- جۇغلانما
- 1166
UID8093
تىزىملاتقان2012-6-16
ئاخىرقى قېتىم2014-11-5
توردا208 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1166
- ئاقچا
- 10
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قەدىرلىك دوسلار،ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن .
بۈگۈن مۇنبەردە تېلفۇنلارنڭ قۇلۇپ ئېچىش توغرىسىدىكى بىر تېمىنى كۈرۈپ ، كۆپ قىسىم دوسلىرمىزنىڭ
بۇ توغرىسىدا چۈشەنچىسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، مەزكۇر تېمىنى يازدىم . بىلمىگەنلار بىلىۋېىڭلار.
ئالدى بىلەن قۇلۇپ ئېچىش توغرىسىدا سۆزلەي ،ئاندىن كىيىن root توغرىسىدا .......................
1. قۇلۇپ ئېچىش دىگەن نىمە ؟
قۇلۇپ ئېچىش دىگىنىمىز، bootloader قۇلپىسىنى ئېچىشنى كۆرسىتىدۇ ، bootloader نى كومپىيوتېنىڭ BIOS قا ئوخشاتساق بولىدۇ ، bootloader بولسا تېلفۇندا ئەڭ بۇرۇن قۇزغىلىدىغان دىتال ، bootloader قوزغۇلۇپ ئالدى بىلەن تېلفۇننىڭ قاتتىق دىتاللىرنى تەكشۈردۇ ، CPU , GPU ,ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىق ، ئاندىن كىين سېستىمىنى قوزغىتىدۇ . bootloader نىڭ رولى بەك چوڭ ، ئۇ بولمىسا تېلفۇن قوزغالمايدۇ .
ئۇ يەنە سېستىمىنى رايۇنىنى 只读 ھالەتتە ساقلايدۇ ، يەنى پەقەت ئۇقۇشقا بولىدۇ ، يېزىشقا بولمايدۇ.
بۇنداق بولغاندا سىز سېستىما قاچىلىيالمايسىز دىگەن گەپ .
كۆپ قىسىم تېلفۇنلاردا bootloader غا قۇلپا سېلىنغان ، بۇنىڭ سەۋەبى سىزنىڭ سېستىما قاچىلاش،root ئېلىشىڭىزنى تۇسۇش . ئەگەر سىز قۇلۇپنى ئاچقان ھامان ، زاۋات تەرەپنىڭ بارلىق كاپالىتى يوق بۇلىدۇ .
يەنى ئادەتتە HUAWEI تېلفۇنلارنىڭ 1 يىللىق ھەقسىز رىمۇنىت مۇلازىمىتى بار، مۇشۇ يوق بۇلىدۇ .
HTC HUAWEI SONY قاتارلىق تېلفۇنلارنىڭ كۆپ قىسىم تېلفۇنلىردا قۇلۇپ بار .
بەزى تېلفۇنلارنى قۇلۇپ ئاچماي root ئالغىلى بولىدۇ ، بەزىلىرنى بولمايدۇ . نىمشقا بولمايدۇ ؟
بۇنىڭ سەۋەبى ناھايتى كۆپ ، root ئالغان ۋاقىتتا ، سېستىما يادروسى boot.img ھەرخىل بويرۇقلارنى قۇبۇل قىلىپ superuser نى سېستىما رايۇنىغا تاشلاپ بىردۇ ،شۇنىڭ بىلەن root ئالغان بولىسىز . لىكىن boot.img ھۆججىتى bootloader نىڭ قوغداش دائىرسىدە بولغاچقا bootloader غا ئاسان چاقچاق قىلىپ ئالغىلى بولمايدۇ .
شۇڭا كۆپ قىسىم HTC تېلفۇنلارنىڭ قۇلپىسنى ئېچىپ بۇلۇپ boot.img نى ئالماشتۇرۋەتسەك root ئېلش بەك ئاسان بوپ كىتىدۇ .
bootloader قۇلپىسى ئېچىلغاندىن كىيىن ، سىز سېستىما رايۇنىغا 写入权限 گە ئىگە بۇلۇسىز ، يەنى يېزىش ھۇقىقىغا ئىگە بۇلىسىز دىگەن گەپ ، recovery , rom قاتارلىقلارنى خالىغانچە يازسىڭىز بولىدۇ .
لىكىن بەزى دوسلىرمىز سېستىما يازىمەن دەپ تېلفۇننى ئۆلتۈرگەن ئەھۋاللار خېلى كۆپ ، بۇنداق ۋاقىتتا زاۋات قا ئاپارسىڭز ، قۇلۇپنى ئېچىپسە دەپ كارى بولمايدۇ . زاۋاتنىڭ قۇلپا سېلىش سەۋەبىمۇ مۇشۇ شۇ .
قالايمىقان سىېستىما يېزىش root ئېلىش سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن تېلفۇن بۇزىلىدۇ . بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زاۋۇت تەرەپ قۇلپا سېلىپ قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان .
قۇلپىنىڭ ئۇچۇق ياكى تاقاق ئىكەنلىكىنى ئايرىش توغرىسىدا كىيىنچە تېما يوللاپ قۇياي ، ھەممە تېلفۇننى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس .
2. root ئېلشى دىگەن نىمە ؟
root ئېلشى بولسا ، ئالما تېلفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرغانغا ئوخشاش ، root ئېلىنغاندىن كىيىن سىز سېستىما ئىچىگە خالىغانچە كىرىپ چىقالايسىز ، ھەرقانداق سېستىما ھۆججەتلىرنى يۇيىۋىتەلەيسىز.
پۈتۈنلەي ئەركىن ، root ئېلىپ بوپ uyghur font نى قاچىلاپ ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق چىقىرىشقا ئوخشاش .
root چۈشەنچىسنى كۆپ قىسىم دوسلىرمىز بىلىدۇ . مۇشۇنچىلىك سۆزلەي .
|
|