- جۇغلانما
- 360
UID545
تىزىملاتقان2011-3-14
ئاخىرقى قېتىم2013-9-16
توردا34 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 360
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلا ،
مەن ئالما مەھسۇلاتىغا مۇناسۋەتلىك ھەرتىلدىكى بارلىق تورلارنى كۈندە ئاز دىگەندىمۇ 5قېتىمدىن ئارتۇق يوقلاپ تۇرىمەن ۋە يېڭى خەۋەرلەرنى مىكرو بىلوگىمغا يوللاپ قويمەن،بۇ تۇرمۇشۇمنىڭ ئەڭ موھىم بىر قىسىمى بوپ قالدى دىسەممۇ بولىدۇ .
لىكىن «تۈرمىدىن قاچۇرۇش »دىگەندەك تېمىلارنى كۆرسەم بەك ئاچچىقىم كەپ قالىدۇ .ھەم شۇ تىما ئېگىسىنى ساقلاپ قويىمەن.
مەن بۇلتۇر ئاي پەد ۋە ئايفۇنلانى تۇرمىدىن قاچۇرۇپ باققان ھەم مەن ئالاھىدە پايدىلانغىدەك ، زور قىممىتى بار بىرەريىشىۋەتكەن دىتالنى ئۇچۇراتمىدىم،مەن بولمىسا ھەممە ساھەدىكى دىتالنى ياخشى كۆرەتتىم،دائىم قاچلاپ قوياتتىم، لىكىن تۇرمىدىن قاچۇرغاننىڭ پايدىسى بولمىدى 6-7كۈن ئىشلىتىپ ،ئۆزەمچە سەل نۇمۇس قىپ قالدىم،ئاندىن ئەسلىگە قايتۇرۋەتتىم . بەزى قىممەترەك ئويۇنلار ھەقسىز بولسا كىرەك ، لىكىن مەن ئويۇنغا قىزىقمايمەن ،ئالما توريۇمشاق دېتال بازىردىكى ھەقسىز دىتاللارمۇ بىزنىڭ ھەر قانداق ھاجىتىمىزدىن تولۇق چىقالايدۇ. دىمەك تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەمىلىي قىممىتى يوق دەپ قارىدىم.(تۇرمىدىن قاچسىڭىز ھامىنى تۇتۇلدىكەنسىز)
بىز تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى تەمىنلىمىدۇق،بىز يەشمىدۇق، چەتئەلدە ئۆزى قىلغاننى ئىشلەتتۇق دەپ قارىساقمۇ بولماس، ساختا ئسشلاردىن ساقلىنىپ ،ئورتاق ھەركەتلەنسەك بىزنىڭ ئۇيغۇر پىروگراممىچىلارغىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ.
قېرىنداشلار باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى، ئالما تور بازىردىكى شۇ ھەقلىق دىتاللارنى ئىشلىگۈچىلەرمۇ سىلەردەك جاپاكەش ۋە تىرىشچان دوسىتلار، بىز ئۈلارغا ھۆرمەت بىلدۇرمەي رەھمەت ئېيىتماي تۇرۇپ ،نۇرغۇن جاپادا ئىشلىگەن دىتاللارنى ئاز ۋاقىت سەرىپ قىپلا ،قاچىلاپ بىكارغا ئىشلەتسىڭىز پەسكەش كىشلە رنى قوللىغان ،بازىرنى چىقىرىپ بەرگەن بولمامسىزسىزنىڭچە ، تۈرمىدىن قاچۇرۇپ شۇ نەچچە يۈز يۇەنلىك دىتالنى قاچىلىۋالسىڭىز، سىز شۇنىڭدىن قانچىلىك پايدا يارتىپ كۆڭلىڭىز قانچە خوش بوپ كىتەر . بۇ ئەسلى بىر ئوغۇرلىق بىلەن ئوخشاش جىنايەت ھەم زور ئەخلاقسىزلىق. مەن ئاشۇ تۇرمىدىن قاچۇرۇش يۇمشاق دېتالنى تەتقىق قىلىغان گۇرپىدىكىلەرنى ئەڭ پەسكەش كىشلەر دەپ قارايمەن .
ئەنە نەچچە كۈن بۇرۇن كومىېس گۇرپىسىدىكىلەرمۇ ئۆزىنىڭ قىلۋاتقان ئىشىنىڭ قانۇنسىز ۋە ئەخلاقسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئاخىرى ھىس قىپ ،بۇندىن كىيىن ئاي ئو ئەس تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىتالى ياسىمايدىغانلىقىنى جاكالىدى. شۇنىڭدەك قالغانلارمۇ بارا بارا يوقايدۇ ، ئاز قالدى .
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئەڭ زور تەلىپى ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش دەپ قارايمىز ، ئەممە ئۇ فونىت بولمىسىمۇ بىز يانا تور مۇنبەرلەرنىڭ ئۈچۈر يوللاش كۆزنىكى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تولۇق كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ ،مەن 2يىلدىن كۆپرەك بولدى،ئۇيغۇرچە ئۇچۇرنى تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ يوللىدۇم، ئەڭ خۇشاللىنارلىقى ئالدىنقى ھەپتە قارلۇق شىركىتى «خاتىرەم» ئاي پەد نۇسخىسى ئۇيغۇرچە خاتىرە دەپتەرنى ھەقسىز بازارغا سالدى، يېڭى يىلغىچە ئايفۇن نۇسخىسىمۇ چىقىپ قالا.
گىپىمنى يىغىنچاقلىسام، موشۇ ئۇچۇرنى قارلۇق خاتىرەمدە يازدىم.
ئاي ئو ئەس سىستىمىسىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئەپلەرنى ھەقسىزلەشتۈرۈپ ئوغۇرلاپ قاچىلاپ ئىشلىتىشنىڭ زىيىنى ۋە ئاقىۋىتى؛
1- ئۈ بىرئەخلاقسىزلىق ۋە جىنايەت
2- قاتتىق دىتالنى تىز قېرىتىۋېتىدۇ.
3- سېسىتىمىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلتىۋېتىدۇ.
4- باتارىيى كۆپ خورتىدۇ.
5- خاتالىق ئۇچۇر كۆپ بولىدۇ.
6- بېخەتەرلىك ئاجىزلاپ كىتىدۇ
7- ئەمىلىي پايدىلنىش قىممىتى يوق.
........... قالغىننى دىمەيلە قويدۇم .
بىز باشقىلارنى دورىمايلى،كىچىك ئىش بولسىمۇ ئۇنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ،كىيىنكىلەرگە ئۈلگە بولغىدەك. بىز بەكمۇ مەدىنيەتلىك ئەخلاقلىق مىللەتقۇ ، باشقىلارنىڭ قاينىمىدا ناچار ئىللەتنى بەك قوبۇل قىپ قېلىۋاتىمىز، ئۇيغۇر پىروگراممىچىلارغا يول ئېچىپ بىرەيلى
موشۇنداق تېمىلاردا ئايرىم ئورتاقلىشىپ پاراڭلىشىشنى خالايدىغانلار بولسا مىنى قوشۇۋېلىڭلا، چچ312378878 مىكرو بىلوگ،خەت ساندۇق، مىكرو خەت ھەممىسى بىر نومۇر.
،رەھمەت (ئىملانى،،،،،،،،،،،،ۋاقىت،) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا amanlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-14 02:32
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|