ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 717|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 2 (1)

18

تېما

99

يازما

329

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1046
ئاقچا
1
ئۇيغۇرچە نامى : ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ
باشقا ئۇيغۇرچە نامى: تىلىڭىزنى بېيىتىڭ
ئىنگلىزچە نامى : Mind Your Language
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 1977 - يىلى
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى 2013 - يىلى 5 - ئاي
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013 - يىلى 8 - ئاي
دۆلىتى : ئەنگلىيە
ژانىرى : كومېدىيە\تىل ئۆگىنىش\قىزىقارلىق\مەكتەپ
تىلى : ئىنگلىزچە
يېزىقى : ئۇيغۇرچە\ئىنگىلىزچە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى
ئۇزۇنلۇقى : ھەربىر قىسمى 24 مىنۇت
بۆلۈم سانى: 4 بۆلۈم(ھازىرغىچە تېپىلغىنى 3 بۆلۈم)
1-بۆلۈم: 11 قىسىم
رازمېرى : 368*480
ئۇلىنىش : http://www.imdb.com/title/tt0075537
نەتىجىسى : 7.8/10
رېژىسسور: Vince Powell
ئاساسلىق روللاردا :

(Barry Evans         ...        Jeremy Brown (42 episodes, 1977-1986
(George Ca[miller         ...        Giovanni Capello / ... (42 episodes, 1977-1986
(Jacki Harding         ...        Anna Schmidt (42 episodes, 1977-1986
(Zara Nutley         ...        Miss Courtney (42 episodes, 1977-1986
(Ricardo Montez         ...        Juan Cervantes (42 episodes, 1977-1986
(Albert Moses         ...        Ranjeet Singh (42 episodes, 1977-1986

2- بۆلۈم 1- قىسمى يېڭىلاندى

ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ      Mind your language   

بۇ 1977-يىلى ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بىر توپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ، كەچلىك كۇرستا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.

بۇ سىنىپ بىر ئىتالىيىلىك، بىر گرېتسىيىلىك، بىر ئىسپانىيىلىك، بىر ياپونىيىلىك، بىر جۇڭگولۇق قىزچاق، بىر ھىندىستانلىق ئايال، بىر پاكىستانلىق، بىر ھىندىستانلىق شىك دىنى مۇرىتى، يەنە بىر فرانسىيىلىك گۈزەل قاتارلىقلار يىغىلغان «خەلقئارالىق» ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش سىنىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىنگلىزچىسى ياخشى ئەمەس. ئۇلار يا گىرامماتىكىدا، يا تەلەپپۇزدا ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەبىئىيلا نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 4 بۆلۈم ئىشلەنگەن بولۇپ، دىنىي تالاش-تارتىش، سىياسىي ئايرىمچىلىق، مۇھەببەت-كۈنلەش قاتارلىقلار فىلىم مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرخىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن.

فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

فىلىم گەرچە 1977-يىلى ئىشلەنگەن كونا فىلىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى چىنلىق، كۈلكە، تىل ئۆگىنىشكە بېغىشلانغان قىزغىنچلىق ۋە بوشاشماي ئۆگىنىش، ئەڭ مۇھىمى سۆزلەشتىن قىلچە تارتىنماسلىق روھى بىزنىڭ بۈ كۈنلەردە بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشلىرىمىزغا سەۋەب بولدى. تورداشلارنىڭ بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە بوشاشماي ئۆگىنىش، تىل ئۆگەنگەندە تارتىنماي سۆزلەش، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىز ياكى باشقا تىللارنى ئۆلچەملىك، راۋان، توغرا سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئازراق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققان تارىخىڭىز بولمىسا ياكى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقمىسىڭىز بەلكىم بۇ فىلىمدىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىزمۇمكىن. فىلىمدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەسمىلىرى
Episode 01 - Al[00_01_39][20131021-114619-0].JPG

Episode 01 - Al[00_07_11][20131021-114642-1].JPG

Episode 01 - Al[00_17_01][20131021-114728-2].JPG

Episode 01 - Al[00_21_12][20131021-114740-3].JPG

2-بۆلۈم 1-قىسىم        ھەممەيلەن قايتىپ كەلدى       All Present If Not Correct

بۇ قىسىمدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، براۋن ئەپەندىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىنىڭمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قايتىپ كەلگەنلىكى ۋە براۋن ئەپەندىنىڭ مۇكاپاتلىق زايومدا ئۇتتۇم دەپ ئويلاپ قېلىپ خىزمەتتىن ئىستېپا بەرمەكچى بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنداقلا بىر ۋېنگرىيىلىك ئەپەندى ۋە بىر شۋېتسىيىلىك گۈزەل بولۇپ يېڭىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى سىنىپقا قوشۇلىدۇ.
2-بۆلۈم 1-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

ئىككىنچى بۆلۈمى داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللاپ بېرىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز ھېسابلىنىدۇ. رەھمەت.

6

تېما

174

يازما

299

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
969
ئاقچا
0
iradam ۋاقتى: 2013-10-21 12:54:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىدەك قىلىدۇ، قېنى بىرىنجى بۇلۇپ كۆرۈپ باقايچۇ...
غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ. ئىرادىلىك كىشىلەر ھامان ت

29

تېما

392

يازما

2140

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
2
جۇغلانما
5710
ئاقچا
1

تۆھپە ئوردېنى

alim047 ۋاقتى: 2013-10-21 14:59:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشتىن باشلاپ  كۆرۈۋاتىمەن خىلى قېزىقكەن

9

تېما

128

يازما

559

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1656
ئاقچا
0
sazguri0998 ۋاقتى: 2013-10-21 15:33:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف  ئخىرى  چىقتى  ئادەمنى ھەجەپمۇ بىر ئىنتىزار  قىلدىڭلار ھە

2

تېما

338

يازما

407

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1592
ئاقچا
22
QQ
amanxa ۋاقتى: 2013-10-21 16:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نىمدا ياخشى، مەن بىرىنچى بۆلۈمنى كۆرۈپ بولغانىدىم، ئىككىنچى بۆلۈمى قاچان چىقماسىمىكىن دەپ ئويلغان، بەك ياخشى بوپتۇ جۇمۇ؟   ھى ھى ھى  بولسا  تۆت بۆلۈمنىڭ ھەممىنى  تەرجىمە قىلۋەتسەڭلا، توختاپ قالماسلىقىڭلانى ئۈمىد قىلىمەن، بەك ياخشى فىلىم باللا  بۇ ، كۆرۈپ بىقىڭلا.

3

تېما

155

يازما

1013

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3171
ئاقچا
4
osmanturpan ۋاقتى: 2013-10-21 20:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىر چىقتى. بىر كۆرىۋېتەي...

4

تېما

187

يازما

287

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1191
ئاقچا
0
salamjan33 ۋاقتى: 2013-10-22 01:09:51 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى فىلىم ئىكەن ياختۇرۇپ قالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش