015-3-30
توردا615 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1459
- ئاقچا
- 0
|
چۈشۈرۈپ قاچىلاپ سىناپ بېقىپ بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن،باشتا ھاياجان بىلەن قاچىلىغان،لېكىن ئىشلىتىش جەرىيانىدا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيوتىردا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئەسلى ھېچقانداق بىر كىرگۈزگۈچكە ھاجىتىمىز چۈشمەيدىغىنىنى ھېس قىلدىم،ئەلكاتىپ بولسىلا يېتەرلىك ئىكەن،بۇرۇن چېچەن كىرگۈزگۈچىسىنى ئىشلىتىپ باققان،ئۇنىڭدا باش ھەرىپىنى كىرگۈزسە كۆپ قوللىنىلدىغان سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەتتى،ماۋۇنىڭدا سۆزلەرنى بېسىپ بولۇپ بوشلۇق كونۇپكىسىنى باسسام قالايمىقان كودلارغا ئۆزگىرىپ كەتتى
بەلكىم راستىنلا يۇنىكود قوللىمايدىغان جايلاردا لازىم بولار،لېكىن مەندەك نورمال سەۋىيىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بۇ چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان دېتال ئەمەسكەن
لېكىن مۇزىكا قويۇش ئىقتىدارىنى ياقتۇرۇپ قالدىم،400دىن ئارتۇق ناخشىنى يىغىپسىز،مەن خەنلەرنىڭ توردا مۇزىكا ئاڭلايدىغان كىچىك ئەپلىرىنى كۆپ ئىشلىتىمەن،بۇرۇندىن ئۇيغۇرچىمۇ ئەشۇنداق بىر دېتال بولسا،ھەر خىل ئۇسلۇپ،ھەر خىل پۇراقتىكى ناخشىلارنى ياقتۇرغىنىمىز بويىچە تاللاپ ئاڭلىساق دەپ ئويلايتتىم،شەخسىي تەكلىپىم:كىرگۈزگۈچتىن ئايرىپ مۇستەققىل مۇزىكا قويغۇچتىن بىرنى ياساپ چىقسىڭىز،قانچە كىچىك،قانچە ئاددىي بولسا،ئون-ئونبەش تۈرگە ئايرىپ بىر قانچە مىڭ ناخشىنى قوشۇپ قويسىڭىز،مانا ئۇدۇن تورىدا نەچچە مىڭ بەت ناخشىلار يىغىلىپ كېتىپتۇ،بىز بولساق دەمالىققا قەيەردىن ناخشا ئاڭلاشنى بىلمەي،ئۇلىنىشنىڭ باش بېتىنى ئېچىپ قويۇپ ئولتۇرۇپتىمىز
مېنى ئۆزىچە ئۇنى قىل-بۇنى قىل دەپ كەتتى دەپ قالماڭ،سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى كۆرۈپ ئويلىغانلىرىمنى ئېيتقۇم كەلدى،لېكىن مۇزىكا قويغۇچ راستىنلا بىر بوشلۇق،ئويلىنىپ كۆرۈڭ
|
|