ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 2 (2)

18

تېما

99

يازما

329

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1046
ئاقچا
1
ئۇيغۇرچە نامى : ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ
باشقا ئۇيغۇرچە نامى: تىلىڭىزنى بېيىتىڭ
ئىنگلىزچە نامى : Mind Your Language
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 1977 - يىلى
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى 2013 - يىلى 5 - ئاي
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013 - يىلى 8 - ئاي
دۆلىتى : ئەنگلىيە
ژانىرى : كومېدىيە\تىل ئۆگىنىش\قىزىقارلىق\مەكتەپ
تىلى : ئىنگلىزچە
يېزىقى : ئۇيغۇرچە\ئىنگىلىزچە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى
ئۇزۇنلۇقى : ھەربىر قىسمى 24 مىنۇت
بۆلۈم سانى: 4 بۆلۈم(ھازىرغىچە تېپىلغىنى 3 بۆلۈم)
1-بۆلۈم: 11 قىسىم
رازمېرى : 368*480
ئۇلىنىش : http://www.imdb.com/title/tt0075537
نەتىجىسى : 7.8/10
رېژىسسور: Vince Powell
ئاساسلىق روللاردا :

(Barry Evans         ...        Jeremy Brown (42 episodes, 1977-1986
(George Ca[miller         ...        Giovanni Capello / ... (42 episodes, 1977-1986
(Jacki Harding         ...        Anna Schmidt (42 episodes, 1977-1986
(Zara Nutley         ...        Miss Courtney (42 episodes, 1977-1986
(Ricardo Montez         ...        Juan Cervantes (42 episodes, 1977-1986
(Albert Moses         ...        Ranjeet Singh (42 episodes, 1977-1986

2- بۆلۈم 2- قىسمى يېڭىلاندى

ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ      Mind your language   

بۇ 1977-يىلى ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بىر توپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ، كەچلىك كۇرستا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.

بۇ سىنىپ بىر ئىتالىيىلىك، بىر گرېتسىيىلىك، بىر ئىسپانىيىلىك، بىر ياپونىيىلىك، بىر جۇڭگولۇق قىزچاق، بىر ھىندىستانلىق ئايال، بىر پاكىستانلىق، بىر ھىندىستانلىق شىك دىنى مۇرىتى، يەنە بىر فرانسىيىلىك گۈزەل قاتارلىقلار يىغىلغان «خەلقئارالىق» ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش سىنىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىنگلىزچىسى ياخشى ئەمەس. ئۇلار يا گىرامماتىكىدا، يا تەلەپپۇزدا ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەبىئىيلا نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 4 بۆلۈم ئىشلەنگەن بولۇپ، دىنىي تالاش-تارتىش، سىياسىي ئايرىمچىلىق، مۇھەببەت-كۈنلەش قاتارلىقلار فىلىم مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرخىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن.

فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

فىلىم گەرچە 1977-يىلى ئىشلەنگەن كونا فىلىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى چىنلىق، كۈلكە، تىل ئۆگىنىشكە بېغىشلانغان قىزغىنچلىق ۋە بوشاشماي ئۆگىنىش، ئەڭ مۇھىمى سۆزلەشتىن قىلچە تارتىنماسلىق روھى بىزنىڭ بۈ كۈنلەردە بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشلىرىمىزغا سەۋەب بولدى. تورداشلارنىڭ بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە بوشاشماي ئۆگىنىش، تىل ئۆگەنگەندە تارتىنماي سۆزلەش، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىز ياكى باشقا تىللارنى ئۆلچەملىك، راۋان، توغرا سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئازراق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققان تارىخىڭىز بولمىسا ياكى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقمىسىڭىز بەلكىم بۇ فىلىمدىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىزمۇمكىن. فىلىمدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەسمىلىرى
Episode 02 - Qu[00_00_51][20131028-162436-0].JPG

Episode 02 - Qu[00_09_51][20131028-162506-1].JPG

Episode 02 - Qu[00_16_02][20131028-162548-2].JPG

Episode 02 - Qu[00_22_39][20131028-162606-3].JPG

2-بۆلۈم 2-قىسىم        خانىشنى قارشى ئېلىش       Queen For A Day

بۇ قىسىمدا ئايال پادىشاھنىڭ مەكتەپنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلمەكچى بولغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن مەكتەپتىكىلەرنىڭ ئايال پادىشاھنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن قىلغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلىنىدۇ.
2-بۆلۈم 2-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

ئىككىنچى بۆلۈمى داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللاپ بېرىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز ھېسابلىنىدۇ. رەھمەت.

300

تېما

2368

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251025
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip ۋاقتى: 2013-10-28 20:39:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر قىسىمىنى ئايرىم تېما قىلماي، بىر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللىسىڭىز ھەممە قىسىمى بىر يەرگىلا يىغىلاتتىكەنتۇق
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

0

تېما

121

يازما

189

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
756
ئاقچا
0
mamatjan0997 ۋاقتى: 2013-10-28 20:49:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۇاخشى بوپتۇ قوللايمىز

1

تېما

205

يازما

132

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
656
ئاقچا
5
alshah ۋاقتى: 2013-10-29 00:22:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت جاپا چەكتىڭلار

18

تېما

99

يازما

329

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1046
ئاقچا
1
Go_on  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-29 10:30:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 20:39
ھەر بىر قىسىمىنى ئايرىم تېما قىلماي، بىر تېما ئاستىغا  ...

ئىنكاس شەكىلدە يوللىسام، بالىلار كۆرەلمەي قالامدىكىن دەيمەن دىققەت قىلماي. تەرجىمە تولۇق تۈگىگەندە، ھەر بىر بۆلۈمىنى ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللاپ قويسام، پارچە يوللانغانلىرىنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ مېنىڭچە.

4

تېما

187

يازما

287

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1191
ئاقچا
0
salamjan33 ۋاقتى: 2013-12-8 23:30:40 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنىڭ تېزراق پۈتۈشىگە تەشنا بىز

0

تېما

153

يازما

379

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2301
ئاقچا
0
INTIZAR.3 ۋاقتى: 2013-12-16 21:07:13 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلىز تىلى ئېلىپ بەسى  بولسا يوللاپ بىرىڭلا  ئۇندىدار  2398668987
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش