ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 8596|ئىنكاس: 80

WM6.5 يانفۇنغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش، كىرگۈزگۈچ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2094
جۇغلانما
1028
توردا
1879 سائەت
نادىر
45
تېما
194
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 13:56:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن يوللانغان تېمىلىرىمىزدا تۇنۇشتۇرغان WM6.5 غا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقا ئائىت مەزمۇنلار كېڭەيتىلگەن رايۇندىكىسى ئىدى. ئۇيغۇرچىنى كېڭەيتىلگەن رايۇندا بىر تەرەپ  قىلغاندا نورمال تېكىستنى كېڭەيتىلگەن رايۇنغا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. جۈمىلىنىڭ بېشى ئاستىنقى قۇرغا چۈشۈپ كېتەتتى. ئۇيغۇرچىنى ئاساسى رايۇندا تونۇتۇش ئاخىرى ھەل بولدى.
Sunnysoft شىركىتنىڭ ياسىغان ئەرەبچە كىرگۈزچىنى قاچىلىساق ئۇيغۇرچىنى كۆرسىتىش مەسلىسى تۇللۇق ھەل بولىدىكەن. كىرگۈزگۈچ قىسىمىدا ئازراق مەسلە بار. ئۇيغۇرچە پ ، ە ، ۈ ، ۆ ھەرپلىرى بىلەن كومپىيۇتېردا ئىشلىتىۋاتقان ئۆلچەملىك ھەرپلەر ئوتتۇرسىدا پەرق باركەن. باشقىسى نورمال.
سىناق قىلىنغان يانفۇن: HTC HD2  , مەشغۇلات سىستېمىسى Windows Mobile 6.5
تۆۋەندىكى رەسمىدىكىسى يانفۇندىكى IE دا ئالىپ تورىنى كۆرگەندىكى ھالەت
wm6.5-3.png


تۆۋەندىكىسى UC تور كۆرگۈدە كۆرگەندىكى ھالەت




تۆۋەندىكىسى بىلىك كۇلۇبىنى IE Mobile دا كۆرگەندىكى ھالەت




دىمەك WM6.5 سىستېمىلىق يانفۇنلاردا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشتا مەسلە قالمىدى. ھەممە ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى نورمال. ئىلگىرى Opera دا ى ە ھەرپلىرىدىن باشقىسى نورمال كۆرۈنەتتى. باشقا تور كۆرگۈدە ئۇيغۇرچە ھەرپلەر پەقەت ئۇلانمايدۇ. ماۋۇ دېتالنى قاچىلغاندىن كېيىن يوقارقىدەك باشقا تور كۆرگۈدە نورمال. Opera دا ى ە مەسلىسى يەنە بۇرۇنقىدەك ئۇلانمىدى.

تۆۋەندىكىسى يانفۇندىكى MSN Messenger نىڭ كۆرۈنىشى




دىمەك، يانفۇندىكى MSN دىمۇ ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلىش ئەمەلگە ئاشتى.

تۆۋەنكى رەسىمدىكىسى كومپىيۇتېردىكى Word2007 دە تەييارلانغان ھۆججەتنى ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي يانفۇندىكى Word Mobile دا ئاچقاندىكى كۆرۈنۈش


تۆۋەنكى رەسىمدىكىسى كومپىيۇتېردىكى Excel2007 دە تەييارلانغان ھۆججەتنى ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي يانفۇندىكى Excel Mobile دا ئاچقاندىكى كۆرۈنۈش


تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە ۋېكپىدىيەدىن (uyghur Wiki)بىر كۆرۈنۈش


تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتتىن كۆرۈنۈش




مەن ئالدىنقى قېتىم يوللىغان لۇغەتتە يوقارقى رەسىمدىكى ھالىتىدە بىر قۇرغا پاتمىغان ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ بېشى ئاستىنقى قۇرغا چۈشۈپ كېتەتتى. بەتنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولاتتۇق. ماۋۇنىڭدا ئۇنداق مەسلە يوق.

ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھۆججىتنى چۈشۈرۈڭ. ئەسكەرتىش: ئەزالىق نامىدا كىرسىڭىز ئاندىن چۈشۈرۈش ئادېرسى كۆرۈندۇ.
سەيياھ، بۇ تىمىنىڭ يوشۇرۇن مەزمۇنىنى كۆرۈش ئۈچۈن جۇغلانمىڭىز  1 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، ھازىرقى جۇغلانمىڭىز 0


يوقارقى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يانفۇننى سانلىق مەلۇم سىمى بىلەن كومپىيۇتېرغا چېتىپ، يوقارقى پىروگىراممىنى كومپىيۇتېردا ئىجرا قىلدۇرسىز. ئاندىن يانفۇندا قاچىلاش كۆرسەتمىسى چىقىدۇ. شۇ بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ. قاچىلاپ بولۇپ يانفۇننى قايتا قوزغاتسىڭىز ئۇيغۇرچە تونۇتۇش تاماملىندۇ ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىندۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە خەتلەر سەتراق چىقىدۇ. تۆۋەندىكى تېخنىك ئەپەندى ئۆزگەرتكەن Tahoma فونتىنى قاچىلسىڭىز ئۇيغۇرچە خەتلەر يۇقارقى رەسمىدىكىدەك چىرايلىق چىقىدۇ.

alip.rar (712.24 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1509)
بۇ ھۆججەتنى يانفۇنغا كۆچۈرۈپ قاچىلساڭلار سىستېمىنىڭ Tahoma خەت نۇسخىسنى چىرايلىق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇردۇ.
بىرىنچى ھۆججەتنى قاچىلاپ قايتا قوزغاتقاندا بەزى خەنزۇچە خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ. alip.cab نى قاچىلاپ قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن رايۇن ۋە تىل تاللايدىغان يەردىن جۇڭگو (中华人民共和国) دېگەننى تاللاپ قويساڭلار خەنزۇچە خەت نورمال كۆرۈندۇ. ئەلۋەتتە، ئېنگىلىزچە ياكى ئەرەپچىگە توغىرلاپ ئىشلەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كىرگۈزگۈچنى ئېچىپ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى باسسا بىر-ئىككى ھەرپتىن باشقىسى چىقمايدىكەن. بۇ ۋاقىتتا كىرگۈزگۈچنىڭ سول ئۈستى بۈرجىكىدىكى ABS دېگەن كۇنۇپكىنى ئۈچ قېتىم باسسا تۆۋەندىكى رەسمىدىكىدەك ھالەتكە كېلىدىكەن، شۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئاساسەن چىقىدىكەن.


بۇ يەردە ۆ ھەرىپى يوقكەن. ۆ ھەرىپىنى بىرىنجى كۇنۇپكا رايونىدىن، باشقا ھەرىپلەرنى ماۋۇ ئۈچۈنچى كۇنۇپكا رايۇندىن كىرگۈزسە بولىدىكەن. پ ھەرىپى ئۇلانمايدىكەن. شۇڭا پ دىن باشلانغان ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى لۇغەتتىن تاپقىلى بولمايدىكەن. بۇ دېتالنى بىز ئۇيغۇرلار ياسىمىغاندىكىن كىرگۈزگۈچتە يۇقارقىدەك بەزى مەسىللەر بار. بىزگە ھازىرچە ئۇيغۇرچىنى تۇللۇق تۇنۇتۇشمۇ چوڭ ئىش.

بۇ دېتالنىڭ 14 كۈنلۈك سىناق ۋاقتى بار ئىكەن. 14 كۈندىن كېيىن ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋالمىساق ياكى مەخپى شىفىرنى بىرەر قۇرال ئارقىلىق يىشىپ ئىشلەتمىسەك كىرگۈزگۈچ ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن. مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقساق بولاتتى.


ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 2

ئاقچا
2
جۇغلانما
50
توردا
11 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 14:11:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2094
جۇغلانما
1028
توردا
1879 سائەت
نادىر
45
تېما
194
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 14:50:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ يانفۇندىكى RSS ئوقۇغۇچتىن كۆرۈنۈش

rss1.png


rss2.png

ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

ئاقچا
8
جۇغلانما
20
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 16:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Sunnysoft   ماۋۇ  نەرسىگە تېزىملاش نۇمۇرى  كىتىدىكەنغۇ .....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2094
جۇغلانما
1028
توردا
1879 سائەت
نادىر
45
تېما
194
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 16:41:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىشتەم يوللانغان ۋاقتى  2011-3-10 16:39
Sunnysoft   ماۋۇ  نەرسىگە تېزىملاش نۇمۇرى  كىتىدىكەنغۇ .....

ھەئە، تىزىملاش نومۇرى بولمىسا 14 كۈن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

ئاقچا
8
جۇغلانما
20
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 17:35:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزىملاش نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز  بولاتتى   ،   چچ  رىڭىزنى  قالدۇرسىڭىز  بوپتىكەن ئالىپ ئەپەندىم

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
4
جۇغلانما
145
توردا
26 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 17:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈندىن بىرى ئالىپ ئەپەندىم بىلەن تېخنىك ئەپەندىم كۆپ جاپالارنى تارتىپ ۋىندوۋىس سېستىمىلىق تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تەلىۋىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ سەرىپ قىلدى ،ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەجرىڭلارغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن (گەرچە قۇرۇق قول بولسىمۇ)
مەنمۇ كۈندە دىگۈدەك ئالىپ تورىنى زىيارەت قىلىپ مۇشۇ ھەقتىكى يېڭى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ كەلدىم ،ھەم يېڭى ئۇسۇللار ئېلان قىلىنغان ھامان تېلېفۇنۇمدا سىناشقا باشلىدىم ،بىرمۇنچە گەپ يورغىلىتىپ ئاخىىردا سورىماقچى بولغۇنۇم : ھازىرقى بۇ يېڭى ئۇسۇلنى ئىلگىرى قاچىلىغان دېتاللارنى تازىلىۋىتىپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىمىزمۇ ياكى بىۋاستە قاچىلىساق ئىلگىركىنى قاپلاپ كېتەمدۇ ؟ شۇنى سورىۋالاي دىگەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2094
جۇغلانما
1028
توردا
1879 سائەت
نادىر
45
تېما
194
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 17:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزىملاش نومۇرنى مەنمۇ تاپالماي ئەتىگەندىن بېرى گوگىلدىن ئاختۇرۇپ يۈرۈيىمەن. يەنە 13 كۈنگىچە تاپالمىسام قانداق ق قىلارمەن دەپ بېشىمدا غەم بۇ چەتئەللىكلەرگە يا خالىغانچە پۇل تۆلىگىلى بولمىغان. جۇڭگودا بولسىغۇ كارتىسىغا ئۇرۋەتسەك.
مەھمۇد: ئىلگىرى قاچىلانغانلىرىنى ئۆچۈرۋېتىپ ئاندىن قاچىلاڭ. بولمىسا تېزلىكى بەك ئاستىلاپ كېتىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
4
جۇغلانما
145
توردا
26 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 18:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېتالنى چۈشۈرۈپ پېرىسنى يەشكەندىن كىيىن ماۋۇC:UsersmhtynsDesktop未标题-2 拷贝.bmp ئىجرا بولمايۋاتىدۇ ،بىر خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ قاچىلانمىدى .يەشكەندىن كىيىنكى ھۆججەت چوڭلىقى 9.75MB ئىكەن ،مۇشۇ چوڭلۇقتا چۈشكىنى توغرىمۇ؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2011-3-10 18:29):
پېرىسنى يەشكەندىن كىيىنكى ھۆججەت كورۇنىشىنى ئېۋەتسەم رېسىم چىقمىاپتۇ

Rank: 1

ئاقچا
8
جۇغلانما
20
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 18:43:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ  ئەپەندىم  سىزگە كۆپ رەھمەت بەلكى بۇ كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتەلمىگىنىم بىلەن تېلفۇننى ئۇيغۇچىلاشتۇرۇۋالدىم  كۆپ رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-11-5 16:54 , Processed in 0.085794 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش