ئالىپ تورى

 

 

ئىزدەش
ئالىپ تورى مۇنبەر تور كوئىنلۇن مۇنبىرى باشقۇرغۇچى ...
كۆرۈش: 173|ئىنكاس: 4
go

كوئىنلۇن مۇنبىرى باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ.

تەڭگە
116  
توردا
7 سائەت 
ھوقۇقى
50 
نادىر
تېما
8 
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-3 01:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالدىنقى ئاي كۈنلەردە مۇنبەرنىڭ بوشلۇق، ئىسىم مەسىلىسى تۈپەيلىدىن مۇنبەر تازا نورمال بولماي كەلگەن ئىدى، بۇ قېتىم مۇنبەر ھەقلىق ئىسىم ئېلىپ قىياس تور دۇنياسى تەمىنلىگەن بوشلۇققا رەسمى كۆچۈرۈلدى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئالدى بىلەن  قىياس تور دۇنياسىغا چىن دىلىمىزدىن رەخمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى رەسمىي تەرتىپكە سېلىپ، پاكىزە ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى غا ھەقىقى ئاۋاز قوشۇشنى خالايدىغان ئەل سۆيەر ئوغلانلاردىن مۇنبىرىمىزگە كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلار بولسا تاللاپ چىقىپ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار قۇشۇنىغا قوشماقچىمىز، ئىلگىرى باشقۇرغۇچى بولغانلاردىن ئىشلەشنى خالايدىغانلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسا بىز مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتسەك بولىدۇ، چۈنكى ئىلگىرى تەيىنلەنگەن باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر ئادرىسىنى بىلەلمىدىمۇ ياكى كىرىش خوشياقمىدىمۇ مۇنبەردىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان بولغاچقا ھەممىسى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرلىدۇ، يېڭىدىن باشقۇرغۇچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشنى، ئۇيغۇر تور مەدەنيىتىگە ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغانلار بولسا مۇنبەرگە تىزىملىتىپ ئاندىن مۇشۇ تېمىغا ئۆزىنىڭ ماتىريالىنى قالدۇرسا بولىدۇ.
باشقۇرغۇچى بولۇشنى خالايدىغانلارغا تەلەپ ئانچە ئېغىرمۇ ئەمەس پەقەتلا تۆۋەندىكى بىر نەچچە شەرتنى قۇبۇل قىلالىسا بىز شەرتسىز قۇبۇل قىلىمىز.
1. ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلىش
2. ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ساغلام تور مۇھىتىنى قوغداش
3. ئەخلاقلىق، سەمىمىي بولۇش
4. كومپيۇتېر ۋە تور بىلىملىرىدىن بەلگىلىك ئىقتىدارى بولۇش
5. كۈندە دېگۈدەك تورغا چىقالايدىغان بولۇش
6.مۇنبەرگە ھەپتىدە ئاز دىگەندە بىر دانە پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما يوللاش ئىقتىدارى بولۇش
7.مۇنبەرگە يوللانغان ھەر قانداق تېما-ئىنكاسنى تەستىقلاش ياكى ئۆچۈرۈشنى ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇش
8.مۇنبەردىكى تىزىملاتقان ھەر بىر ئەزا بىلەن ئىناق-ئىتىپاق ئۆتەلەيدىغان بولۇش
9.مۇنبەرنى تەشۋىق قىلالايدىغان، مۇنبەرنى ئاسىريالايدىغان بولۇش
يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشىدىغانلار بولسا مۇنبەردە ئىنكاس قالدۇرسا بولىدۇ.
باشقۇرغۇچى بولغانلار ھازىرچە تىما-ئىنكاسى تەستىقسىز چىقىش، يۇشۇرۇن يازمىلارنى ئىنكاسسىز كۆرۈش، ئادەتتىكى ئەزالار چۈشۈرۈشتە چەك قويۇلغان ماتىرياللارنى چەكلىمىسىز چۈشۈرۈش دىگەندەك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ناۋادا خالايدىغانلار بولسا تىزدىن ھەركەتلىنىڭ.
مۇنبىرىمىز تۇنجى قېتىم ئېچىلغان بولغاچقا ھازىرچە باشقا تەمىنلەپ بىرەلىگۈدەك چوڭ مۇكاپاتلىرىمىز يوق، ئەمما نىشانىمىزدا كىيىنچە مۇنبەردە بەزى بىر پائالىيەتلەرنى قىلماقچىمىز، شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىڭىزگە ئاساسەن مەلۇم دەرىجىدە نەپكە ئىرىشىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
ھۆرمەت بىلەن: كوئىنلۇن ئۇنۋېرسال مۇنبىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koinlun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-3 01:26  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەڭگە
1227  
توردا
826 سائەت 
ھوقۇقى
200 
نادىر
30 
تېما
105 
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-3 11:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق قوبۇل قىلغان باشقۇرغۇچىلار دەسلەپتە ئوتتەك قىزىپ ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يوقاپ كېتىدىكەن.
شۇڭا مەن ئالىپ تور بېتىگە ئىزچىل كىرىپ، تېما، ئىنكاس يوللاۋاتقان ئەزالارنى كۈزىتىپ، قىزىقىشى، ئەستايدىللىقىغا قاراپ باشقۇرغۇچى تاللاۋاتىمەن.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
40  
توردا
9 سائەت 
ھوقۇقى
100 
نادىر
تېما
1 
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-11 04:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭ كۈنلىرىم سەل قىس لىكىن  ھەر كۈنى ئەتگەن ۋە كەچ ۋاقتىم كەڭ تاشا ... خالىسىڭىز  ئالىپ ئەنۋەر ئەپەندىم  مىنى بۇ مۇنبەرگە باشقۇرغۇچى قىلىپ قويسىڭىز ياق دىمەيتىم....؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەڭگە
1227  
توردا
826 سائەت 
ھوقۇقى
200 
نادىر
30 
تېما
105 
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-11 11:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
1024 سىز بىرەر ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرىپ (1024 دىگەندەك سان بىلەن ئەمەس) تېمىدىن بىر-ئىككىنى يوللاڭ. يوللىغان تېمىڭىزغا قاراپ قايسى سەھىپىگە باشقۇرغۇچى بولىدىغانلىقىڭىزنى بېكىتەيلى.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
40  
توردا
9 سائەت 
ھوقۇقى
100 
نادىر
تېما
1 
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-12 01:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئەزەلدىن 1024 مۇشۇ ئىسىمنى قوللىنىپ كىلۋاتمەن  بىلىك ئىنتىل ۋە باشقا مۇنبەرلەدىمۇ شۇنداق .. 5 يىل بوپتۇ مۇشۇ ئىسىم بىلەن ... كوئنلون ئەپەندىمدىن سورسىڭىزمۇ بولىدۇ ئىشەنمەي  قالسىڭىز ،،،؟    1024庄严~سەلتەنەت      
مىنىڭ ھەممە سەھىپىگە  باشقۇرغۇچى بولغۇم بار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

دىققەت:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com QQ:632997108 Skype: alipuyghur

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-5-5 23:27 , Processed in 0.074483 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.