|
IDM ئېسىل چۈشۈرۈش دېتالى. باشقا دېتالدا چۈشۈرەلمىگەن كىنو، ناخشا، يۇمشاق دېتاللارنى IDM دىن پايدىلىنىپ ناھايتى ئاسانلا چۈشۈرۋالغىلى بولىدۇ. بۇ دېتالنى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ قويساڭلار، ناخشا-كىنو بار تور بەتنى ئاچساڭلار ئۆزى ئاپتۇماتىك چۈشۈرمەنمۇ دەپ تۇرىدۇ.
بۇ دېتال يۇنىكودنى قوللايدىكەن. بۇرۇنلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش پىلانىم بار ئىدى. ھازىر يەنە بىر دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋاتقان بولغاچقا ۋاقتىم يەتمەيدىكەن. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭلار، مەن ھەمدەمدە بولىمەن.
ئۇچىرغان مەسىللەرنى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلنى مۇشۇ سەھىپىگە يېزىپ ماڭساق باشقىلارغىمۇ دەرسلىك بولۇپ قالىدۇ.
Languages قىسقۇچىنىڭ ئىچىدە تىل ھۆججىتى بار. ئەمما بۇ تىل ھۆججىتى يۇنىكودنى قوللىمايدىكەن. شۇڭا Sisulazer ياكى Pasollo دا IDMan.exe دىگەن ھۆججەتنى ئېچىپ تەرجىمە قىلساڭلار بولىدۇ.
بۇ دېتالنى چۈشۈرۈش ياكى گوگىلدىن ئىزدەپ باشقا نۇسخسىنى چۈشۈرسەڭلارمۇ بولىدۇ. قېنى سىناپ بېقىڭلار.
بۇ سەھىپىگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۇنىكودنى قوللايدىغان دېتاللارنى كىملا بولسا قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ يوللاپ قويسا، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقساق بولىدۇ. بىرەرسىمىز قىلىپ بولالمىساق گۇرۇپپا تەشكىللەپ قىلساقمۇ بولىدۇ.
|
|